سېيىت نوچى داستانى

سېيىت نوچى داستانى (تولۇق نۇسخا)

قەشقەر خەلقنىڭ پىغانلىق كۆز يېشى بىلەن قوشۇلۇپ ئاققان تۈمەن دەرياسى بويىدا، كوزىچى يار بېشى قوينىدا سېيىت ئىسىملىك بىر ئەزىمەت بارلىققا كەلدى. ئۇ شىرنىڭكىدەك كەڭ كۆكرىكى، يولۋاس تاپىنىدەك ئالقىنى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. تۆت دەرۋازىنىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى غېرىپ - غۇرۋا، يېتىم - يېسىرلار ئۇنى ئۆزىگە ئاشىنا بىلدى.

ئۇ ئونبەش ياشقا بارغاندا تۆشۈك دەرۋازىدا بىر ناۋايغا نىمكار بولۇپ كىردى .


ئەلگەك بىلەن ئۇن تاسقاپ، ئۆتمەكتە ئۆمۈر،

ئەتىگەندىن كەچكىچە، ئەيلەيمىز خېمىر.

خېمىر تاۋلاپ بولۇپتۇ، بىلەكلەر تۆمۈر،

سېيىت نوچى گىردىسى دەپ، داڭقىم يېيىلدى.

داستىخانغا دەرمان بولۇپ، ماختاپ يېيىلدى،

بۇ گىردىنى ھەرياققا ئېلىپمۇ كەتتى.

ئالدى ئاقسۇ، ئارقىسى يەركەنگە يەتتى،

يېتىم - يېسىر باغرىنى ئۇ ماكانى ئەتتى.

نەچچە يىلدىن نىمكار ئىشلەش تەننى پىشۇردى،

بىلەكلەرگە دەرمان بېرىپ قۇۋۋەت ئاشۇردى.

بوزەك قىلسا بەگ - غوجاملار ئاجىز پۇقرانى،

قانداق چىداپ تۇرالايدۇ سېيىت ۋىجدانى.

ئاگاھ بەردى سېيىت كۆپ رەت، ھۆكۈمران بەگكە،

نەزەرگە ھېچ ئىلمىغاندا قېتىلدى سەپكە.


ئەلقىسسە، ئايلار ئۆتتى، يىللار ئۆتتى. سېيىت ئاخۇن گېلاۋخۇيچىلارغا قېتىلىپ سېيىت گاڭگۇڭ دەپ ئاتالدى. قان شورىغۇچ تىرىكتاپ بايلار، پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالدى. سېيىت نوچىنىڭ ئۈستىدىن دادلاپ ماتىتەينىڭ ئالدىغا بەگزادىلەرنىڭ ئەرىز - شىكايىتى ياغدى.


ئەمدى گەپنى سېيىت نوچىنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلاڭ:

قارا ساچىم يەلپۈنۈپ قاشىمغا چۈشتى،

تۈمەن سەۋدا بالالار باشىمغا چۈشتى.

بولدى مېنىڭ يۆلەنچىم گېلاۋخۇي ھاشىم،

چامباشلىقنى ئۈگەتتى ئۇ، جان - دوست ئاداشىم.

گېلاۋخۇيغا جەم بولدۇق، دارىنغا قارشى،

خىيانەتچى، پارىخور زالىمغا قارشى.

بەلنى باغلاپ يەڭ تۈرۈپ، كۆتۈردۇق غوۋغا،

مەيلى دېدۇق بىزنى باغلاپ، ئاسسىمۇ دارغا.

ھەر قەيەردە ئۆم بولۇپ، باشلىدۇق جىدەل،

ئەل ئاغزىدا داڭقىمىز بولۇپتۇ غەزەل.

قەشقىرىمدە ماتىتەي يارلىق چۈشۈردى،

سېيىت نوچىنى تۇتۇڭلار دەپ، بۇيرۇق چۈشۈردى.

يوقىتىلدى گېلاۋخۇي، زىنداندا ھاشىم،

زۇلۇم، كۈلپەت قاينىمىدا، قېلىپتۇر باشىم.

قەشقىرىمدە كۈن ئالماق تەس بولدى، كەتتىم،

ياۋا قۇشتەك ئايلىنىپ، ئاقسۇغا يەتتىم.

قەشقەردىنمۇ بەك غېرىپ - غۇرۋانە ئاقسۇ،

خاراپزارلىق ئوچىقى، ۋەيرانە ئاقسۇ.

راۋابىمنى ھەمراھ قىلىپ، يەتتىم كۇچاغا،

ئالتە چېرىك بىر بولۇپ ئالدى ئاراغا.

ئالتە چېرىك ئارىسىدا، شۇنچە مۇشتلاشتىم،

قارا شەھەر دەرۋازىسىنى، پەشۋادا ئاچتىم .


ئەمدى گەپنى قارا شەھەردىن ئاڭلايمىز:

ئەلقىسسە، سېيىت گاڭگۇڭ قاراشەھەرنىڭ بېقىنىدىكى، چوڭ كۆۋرۈكنىڭ قېشىدىكى، دەريانىڭ ئېقىنىدىكى خوجۇلۇق بونجالىققا كېلىپ راۋابىنى ئالدى، زەخمەك ئۇرۇپ تارىغا شۇنداق لەرزان چالدى، تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن ئەھلى جاپاكەش، مۇساپىرۇ مۇھاجىرلار ئۇنىڭ قولىغا قاراپ قالدى. راۋاپ ئاۋازى ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە بىر ئوت سالدى. بىر چاغدا سېيىت نوچى شۇنداق قاراپلا ھەيۋەت بىلەن باستۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر پارچە قارا بۇلۇتنى كۆردى. سېيىت ئاخۇن دېدىكى:

بۇ خۇدانىڭ كارامىتىمۇ

يا ئەزرائىلنىڭ مالامىتىمۇ؟

ياكى بىر كاساپەتنىڭ ئالامىتىمۇ؟ ..


سېيىت ئاخۇن سەپسېلىپ قارىغۇدەك بولسا، كېلىۋاتقىنى قارا بۇلۇت ئەمەس، ئات تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن توپا - چاڭ ئىكەن. ئاتلىقلارنىڭ ئالدىدا كېلىۋاتقىنى قاراشەھەرگە نامى پۇر كەتكەن بىر زالىمنىڭ بالىسى پور بايۋەتچە دېگەن چۈلە - زاڭ ئىكەن، ئۇنىڭ ئەخمەقلىقى، پوچىلىقى پۈتۈن قارا شەھەرگە داڭق ئىكەن.

پۇقرالار دېدىكى:

ھەي سېيىت نوچى، سېيىت گاڭگۇڭ!

ئالدىڭدىكى ئاتلىق پور بايۋەتچىدۇر،

خۇمسىلىقتا ئۆتۈپ كەتكەن بىر بەچچىدۇر،

ئاتارمەن - چاپارمەنلىرى قىرىق نەچچىدۇر،

ئۇنىڭ يۆلەك - پاناھى چوڭ،

خەلق ئالدىدا گۇناھى چوڭ،

ئۆزىنى شىر سانايدۇ،

نوچىلىقتىن تەمەيى چوڭ.

ئۇنىڭ ئۆزى ئۆتۈپ كەتكەن مۇتىھەم لالما،

ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئېلىشىپ قالما،

بەل تۇتۇشۇپ چېلىشىپ سالما،

بەل تۇتۇشساڭ دەس كۆتۈر، يانپىشىڭغا ئالما!


سېيىت نوچى شۇنداق قارىغۇدەك بولسا، پور بايۋەتچىنىڭ بىر قولىدا تىزگىن، بىر قولىدا قامچا، كەينىدە ئون نەچچە چېرىك غالچا، غالچىلار قولىدا نەيزە  كالتەك، ئارغامچا.

پور بايۋەتچە سېيىت ئاخۇنغا قاراپ دىۋەيلەپ ، ئۆز- ئۆزىچە كۆرەڭلەپ، نېمە دەيدۇ قېنى، قامچىسىنى تەڭلەپ:

قەيەرلىكسەن، نەلىكسەن؟ ئاتىڭنى سۆزلە!

راۋاپ - زەخمەك قولۇڭدا، زاتىڭنى سۆزلە!

ئاياغىمغا باش قويۇپ، دادىڭنى سۆزلە!

قەيەرلىكسەن، قەلەندەر، دىۋانىمۇسەن؟

يا بېشىڭغا كۈن چۈشكەن، سەرسانىمۇسەن؟

ۋە يا داچەن دەردىدە، ئاۋارىمۇسەن؟

ياكى ئوغرى - بۇلاڭچى، قاراقچىمۇسەن؟

قانداق غەرەزدە كەلدىڭ، ھالىڭنى سۆزلە!


سېيىت ئاخۇن بۇ ھاقارەتنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولۇپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، كېلىشكەن قاپقارا بۇرۇتىنى بىر تولغاپ قويۇپ، نېمە دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ دەڭلار!

ئەزىزانە قەشقەرنىڭ ـ سېپىل تېشىدىن،

شېرىن - شەربەت سۈيى بار، تۈمەن قېشىدىن.

خۇمدانچىلار مەھەللىسى ـ كوزىچى يار بېشىدىن،

چىققان سېيىت ئىسىملىك ـ پېقىر يىگىتمەن.

كىچىكىگە كىچىكمەن، چوڭىغا چوڭمەن،

پىششىقىغا پىششىقمەن، توڭىغا توڭمەن.

تەتۈرىگە تەتۈرمەن، ئوڭىغا ئوڭمەن،

مىسكىنلەرنىڭ مۇڭدىشى، ئامراق يىگىتمەن.

ئالداشنىمۇ ئۇقمايمەن، رەممال ئەمەسمەن،

يا قەلەندەر - دىۋانە، ئابدال ئەمەسمەن.

خەقنى ئۇرۇپ - سوقمايمەن، ئامبال ئەمەسمەن،

يامىنىدىن قورقمايمەن، چەبدەس يىگىتمەن.

نەگە بارسام ھەمرايىم، مېنىڭ راۋابىم،

چالسام سازىم، مادارىم، قىلسام تاۋابىم.

بىلمەك بولساڭ شۇ ساڭا، سۆزۇ جاۋابىم،

ئەزىزانە قەشقەردىن، چىققان سېيىتمەن.


پور بايۋەتچە دېدىكى:

ئەي يۇرت - ماكانى يوق ھارامزادە،

مەن بولسام ئارزۇلۇق بەگزادە،

كىيىم - سەرپايىلىرىم (بەكمۇ) ئازادە،

بەخت - دۆلەتتە ماڭا گويا شاھزادە.

مەن بولسام قاراشەھەردە ئاتالغان گاڭگۇڭمەن،

نامۇ شۆھرەتتە رۇستەمى داستانىدىن چوڭمەن.

قېنى كۈچ سىنىشايلى، بىر قەپەس ئېلىشايلى،

گاڭگۇڭ بولساڭ مەيدانغا چۈش، چېلىشايلى.


سېيىت نوچى دېدىكى:

سەندىن قورقۇنچ، دىشۋارىم يوقتۇر.

ساڭا ئاتار پەشۋايىم يوقتۇر.

بىر پەس ئارام ئالغىلى قوي،

ئىككى پەدە چالغىلى قوي.


پور بايۋەتچە دېدىكى:

پۇراپ باقساڭ مۇشتۇمنى،

يوقىتىسەن ھۇشۇڭنى،

بىر مۇشت بىلەن سېسىتاي،

جىگىرىڭنى - گۆشۈڭنى،

باش ئۇستۇڭگە قوندۇراي،

ئەجەل ماتەم قۇشۇڭنى!


پور بايۋەتچە شۇ سۆزلەردىن كېيىن سېيىت نوچىغا شۇنداق بىر مۇشت ئاتتى. مۇشتى قاڭقىپ كېتىپ ئۆزى ئېغىناپ بىر ئازگالدا ياتتى، زەي -پاتقاققا پاتتى. شۇ ئىزاغا چىدالمىغان پور بايۋەتچە سېيىت گاڭگۇڭغا شۇنداق بىر پەشۋا ئاتقانىدى، بايۋەتچىنىڭ پۇتلىرى سېقىراپ كەتتى، كاللىسى پېقىراپ كەتتى، ئۆزى بىلەن ئۆزى «ۋاي پۇتۇم!» دەپ چىرقىراپ كەتتى، ئۈنى بوغۇلۇپ خىرقىراپ كەتتى.

«يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ، توۋا قىلسا كۆڭلى قويماپتۇ» دېگەندەك، پور بايۋەتچە پۈتۈن كۈچىنى كاللىسىغا يىغىپ سېيىت نوچىنىڭ مەيدىسىگە شۇنداق ئۇستىكى، بايۋەتچىنىڭ باش- كۆزى زىڭىلداپ كەتتى، قۇلاقلىرى ۋىڭىلداپ كەتتى، پېشانىسى ھۈررەكلەپ سېسىق تۇخۇمدەك لىغىرلاپ كەتتى. بايۋەتچىنىڭ بېشى دوقىدىن ئۆتۈپ سوقىغا ئايلىنىپ كەتتى. خەلقى ئالەم ئالدىدا يۈزى تۆكۈلگەن، قەددى پۈكۈلگەن، يۈرەك چېكى سۆكۈلگەن پور بايۋەتچىنىڭ جېنى بوغۇزىغا قاپلاشتى، سېيىت گاڭگۇڭنىڭ ياقىسىغا كانىدەك چاپلاشتى:


- ھەي سېھىرگەي گاداي!

ئۆزۈڭگە سۈرە ئەپسۈننى ئۇرىۋاپسەن،

ئادەم سىياقىغا كىرىۋاپسەن.

يۈر يامۇلغا،

مەن شۇ يەردە سىرىڭنى ئاچاي،

باش- كۆزۈڭگە ئەدەپ دورىسى چاچاي!......


سىيىت نوچى دېدىكى:

مەرتەم - مەرتەم ئۈچ مەرتەم ئىدى. بۇنى ئۇقمايسەن.

ئۈچ نۆۋەتنى ساڭا بەرسەم ئۆزۈڭنى سورىمايسەن،

ئاستا دېسەم بەك دەيسەن،

داپقا چۈشكەن ماياقتەك سەكرەيسەن،

كۆرۈپ باق مېنىڭ كارامىتىمنى!

سېيىت نوچى پور بايۋەتچىنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپلا شۇنداق بىر كۆتۈرىۋىدى، ئۇ يىلتىزى يوق سېسىق كۆتەكتەك، پاشنىسى يوق ئەسكى ئۆتۈكتەك يۇلۇنۇپ چىقتى. سېيىت نوچى ئۇنى بىر قولى بىلەن شۇنداق ئايلاندۇرۋىدى، ئەييۇھەنناس! چاقپىلەكمۇ ئۇنداق ئايلانماس، پىر - پىر - پىر ......!!!

سېيىت نوچى ئۇنى قارا شەھەر دەرياسىغا شۇنداق ئېتىۋىدى، پور بايۋەتچە خۇددى داشقا چۈشكەن ماشتەك، تاغدىن چۈشكەن تاشتەك، كۆزدىن ئاققان ياشتەك، تۇز قويمىغان ئاشتەك، قىلىچ يىگەن باشتەك، دەريانىڭ قاق ئوتتۇرسىغا چۈشتى.

ئەمدى گەپنى قاراشەھەر ئامباللىرىدىن ئاڭلايمىز:

چېرىكلەر پور بايۋەتچىنى دەريادىن سۈزۈۋېلىشتى، ئۆزلىرىنىمۇ ئازراق تۈزۈۋېلىشتى. دېيىشتىلەركى:

سېيىت نوچى تولىمۇ قارام ئىكەن،

ئۇنىڭ خۇسۇسىدا بۆلەكچە ئويلاش ھارام ئىكەن،

كۈچ تۇرقىدا كۆڭلى ئارام ئىكەن،

كەمبەغەل پۇقرالار ئۇنىڭغا رام ئىكەن،

ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشساق بىزگە خوۋلۇق بولماس، چىرايلىقچە سوۋغا - سالام تارتۇق قىلىپ، بەزىسىنى ئارتۇق قىلىپ ئۇزىتىپ قويۇپ، ئۇ كەتكەندىن كېيىن بۇ زىياننى پۇقرالارغا چېچىپ بىرنى ئون قىلىپ ئۈندۈرۋالساق.

بۇ يامان نىيەتلىك غەرەزدىن سېيىت ئاخۇن تامامەن بىخەۋەر ئىدى. ئەتىسى ئۇلار قاراشەھەر ئېتىدىن بىرنى ئۇنىڭغا يوللۇق تۇتۇپ:

- ھەي سېيىت نوچى، سېيىت گاڭگۇڭ! بالىلار سېنى رەنجىتىپ قويغان بولسا بىز ناماقۇل! سەپىرىڭدىن يانمىساڭ، شەھىرىمىزدە ئۇزاق تۇرۇپ قالمىساڭ، - دېيىشتى.

سېيىت ئاخۇن:

- بولىدۇ، - دەپ جاۋاپ بېرىپ، يارۇ دوستلىرى بىلەن خوشلىشىپ ئاتقا بىر قامچا سالدى، ئىلىخوغا قاراپ يول ئالدى:

ئىلىخوغا بارماڭلار، يولى خەتەردۇر،

زىمىستان قىش نەشتىرى جاندىن ئۆتەدۇر.

مۇساپىرلار، دەرتمەنلەر يولدا ياتادۇر،

ئۆز يۇرتىنى ياد ئېتىپ، غەمگە پاتادۇر.

ئىلخوغا مەن بېرىپ، قالدىم بالاغا،

ياغاق يۈزلۈك چېرىكلەر ئالدى ئاراغا.

ئالتىسىنىڭ سۇندۇرۇپ ئۇتتۇر چىشىنى،

پەشۋا بىلەن مۇش بىلەن ياردىم بېشىنى.

ئىلى دەريا بويىدا چالدىم راۋاپنى،

جالاس ئەتتىم قۇل - يېتىمنى، تاپتىم ساۋاپنى.

قۇل - يېتىمنىڭ ياتقان يېرى پىتلىق ئاۋاختا،

قۇل - يېتىمغا ئاش بېرەركەن سۇنۇق تاۋاقتا.

ئاۋاختىنى ئاي يورۇقى، ئايدىڭدا چاقتىم،

قوش قولۇمنى قېيىق قىلىپ دەريادا ئاقتىم.

يىگىرمە ئالتە ياشىمدا، كۈنلەر چۈشتى باشىمغا،

ئەرزىمنى بايان ئەيلەي، يارۇ دوست قاياشىمغا.

ئەزىزانە قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بويۇم بار،

شەھەر كۆرۈپ يۇرت كۆرمەك، ئىچكە تولغان ئويۇم بار.

شەمۇشەنى ئايلىنىپ ئۈچتۇرپانغا كېپقالدىم.

قولغا ئېلىپ راۋاپنى، ھەر پەدىگە چېپقالدىم.

ئۇچتۇرپانلىق كۆڭلىگە سېيىت ئاخۇن يېقىپ قالدى،

ياقا يۇرتلۇق بولساممۇ سۆزلىرىم ئېقىپ قالدى.

يەتتى بولۇڭ پۇشقاققا يېيىلىپتۇ ئاتىقىم،

يول - يول ئىكەن ھەر ياقتا، ئەل - يۇرت بولدى ياتىقىم.

خالايىقلار دەر ئىدى: سېيىت نوچى كەلگۈسى،

ئۇنىڭ قەدىمى يەتمىكى، ياخشىلىقنىڭ بەلگىسى ...

نائەھلىلەر شۇ كەمدە، ئىچى ئاداپ ھالىمغا،

تۆھمەت توقۇپ ئۇستۇمدىن، ئەرىز قىپتۇ دارىنغا:

- سېيىت يۇرتنى ئازدۇردى ، ئوغرىلارنى جەم قىلىپ،

سىزگە ئورا قازدۇردى، بۇ يۇرتقا بالا تېرىپ.

ئۇنى يوقىتىڭ دەرھال، تۇخۇمى قۇرۇپ كەتسۇن،

ئۇ يالاڭتۆش غوۋغاچى، يەر يۇتۇپ چىرىپ كەتسۇن...

يالپاق بۇرۇن دوتەينىڭ، رەڭگىرويى ئۆڭۈپتۇ،

سېيىت توغۇرلۇق خىيالى، ھەر كوچىغا مېڭىپتۇ .


ھەممىگە ئايان بولغايكى، ئۇچتۇرپاننىڭ ئامبىلى ما شاۋۋۇ ئەسلىدە قەشقەرنىڭ دوتىيى بولۇپ، گېلاۋخۇيچىلارنى يوقىتىشتا داڭق چىقارغان چوڭ جاللات ئىدى. شۇ چاغدىن باشلاپ سېيىت نوچىنى تونۇيتتى. بىراق قەشقەردىكى چېغىدا سېيىت نوچىنى يوقىتىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەنىدى. گاڭگۇڭنىڭ تۇيۇقسىز بۇ يەرگە كېلىپ قالغانلىقى ئۇنى ناھايىتى ھەيران قالدۇردى. لېكىن ، ئۇ ئۇچتۇرپاندا سېيىت نوچىنى جايلىۋېتىشكە مۇمكىن ئەمەسلىگىنى بىلەتتى. بۇلارنى ئويلاپ يەتكەن بۇ ھىلىگەر يېڭى خىزمەت ئارقىلىق خاننىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشمەك خىيالىدا سېيىت نوچىنى ئۇجۇقتۇرىۋېتىش كويىغا چۈشۈپ، كونا ھۈنىرىنى ئىشقا سالدى:

ـ ھەي نوچى سېيىت گاڭگۇڭ، ئۇچتۇرپانغا خۇش كەپسەن،

مەن كۆرۈپ دىدارىڭنى، بولدۇم تولىمۇ خۇرسەن.

تەڭ كەچكەن ئەمەسمىدۇق، تۈمەن دەريا بويىنى،

تەڭ ئىچكەن ئەمەسمىدۇق، ئۇنىڭ شەربەت سۈيىنى.

تەڭ ئاڭلاپ ئەمەسمىدۇق، ھېيىت - ئايەمنىڭ كۈيىنى،

بىللە كۆرۈپ كەلگەن بىز ، ئەزىز قەشقەر باغرىنى،

ھېيىت - ئايەمدە تەڭ ئاڭلاپ، كاناي، سۇناي، ناغرىنى.

قەشقەرلىكنى كۆرگەندە تەنگە سىغماي كېتىمەن،

داستىخان سېلىپ ئالدىغا، ئىززەت - ئېكرام ئېتىمەن.

ھەي نوچى سېيىت گاڭگۇڭ، يۈرسەڭ، ئوردىغا بارساڭ،

ئۇستىخىنىڭ چۈشۈپ قالسا، بۇ يۇرتتا تۇرۇپ قالساڭ.

ماقۇل دەپ سېيىت نوچى، ئوردىدا تۇرۇپ قاپتۇ. پۇۋلەپ يەل بېرىش، ماختاش، جايىغا بېرىپ قاپتۇ. ئاق تەڭگە بىلەن چوكان، كۈنمۇكۈن كېلىپ قاپتۇ. يالپاق بۇرۇن ما دارېن، ھەر ياڭزا كۈلۈپ قاپتۇ.  ئاي، يىللار ئۆتۈپ مەزگىل، بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ. شۇنداق بىر كۈن ئىچىدە، سېيىت نوچى چۈشىدە، ئانىسىن كۆرۈپ قاپتۇ.

«قەشقەرگە كېتەيىن دەپ،

مىسكىن ئانا قېشىغا پات بېرىپ يېتەيىن دەپ،

قېرىغان چېغى يېنىدا، خىزمەت قىلىپ ئۆتەيىن دەپ.

ئۆز قولىدىن ئېشىنى، بىر قوشۇق ئىچەيىن دەپ.»

مانا شۇنداق ئويلاپتۇ، ئۆي بويىنى بويلاپتۇ. دارېن ئالدىغا كىرىپ، ئىجازەتمۇ سوراپتۇ.

ئەلقىىسە، سېيىت نوچى شۇ كۈنى تاڭ ئېتىش بىلەن ما دارېننىڭ ئالدىغا كىرىپ كەلدى ۋە ئەرزىنى بايان قىلدى:

قوي ئىزدەر قوزاسىنى، قوزىمۇ ئاناسىنى،

ھاۋادىكى قۇشلارمۇ، سېغىنار ئۇۋاسىنى.

سېغىندىم يۈرەك - دىلدىن،

ئانام مېھرىبانىمنى.

سېغىندىم ـ ئېتى مەمەت،

ئۇكامنى ـ غەمگۇزارىمنى.

تۈمەن دەريا سۈيىدىن، تويغىچە يۇتاي دەيمەن،

غەمگۇزارىم ئانامنىڭ، ئالدىدا ئۆتەي دەيمەن.

يار بېشىدا ئولتۇرۇپ، راۋابىم چالاي دەيمەن،

غېرىپ - غۇرۋا، يارەننىڭ كۆڭلىنى ئالاي دەيمەن.

قەشقەرگە باراي دەيمەن، مېھرىگە قاناي دەيمەن،

ما دارېن ئىجازەت بەر، يولغا ئاتلىناي دەيمەن.


ما دارېن شۇنداق جاۋاپ بەردى:

ئىجازەت بېرەي دېسەم، مەن ساڭا چىدالمايمەن،

باشتىلا دېمەپمىدىم، سەندىن ئايرىلالمايمەن.

ئىجازەت بېرەي، گاڭگۇڭ، چارەم يوق بۆلەك ياڭزا،

يوللۇقۇم بېرەي ياچەن، تېخى بىر چىلىم غاڭزا.

يالغۇز ئانىغا سەندەك، جان كۆيەر ئوغۇل لازىم،

ئالدىغا بېرىپ دەرھال، ئاڭا ئەيلىگىن تازىم.

قەشقەردىكى تىتەيگە خەت يېزىپ بېرەي ئەكەت،

خەتنى كۆرسە ما تىتەي، دەيدۇ ساڭا كۆپ رەھمەت.

سەن ئۆزۈڭ سېيىت گاڭگۇڭ، قىلدىڭ بىزگە كۆپ خىزمەت،

ئەجرىڭ قەدرىگە لايىق، مەنمۇ بىلدۈرەي ئىززەت.

بۇ خېتىمنى ئاپىرىپ، بەر تىتەينىڭ ئۆزىگە،

سېنى باشلىق قىپ قويار، تۆت دەرۋازىنىڭ بىرىگە،

باشلىق بولۇپ شۇندا سەن، ئويناپ - كۈلۈپ ئۆتەرسەن،

گاڭگۇڭ نامىڭغا لايىق، مۇرادىڭغا يېتەرسەن.

بۇ يۇرتتىن كېتەر بولدۇڭ، ئىچىمگە سېلىپ ئوتنى،

ئەتە يولغا چىق گاڭگۇڭ، تەييارلاپ قوياي خەتنى.

ئەلقىسسە، ما دارېن ئۇخلىماي خېتىنى يازدى، گاڭگۇڭنىڭ ھايات يولىغا ئەجەل خەندىكى قازدى. ئەتىسى سېيىت نوچى بۇ خەتنى ئېلىپ، قوينىغا قاتلاپ سېلىپ، دارېن ئالدىدىن چىقىپ جاپاكەش پۇقرالارغا تويماي بېقىپ، يۈرىكى شامدەك ئېقىپ شۇنداق دېدى:

- خوش بۇرادەر، يارەنلەر،

بىللە ئويناپ ئۆتكەنلەر.

ئۆزرۈمنى ئېيتىپ قالاي،

قەشقەرگە كېتىپ قالاي. 

داغى پەرزەنت ئانامنىڭ،

قان قېرىنداش ئۇكامنىڭ،

مېھرىگە قېنىۋالاي.

قىلغان بولسام مەنمەنلىك،

ئۆتكەن بولسا سەھۋەنلىك،

كەچۈرۈڭلار، يۇرتداشلار،

خەير - خوش، قېرىنداشلار .

ئەلقىسسە، سېيىت نوچى يار - بۇرادەرلىرى بىلەن خوشلىشىپ قەشقەرگە قاراپ يول ئالدى. ئۇچتۇرپاندىن ئۇزاپ كەتكەندە، مارالبېشىنىڭ تۇمشۇقىغا يەتكەندە نوچىنىڭ ئېتى شورلۇق يەرگە پاتتى. سېيىت نوچى ئاتتىن چۈشۈپ كۆتۈرۈپ تارتتى. تۇز ئارتقان ئېشىكىنى ھەيدەپ پاتقاقتىن ئامان چىققان بىر تۇزچى بوۋاي بۇ ھالنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. سېيىت نوچىغا ياردەملىشىپ ئاتنى تارتىۋالدى.

تۇزچى بوۋاي ئېيتتىكى:

ـ ئوغلۇم سېنىڭ چىرايىڭ، زەپمۇ ئىللىق كۆرۈندى،

ئېتىڭ پېتىپ شورلۇققا، خەۋىپتىن خەتەر بىلىندى.

سەپىرىڭدىن بىر گۇمان، ئايان بولدى كۆڭلۈمگە،

مەنزىلىڭگە يەتكۈچە، ئاگاھ بولغىن ئۆزۈڭگە.

ئېيىتقىن نېمە قىسمەت بار سەپىرىڭدە، ئىشىڭدا؟

ئۆتكەن قانداق خىسلەت بار سېنىڭ مىسكىن بېشىڭدا؟

ئەلقىسسە، سېيىت نوچى تۇزچى بوۋايغا سەرگۈزەشتىلىرىنى ھىكايە قىلىپ بەردى. ما دارېننىڭ خېتىنى قوينىدىن ئېلىپ پوتىسىغا مەھكەم تۈگدى.

تۇزچى بوۋاي ئېيتتىكى:

ـ ھەي ئوغلۇم، ئۇشبۇ خەتنى يېنىڭدا ساقلاپ يۈردۈڭمۇ؟ خەتنى ئېچىپ ئوقۇپ كۆردۈڭمۇ؟ بۇ زاماننىڭ ئامباللىرىدا ئىنساپ قالمىدى. نادانلىق قىلىپ، تەۋەككۇل كەمىرىدە بېلىڭنى باغلىما، دارېننىڭ خېتىنى سەل چاغلىما، پالاكەت باسمىسۇن سېنى، خەتنى ئېچىپ ئوقۇپ باقايلى قېنى.

سېيىت نوچى ئېيتتىكى:

ـ ئامانەتكە خىيانەت، نامەرد ئىشىدۇر!

پالاكەتنىڭ ئامرىقى، قورققاق كىشىدۇر!

ھاياتىمدا نامەرتلىك قىلغان ئەمەسمەن،

جاننى ئالتۇن - كۈمۈشكە، ساتقان ئەمەسمەن.

كەلسە ئەجەل ناۋادا، جاننى ئالادۇر،

سۇلار ئېقىپ ئاستىدا، تاشلار قالادۇر.

قەشقىرىمدە يارەن كۆپ، يالغۇز ئەمەسمەن،

كىمكى قىلسا يامانلىق، ئادەم دىمەسمەن.


تۇزچى بوۋاي ئېيتتىكى:

ـ خەير، ئوغلۇم، ساڭا ئاقيول بولسۇن،

خەۋپ - خەتەر سەندىن يىراق تۇرسۇن.

دۈشمىنىڭ قان قۇسۇپ ئۆلسۇن،

دوستلىرىڭ شاد - خورام كۈلسۇن.

ئەلقىسسە، سېيىت نوچى تۇزچى بوۋاي بىلەن خەيرلىشىپ ئېتىغا يەنە مىندى، ئالغا قاراپ يول يۈردى. يولنى كۆپ بېسىپ، كۆرگەنلا يەردە كىشىلەر قازان ئېسىپ، ئاخىر دەمدە قەشقەرگە يېتىپ باردى. قان - ياش ئاقار تۈمەن دەرياسى بىلەن كوزىچى يار بېشىنى كۆردى.

سېيىت نوچى دېگەن گاڭگۇڭ، دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقسا.

ئانا مېھرىنىڭ شامى، باغرىدا ئېرىپ ئاقسا.

ھەر ياقتىن خاراپ يۇرتى، ھەسرەت ئوتىنى ياقسا.

تۈمەن تولغۇدەك قان - ياش، تۇرماي تامچىلاپ ئاقسا. 

ياش قۇيغان كۆزلەر بىرلە، تويماي ھەر تامان باقسا.

ئىشىككە كېلىپ قاقسا، ئىشىك تاقىلىپ قاپتۇ، چىراغمۇ ئۆچۈپ قاپتۇ. ئانىسى غېرىپ مەزلۇم، ئاھ . . . چېكىپ يېتىپ قاپتۇ ، غەملەرگە پېتىپ قاپتۇ ، ئۇخلاپمۇ قېتىپ قاپتۇ.

جان ئانا ... جېنىم ئانا .... دەپتۇ سۆزىنى باشلاپ. ئاڭلىتالماي ئۆگزىگە، قوشلاپ چالمىنى تاشلاپ. يەنە تەكرار توۋلاپتۇ، بوتىلاقتەك بوزلاپتۇ. جاراھەتلىك باغرىنى، ھەسرەتلىرى تۇزلاپتۇ، توۋلاشلىرى تېزلەپتۇ. ئاخىر ئاڭلاپ ئانىسى، ياندۇرۇپتۇ چىراغنى. ئويلاپ يېقىن - يىراقنى، ئىچىنى خىيال ئوراپتۇ، كىملىكىنى سوراپتۇ.

ـ جان ئانا، جېنىم ئانا! - دېگەن بىر سادا كەلدى . - ئىشىكنى ئاچ، جان ئانا! مۇساپىر بالاڭ كەلدى.

شۇ سۆز بىلەن ئانىسى ئىشىككە ئوقتەك ئېتىلىپ، سۆزگە قان - ياش قېتىلىپ. بوينىغا گىرە سېلىپ:

- ھارماڭ، بالىكام! - دەپتۇ.

يىرتىق دەستىخان ئېچىلىپ، گۈلە قاقلار چېچىلىپ، ھىجىردا چاي ئىچىلىپ، ئۆيگە ئادەم تولۇپتۇ، تۈنمۇ تامام بولۇپتۇ.

ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا، مۇئەززىن ئەزان ئېيتقاندا، سېيىت نوچى جامەدە جامائەتنى كۆرۈپتۇ. يىغلاپتۇ ھەم كۈلۈپتۇ. ئۆيگە قايتىپ كېلىپتۇ، ئېگىلىپ سالام بېرىپتۇ. پەستە تۇرۇپ قول باغلاپ، چاپان كىيىپ بەل باغلاپ، ئانىسىغا خۇش قاراپ، شۇنداق بىر سۆز قىلىپتۇ:

ـ مەن يامۇلغا كىرەيمەن، ما تىتەينى كۆرەيمەن. ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا، ھۆرمەت سالام بېرەيمەن. سوڭرە ئامانەت خەتنى، ئۆز قولىغا بېرەيمەن.

شۇنداق دەپ سېيىت ئاخۇن، ئىجازەتنىمۇ ئاپتۇ. خۇداغا ئامانەت دەپ، ئانا ئىشىكتە قاپتۇ.

خەتنى ئوقۇپ ما تىتەي، باشنى ئاستا چايقاپتۇ. يۇمشاق كۈلكىدىن نوچى، ھەر ئەھۋالنى بايقاپتۇ. شۇندا تۇزچى بوۋاينى، دەررۇ يادىغا ئاپتۇ. شۇ ئوي، شۇ خىيال بىرلە، تىتەيگە قاراپ قاپتۇ.

سوڭرە سۆزلەپ ما تىتەي: «ئۈچ كۈنلۈك سۈرۈك» دەپتۇ. «ئۈچ كۈن كېيىن يامۇلغا سەن ئۆزەڭلا كەل» دەپتۇ. «بىز كېڭەشنى پۈتتۈرسەك، پىشانەڭگە يېزىلغان كارامەتنى كۆر» دەپتۇ.

ئۈچىنچى كۈن سېيىت ئاخۇن، ئاجايىپ چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە تېخى شۇنچە، نۇرغۇنلا ئىش كۆرۈپتۇ:

چوڭ يولدا كېتىپ بېرىپ، قارا ئىتنى كۆرۈپتۇ، ئويغىنىپ ئۇ ئويلاپتۇ، باش - ئاياغدىن ئويىنى. دەرھال بېرىپ ھاممامغا، سۇغا ساپتۇ بويىنى. ئانىسىغا سۆز قوشۇپ، دەپتۇ:

سەندىن سورايمەن،

بۈگۈن ئۇلۇغ جۇمئ‍ە كۈن.

ئاپپاق غوجامغا چىقىپ،

ناماز ئوقۇپ كىرەيمەن.

ئانا بېرىپ ئىجازەت، ئىشىك تۈۋىدە قاپتۇ. دۇئا بىرلە سېيىت ئاخۇن، ھەزرەت ياققا يول ئاپتۇ ...

ئاڭلىناتتى ھەر ياقتىن، دەرت - ئەلەم، پىغان زارى،

تاشۋايدەك راۋاپچىنىڭ، ئۈزۈلگەن يۈرەك تارى.

ئۈجمىلىك باغ ئەتراپى، ئايلىنىپتۇ مازارغا،

يالىڭاچ تەن، يوقسۇللار، چىقالماپتۇ بازارغا.

ئارىلاپ سېيىت نوچى، كۆردى ئەلنىڭ ھالىنى،

بۇلاپ ئالغان ئاچ كۆزلەر، يۇرتنىڭ بار - يوق مالىنى.

كۆزى چۈشتى ھەر يەردە، ياخشى بىلەن يامانغا،

يۈرىكىدە ئوت ياندى، لەنەت ئوقۇپ زامانغا.

ھەممە يۇرتتا خار پۇقرا، دەرت ئەلەمگە يار پۇقرا،

قان يىغلايدۇ ھەسرەتتە، بۇردا نانغا زار پۇقرا.

ئاھ ... خۇدايا، ئالەمنى، ئۆزۈڭ ئالغان ھۆددەڭگە،

رەھىم - شەپقەت قىلساڭچۇ، بىزدەك مىسكىن بەندەڭگە.

ئالەمىڭنى كەڭ قىلىپ، زامانەڭنى تار قىپسەن،

ئادىمىڭنى ئەلەملەپ، ئىت - ئېشەكتەك خار قىپسەن.

شاپائەت قىل قەشقەرگە، شەپقىتىڭنى ياغقۇزغىن،

قانغا تويماس زالىمنى، ئۆزۈڭ زاۋال تاپقۇزغىن.

سېيىت نوچى ھەر يەردە، يىرتىق چاپان، تون كۆردى،

توننى بويلاپ تۆكۈلگەن، لەختە - لەختە خۇن كۆردى.

يۈرەك باغرى ئۆرتىنىپ، كاۋاپ بولۇپ ياناتتى،

ساماۋەردا ئولتۇرۇپ، ئىچ - قارنىنى تولدۇرۇپ،

ئەل - يۇرت بىلەن مۇڭدىشىپ، دىدارىغا قاناتتى.

ساماۋەرنىڭ چۆرىسى، ئادەم بىلەن لىق تولغان،

ئۇلۇغ - ئۇششاق قەشقەرلىك، ئەتراپىغا جەم بولغان.

چىقىپ كەپتۇ بىر چاغدا، بىر توپ چېرىك ئات بىلەن،

يارلىق ئېلىپ يامۇلدىن، تىتەي يازغان خەت بىلەن.

چېرىك سالام بېرىپتۇ، قاتارلىشىپ تۇرۇپتۇ،

سېيىت ئۇقۇپ ئەھۋالنى، دەرھال يولغا يۈرۈپتۇ.

دوست - يارەنلەر ئەگىشىپ، تولىسى گەپ تەرگىشىپ،

يۈرگەندە تېز يۈرۈپتۇ، كۆپ خىياللار سۈرۈپتۇ،

تۈندە كۆرگەن چۈشىنى، يول توسقان قارا ئىتنى، قانچە تەكرار كۆرۈپتۇ.

شەھەرگە يېقىن كەلگەندە، قارىغا٭ سۇ بەرگەندە،

كۇسۇلدىشىپ چېرىكلەر، سۆزلەشكەننى كۆرگەندە،

- نېمە گەپ؟ - دەپ سوراپتۇ، جاۋابىنى تىڭشاپتۇ.

باغلاپ ئەكىر دېگەننى، چېرىكلەردىن ئاڭلاپتۇ.

ئاڭلاپتۇ - دە دەرھاللا، ئۆز - ئۆزىنى ئوڭلاپتۇ،

بەلنى مەھكەم باغلاپتۇ، باغلاڭلار دەپ قولىنى، ئارقىسىغا جۇغلاپتۇ.

ئۇ ئۆزىنى يولۋاستەك، گويا شىردەك چاغلاپتۇ،

چېرىك دېگەن تىترىشىپ، چىۋىن ئوخشاش چىرمىشىپ، سېيىت ئاخۇننى باغلاپتۇ .

ئاندىن بىر سۆز ئاڭلاپتۇ:

ھىچ گۇناھ يوق سىلەردە ، خاننىڭ ۋاجىپ يارلىقى،

يۇرت جامائەت خوش ئەمدى،

رىزا بولسۇن قەشقەرلىك، ئۇلۇغ - ئۇششاق بارلىقى!

يۇرت شۇ سۆزنى ئاڭلاپتۇ ، يۈرەك باغرىن داغلاپتۇ. كۆكرەك كېرىپ سيىت ئاخۇن، ئالغا ماڭغان چاغلاردا ھەممە ھۆر - ھۆر يىغلاپتۇ.


ئەمدى گەپنى قەشقەرنىڭ دارېنلىرىدىن ئاڭلايمىز:

ئۇ پۇقرالار بىلەن دىدار كۆرۈشۈپ بولغۇچە يوق قىلىۋەتمىسەك بىزگە ئامانلىق بولماس، شۇڭا دەرھال سەكسەن چېرىك ھازىر بولسۇن، سېيىت نوچىنى تۇتۇشقا يۈرسۇن، سېيىت نوچى گۇندىخانىغا كەلتۈرۈلسۇن. سېيىت نوچىنى ئاشۇنداق كەلتۈرۈشتى. سېيىت نوچى ما تىتەينى كۆرمەك تەلىپىنى بەردى. تىتەي قوبۇل كۆردى.


سېيىت نوچى شۇنداق دەپتۇ:

كېزىپ دەشتى باياۋان، ئاشتىم تاغ - داۋان،

نەگە بارسام پۇقرانىڭ ھالى بەك يامان.

رەڭگى سۇلغۇن، زەپىران، باغرى لەختە قان،

ئىچكىنى ئوغا، زەھەر، چەككىنى پىغان.

ئۇچتۇرپاندا مادوتەي، يېزىپ بەردى خەت،

سىزگە تىلەپ ئامانلىق، بەخت - پاراغەت.

ما دوتەينىڭ خېتىنى، مەندىن ئالدىڭىز،

ئەمدى نىچۈن بىلمىدىم، ئاينىپ قالدىڭىز؟


ئەلقىسسە، ما تىتەي مۇغەمبەرلىك بىلەن سېيىت گاڭڭۇڭغا قاراپ قالدى، خۇپسەنلىك بىلەن ھېچنىمىنى ئۇقماس كىشى بولۇۋېلىپ ئۆز يېغىدا ئۆزىنى قورۇشقا پۇرسەت تاپتى، ھىلە - مىكىرلىك نىقابىنى يۈزىگە تارتتى:

— ھەي نوچى سېيىت گاڭڭۇڭ،

ئۆزۈڭنىڭ ئۆلۈم نامەڭنى، سەن ئۆزۈڭ ئېلىپ كەپسەن،

مېنىڭ بۇ يۈرىكىمگە، نادامەت سېلىپ كەپسەن.

خەت بىلەن مېنىڭ بىلسەڭ، كۆكسۈمگە پىچاق پاتتى،

قانداق قىلىمىز، گاڭڭۇڭ، ئەجەپمۇ بېشىم قاتتى.

مەن ساڭا ئىدىم ئامراق، ئۆلتۈرەي سېنى قانداق؟

ئۆلتۈرمەي دېسەم نوچى، خاننىڭ يارلىغى شۇنداق.


+ ئەي ئامبال، — دېدى گاڭڭۇڭ، تەڭلىكتە تۇرۇپ قالما،

خاننىڭ ئالدىدا ئاسىي، گۇناھكار بولۇپ قالما.

چېرىكلەرگە ئېيىت دەرھال، مىلتىقىغا ئوق سالسۇن!

مويتۇڭزىغا ئېپچىقىپ، ھايالسىز جېنىم ئالسۇن،

ئەزىزانە قەشقەرلىك، مېنى بىر كۆرۈپ قالسۇن! ...


جاللاتلار كېلىپ شۇ دەم، بوينىغا تاقاق سالدى. پۇتىغا سېلىپ ئىشكەل، زىندان باغرىغا ئالدى. ئون تۆت كۈن ئۆتۈپ كەتتى، تاقىتى تۈگەپ كەتتى. مەرت يىگىت سېيىت گاڭڭۇڭ، سۆزىنى بايان ئەتتى، دېدى ئۇ:

— چىدامىم يوق، يا بۆلەك تەمەيىم يوق، ئۆلتۈرسەڭ بۈگۈن ئۆلتۈر، جۈمە كۈن كېلىپ يەتتى . . . . . . .

جەم بولۇشتى ئامباللار، يەڭڭۈشلىشىپ تامباللار: «داچەي ھارۋۇنى قوش!» دەپ يارلىق قىلدى دەرھاللا . تۆت ئاتلىق يوغان ھارۋا، تەييار بولدى تەخ بولدى. سېيىت نوچىنى ئاتماققا، ئېلىپ ماڭار ۋاخ بولدى. ئات ھارۋىنى قاتقاندا، توققۇز پاي پو ئاتقاندا، تۆت دەرۋازىغا يۈزدىن تۆت يۈز چېرىك پاتقاندا، يورغىلىشىپ ھەريانغا، تېپىرلىشىپ ياتقاندا، تەشۋىش تولغان باشلىرى، قارا تاشتەك قاتقاندا، سېيىت نوچىنى چىڭ باغلاپ، ئوردا ئالدىغا ئېپ كەلدى. ئۇ ھارۋىدا تىك توختاپ، شۇنداق سۆزنى دەپ كەلدى:

— خوش، ئامان بول قەشقەرلىك، جانجىگەرلەر ـ تۇققانلار!

بۈگۈن جۈمە قۇلاق سال، سۆز قەدرىنى ئۇققانلار.

جامائەت جەم بولۇپسىز، مېنىڭدىن بولۇڭ رازى،

مەھشەردە كۆرۈشكەيمىز، بولغاندا خۇدا قازى.

گۇناھسىز ئۆلەر بولدۇم، نادانلىق بالاسىدىن،

كىملەر قۇتۇلۇپ قالغان، زالىمنىڭ جازاسىدىن!

ئەي قەشقەرلىك، قەشقەرلىك، مېنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!

مەندەك بولماي دېسەڭلار، ھەرگىز نادان بولماڭلار!

نادانلىق ئېلىپ كەتتى، يىگىتلىكتە باشىمنى،

مېنىڭدەك ئېلىپ كەتكەن، ھاشىمدەك ئاداشىمنى.

خەتنى بىلمىگەن ئادەم، بېشىدا كېزەر ماتەم،

خەت بىلمەس نادانلارغا، قاراڭغۇ ئىكەن ئالەم.

ئوقۇڭلار ئۆزۈڭلارمۇ، تەلىم ئالسۇن ياش باللار،

قەلبىڭلاردا قېپ قالسۇن قىساسىڭلار ـ ئەنتىڭلار! .....

مەمەتخان ئىنىم قالدى، جان ئانام ئۇنى باقسۇن،

مەيلى ئاتسا زالىملار، قەشقەرگە قېنىم ئاقسۇن.

قەبرەمنى كۆرۈپ خەلقىم، ئىبرەت ئالغۇسى مەندىن،

قان قەرزىم قىساسىمغا، ئۈمىد كۈتىمەن سەندىن.

رازى بولغىن قەشقەرلىك، ئەل - يۇرتداشلار خوش ئەمدى،

بىللە ئويناپ تەڭ ئۆسكەن يارۇ دوستلار خوش ئەمدى! . . . . . .


خالايىق نىدا ئەيلەپ، ياشنى تولدۇرۇپ كۆزگە، مۇڭ - زارى ناۋا ئەيلەپ، چۈشتى نالىلىك سۆزگە:

كاج پەلەكنىڭ قىسمىتى، بۇ كۈننى ساپتۇ سىزگە،

كۈن ئالماق بۇ قەشقەردە، بولمامدۇ راۋا بىزگە؟! . . .

بىرنى ئوق بىلەن ئاتسا، ئوننى جادۇغا باسسا،

يۈزنى دارغا ئاسسا، مىڭلاپ گۇندىدا ياتسا،

ئادەم بېشىنى توغراپ، تاغنىڭ تېشىغا قاتسا،

دەرتمەن بىر گۇناھكارغا، مىڭىنى ئېلىپ چاتسا.

بۇ ئالەم زىمىستانلىق، بولدى بىر گۆرىستانلىق.

گۆرىستاندا ئۆتەرمۇ، بەختى قارا قەشقەرلىك .........

سېيىت ئاخۇن، سېيىت گاڭڭۇڭ، يۇرتتىن رازىلىق ئالدى. ھارۋىمۇ قومۇشبازىرى يېنىغا بېرىپ قالدى.

— ئات! دېدى سېيىت گاڭڭۇڭ ھارۋىدىن تۆۋەن سەكرەپ:

— ئات جاللات! ئۇدۇللاپ ئات!! يۈرەككە ئۇدۇل چەنلەپ!


چېقىر كۆزلۈك بىر جاللات، مىلتىقىنى راسا بەتلەپ،

سېيىت گاڭڭۇڭنىڭ ئالدىدا، تۇردى كۆزىگە تەڭلەپ.

ئارقا ياقتىن جىڭ جاللات، دەرھال تەپكىنى باستى،

پىستان چېقىپ مىلتىقى، ئۆزى يىقىلىپ ياتتى.

ئىككىنچى رەت ئاتقان ئوق، كېلىپ تەگدى تاغاققا،

سېيىت ئاخۇن دېدى شۇ دەم، مىلتىق ئاتقان جاللاتقا:


— مېنى ئاتساڭ ئۇستاڭ ئات، نائۇستاڭ يېقىن كەلمە!

سول كۆكسۈمنى چەنلەپ ئات، جا ئۇستاڭ يېقىن كەلمە ...

— مە، ھەققىڭنى ئاق تەڭگە، — دېدى سۆزىنى باشلاپ،

بىر سەرلىك كۈمۈش پۇلنى، جاللات ئالدىغا تاشلاپ.

جاللات ئالدى ياچەننى چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ،

تەلەپكە مۇۋاپىق ئۇ، ئۈچ ماڭدام كېيىن قايتىپ ......

سېيىت ئاخۇن سېيىت گاڭڭۇڭ، تىك تۇرار ئىدى سۆزلەپ،

ماداخۇ دېگەن جاللات، ئاتتى جايىنى كۆزلەپ.

يەتتە پاي ئوق تەككەندە، ئىگىز چىنار يىقىلدى،

ھەيۋەت بىلەن گۈلدۈرلەپ، كۆكتە چاقماق چېقىلدى ...

قەشقەر ئاسمىنى بويلاپ، ئۇچمىغان بۈگۈن كەپتەر،

سىم - سىم تۆكۈلەر يامغۇر، بۇلۇتلار كېزەر كۆكتە.

قاغىلار قاقىلدايدۇ، سېپىلدىكى پوتەيدە،

بىزگە شەپقەت بارمىكىن، شىيەنگەن بىلەن دوتەيدە؟!

دوتەي بىلەن شەنگەننىڭ، ئىچكەنلىرى قان بولدى،

قەشقەرلىكنىڭ كۆز يېشى، سەل بىلەن قىيان بولدى.

شەنگەن بىلەن دوتەينىڭ، كىملىگى ئايان بولدى،

دەرت تولغان يۈرەكلەردىن، بۇ سۆزلەر بايان بولدى.

سېيىت ئاخۇن، سېيىت گاڭڭۇڭ، جېنىدىن جۇدا بولدى،

ئەزىزانە قەشقەرنىڭ شۇڭقارى ئادا بولدى .......

سېيىت ئاخۇن ئۆلۈپ كەتتى، تۇپراققا كىرىپ كەتتى،

بۇ ئالەم - مۇسىبەتتىن يۈرەككە خۇن تولۇپ كەتتى.

چالدى چاكىچاك قەشقەر، موڭ تولغان راۋابىنى،

ئايەم كۈنلىرى كەلسە تەرك ئەتمەي تاۋابىنى.

موڭلۇق قەبرىگە سۈركەپ، باغرىنىڭ كاۋابىنى،

ئوغلىغا دۇئا ئەيلەپ، يوللىغاي ساۋابىنى.

ئۆلمىسەك ئىچەرمىز دەپ، تاڭ ۋەسلى شارابىنى.

ئۇلىنىش تەھرىرلەش

سېيىت نوچى داستانى