سېۋرېي مەڭگۈ تېشى

بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىق 1969-يىلى موڭغۇلىيەنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى بىلەن تۇتىشىدىغان سېۋرېي دېگەن يېرىدىن (يەنى ئىدزىنغۇل دەرياسىنىڭ سۈيى قۇيۇلىدىغان گاخون، سوغ دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى كۆلنىڭ شەرقىي شىمالىدا) تېپىلغان. بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ بىر يۈزىگە يەتتە قۇر سوغدىچە خەت ئويۇلغان بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇنچىلىققا ئۇچىرىغان بولغاچقا، بەزى مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش خېلىلا قىيىن. رۇس تۈركولوگى كىلياشتورنى بۇ يادىكارلىقنىڭ سوغدىچە قىسىمىدىكى «ئۇيغۇر قاغان»،ۋە قەدىمكى تۈركچە قىسىمىدىكى « ئىنگى ياغلاقار» دېگەنگە ئاساسلىنىپ، سېۋرېي مەڭگۈ تېشى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى بۆگۈ قاغان (759-780-يىلار) دەۋرىگە مەنسۇپ، ئۇ بۆگۈ قاغان تاڭ سۇلالىسىدىكى ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپلىڭىنى باستۇرۇپ بولۇپ چاڭئەندىن ئايرىلىپ موڭغۇلىيە ۋادىسىدىكى دۆلىتىگە قايتىپ كېتىۋېتىپ چېگرىسىغا كەلگەندە ئورناتقان تۆھپە خاتىرە تېشى، دەپ قارايدۇ. بىراق ئېلىمىز تۈركولوگى گېڭ شىمىن قاتارلىقلار بۇ مەڭگۈ تاشنى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بىرىنچى قاغانى دانىشمەن قاغان ( 933-يىلىدىن ئىلگىرى تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىگە مەنسۇپ، دەپ قارايدۇ.