سەكسەن يىللىق ئۇرۇش

سەكسەن يىللىق ئۇرۇش ياكى گوللاندىيە ئىسيانى (1568 - 1648)، گوللاندىيىدىكى 17 ۋىلايەتنىڭ ئىسپانىيە ئىمپېرىيىسىگە ([[ھابسبۇرگ) قارشى قوزغىغان ئاياقلىنىشى.

سەبەبى تەھرىرلەش

16. ئەسردە ئۇرۇش ۋە مىراس يولى بىلەن ئويمان دۆلەتلەر رىم ئىمپېراتورى شارلكېننىڭ قولىغا ئۆتتى. گوللاندىيەلىكلەر مۇستەقىللىقنى خالايتتى. 1548 دە كارل V ەوللاندىيىنىڭ ئون يەتتە ۋىلايەتىگە ئاپتونوم ھۇقۇقى بەردى. ئەمما شارلكېننىڭ ئوغلى ڧېلىپ II، دادىسىنىڭ ئەكسىچە گوللاندىيىگە يول قويماسلىق تەرەپتارى ئىدى. ئىنتايىن تەقۋا بىر كاتولوك بولمىش ڧېلىپ II گوللاندىيەدە يېيىلىۋاتقان پروتېستانلىقتىن مەمنۇن ئەمەس ئىدى. گوللاندىيەگە مەجبورەن ئاغىر تۈزۈم ۋە باج - سالىق قويدى. پروتېستانچىلىقنى يوقىتىشقا تىرىشتى. پۈتۈن بۇ قاتتىق قوللۇق باشقۇرۇش گوللاندىيەدە ئىسىيانغا يول ئاچتى.