سەيشەنبە، دۈشەنبە بىلەن چارشەنبە كۈنى ئوتتۇرسىدىكى، ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدۇر.

سەيشەنبە ڧارسچە "سەشنبه" دىن كېلىدۇ ۋە "سە+شەنبە= سەشەنبە"، يەئىنى ھەپتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى دېگەن مەنىگە كېلىدۇ. قەدىم ئۇيغۇرچەدە بوش كۈن، ياكى بۇگۈنكى تۈركىيە تۈركچەسىدە "Salı"، ئەرەبچە «الثلاثاء»، ڧارسچە «سەشنبه»، ئىنگىلىزچە «Tuesday» ۋە خەنزۇچە «周二\星期二» غا توغرا كېلىدۇ.

قەدىم تۈركىي تىلدا بۇ كۈن ئۈچىنچ دەپ ئاتالغان.

جۈمە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ھەپتە ئاخىرى بولغان ئەللەردە ھەپتىنىڭ تۆرتىنچى كۈنىدۇر.