تۇرغۇن يۇلتۇزنى ئايلىنىپ دەۋرىيلىك ھەركەت قىلىدىغان چوڭ پىلانىت . سەييارەلەر

يەرشارى:


ھاۋا ئوچۇق ئاخشاملىرى ئاسمانغا قارىسىڭىز، چاقناپ تۇرغان نەچچە مىڭ دانە يۇلتۇز ئارىسىدا ناھايىتى يورۇق كۆرۈنىدىغان بىرنەچچە يۇلتۇزنى كۆرىسىز، ئۇلارنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسماندىكى ئورنى دائىم يۆتكىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇلار سەييارىلەر دەپ ئاتىلىدۇ. ئاددىي كۆز بىلەن بىۋاسىتە كۆرگىلى بولىدىغان سەييارىدىن بەشى بار، ئۇلار ۋېنېرا، يۇپىتېر، مېركۇرىي، مارس، ساتۇرندىن ئىبارەت. قۇياش سىستېمىسىدا ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان سەييارىدىن ئۈچى بار، ئۇلار ئۇران، نېپتۇن، پلۇتوندىن ئىبارەت. يەر شارىمۇ سەييارىدۇر. بۇلار قوشۇلۇپ توققۇز چوڭ سەييارە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنى قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يېقىندىن يىراققا قارىغان تەرتىپ بويىچە تىزغاندا مۇنداق تىزىلىدۇ: مېركۇرىي، ۋېنېرا، يەر شارى، مارس، يۇپىتېر، ساتۇرن، ئۇران، نېپتۇن، پلۇتون.

سەييارىلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ھەرىكەت قىلىشى مەلۇم قانۇنىيەتكە ئىگە. ئۇلارنىڭ ھەممىسى غەربتىن شەرققە قاراپ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، يەنە كېلىپ مۇتلەق كۆپ ساندىكى سەييارىلەر قۇياشنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى بىلەن ئاساسەن بىردەك ئايلىنىدۇ، بۇ«ئوخشاش يۆنىلىشلىك» دېيىلىدۇ. توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش ئوربىتىسى ئومۇمەن ئوخشاش بىر تەكشىلىكتە بولىدۇ (پەقەت مېركۇرىي بىلەن پلۇتوننىڭ ئوربىتا تەكشىلىكىنىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسى سەل چوڭ بولىدۇ)، بۇ «ئورتاق تەكشىلىكلىك» دېيىلىدۇ. توققۇز چوڭ سەييارە ئىچىدە مېركۇرىي بىلەن پلۇتوندىن تاشقىرى، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش ئوربىتىسى يۇمىلاقراق ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، «تەخمىن يۇمىلاقلىق» دېيىلىدۇ. سەييارىلەر ئۆزىدىن نۇر تارقاتمايدۇ، ئۇ قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇش ئارقىلىق ئاندىن يورۇق كۆرۈنىدۇ.

ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن كۆزەتكەندە، توققۇز چوڭ سەييارە ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. يەر شارى ئوربىتىسىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى قىسمىغا جايلاشقان سەييارىلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا يەر ئوربىتىسى ئىچىدىكى سەييارىلەر ۋە يەر ئوربىتىسى سىرتىدىكى سەييارىلەر دەپ ئاتىلىدۇ. كىچىك سەييارىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى قىسمىغا جايلاشقان سەييارىلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىچكى سەييارىلەر ۋە تاشقى سەييارىلەر دەپ ئاتىلىدۇ. تاشقى سەييارىلەر بەزىدە يەنە گىگانت سەييارىلەر (يۇپىتېر ۋە ساتۇرن) ۋە قۇياشتىن يىراق سەييارىلەر (ئۇران، نېپتون، پلۇتون) دەپ ئايرىلىدۇ. پلۇتوندىن تاشقىرى، قالغان تاشقى سەييارىلەر بىلەن ئىچكى سەييارىلەرنىڭ پەرقى ناھايىتى روشەن، شۇڭا ئۇلار يەنە ئايرىم - ئايرىم ھالدا يۇپىتېر تۈرىدىكى سەييارىلەر ۋە يەر تۈرىدىكى سەييارىلەر دەپ ئاتىلىدۇ.

سەييارىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاسترونوملىرى نەچچە ئون خىل ئوخشاش بولمىغان تەلىماتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، يىغىنچاقلىغاندا، ئاساسەن مۇنۇ ئۈچ چوڭ تۈردىن ئىبارەت: بىرىنچى خىلى«ئايرىلىش تەلىماتى»، بۇنىڭدا سەييارىلەرنى ھاسىل قىلغان ئەڭ دەسلەپكى ماددىلار قۇياشتىن ياكى باشقا تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىن ئايرىلىپ چىققان دەپ قارايدۇ. ئىككىنچى خىلى «قوشۇۋېلىش تەلىماتى»، بۇنىڭدا قۇياش شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئۇ ھەرىكەت قىلىش داۋامىدا كۆپلىگەن تۇمانلىق ماددىلارنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، كېيىن تەدرىجىي ھالدا سەييارە ۋە ھەمراھلارنى ھاسىل قىلغان دەپ قارايدۇ. ئۈچىنچى خىلى «ئورتاق شەكىللىنىش تەلىماتى»، بۇنىڭدا قۇياش بىلەن سەييارىلەرنىڭ ھەممىسى بىر «ئىپتىدائىي تۇمانلىق» تىن ئورتاق شەكىللەنگەن، ئۇنىڭ مەركىزىي قىسمى ئۇيۇشۇپ قۇياشنى ھاسىل قىلغان، تۆت ئەتراپىدا سەييارىلەر ۋە ھەمراھلار ھاسىل بولغان دەپ قارايدۇ. «ئورتاق شەكىللىنىش تەلىماتى» نۆۋەتتە بىرقەدەر كۆپلىگەن ئاسترونوملارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ئېللىپىس شەكلىدىكى ئوربىتىلاردا قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئاسمان جىسىملىرى. ئۇلار ئۆزلىرى نۇر چىقارماي، پەقەت كۈن نۇرىنى قايتۇرىدۇ. قۇياش سىسېتمىسىدا مېركۇرىي، ۋېنېرا، يەر شارى، مارس، يۇپىتېر، ساتۇرن، ئۇران، نېپتون ۋە پلۇتوندىن ئىبارەت توققۇز چوڭ سەييارىلەردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇششاق سەييارىلەر بولىدۇ.

«ئۈرۈمچى» دەپ نام بېرىلگەن كىچىك سەييارە يېقىندا خەلقئارا ئاسترونومىيە ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، ئۇنىڭغا 2729 - رەت نومۇرى بېرىلگەن.