سەڧىيە بىنت خۇيەي

ھەزرىتى سەفىييە (أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ صَفِيَّةُ بِنْتُ حُيَيِّ بْنِ أَخْطَبَ) رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ھۇيەي ئىبنى ئەھتابنىڭ قىزى. (ھ. بۇرۇن 9 – ھ. 50 / م. 613 – 670) نەسەبى ھارۇن ئەلەيھىسسالامغا تۇتىشىدۇ. بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بولغان ئاتىسى بىلەن يولدىشى «خەيبەر غازىتى»دا ئۆلتۈرۈلگەن. ئەسىرگە چۈشكەن سەفىييە ئىسلامىيەتنى تاللىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى نىكاھىغا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» بولغان. ئىبادەتگۇيلىقى ۋە كەڭ قورساقلىقى بىلەن مەشھۇر. ۋاپات بولۇش ئالدىدا ھەزرىتى ئائىشەگە مىڭ تىللا ۋەسىيەت قىلغان.