سەھىھۇ ئىبنى ھىببان

سەھىھۇ ئىبنى ھىببان / ئەلمۇسنەدۇسسەھىھ» (قىسىملار ۋە تۈرلەر بويىچە سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى / المسنَد الصحيح على التقاسيم والأنواع من غير وجود قَطْع في سندها ولا ثبوت جَرْح في ناقِليها)» ھەدىس ۋە فىقھ ئالىمى ئەبۇ ھاتىم مۇھەممەد ئىبنى ھىببان ئەلبۇستىي (ھ. 277 – 354 / م. 890 – 965) ئۆز دەۋرىدە ھەدىس رىۋايەت ئۇسۇللىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن سەھىھ ھەدىسلەرنى ئېنىقلاش قىيىنلاشقانلىقىنى ۋە ھەدىسلەردىن ھۆكۈم چىقىرىشقا سەل قارىلىشقا باشلىغانلىقى كۆرۈپ، «سەھىھ» ھەدىسلەرنىڭ يادقا ئېلىنىشىنى ۋە ئۇلاردىن ھۆكۈم چىقىرىلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش مەقسىدىدە 7491 «سەھىھ» ھەدىسنى توپلاپ، ئۇلارنى ئەنئەنىۋىي ئۇسلۇبلاردىن پەرقلىق ھالدا بەش قىسىم ۋە 400 تۈرگە بۆلۈپ تۈزگەن.

«سەھىھۇ ئىبنى ھىببان / صحيح ابن حبان» ياكى ئىسمى قىسقارتىلىپ «قىسىملار ۋە تۈرلەر / التقاسيم والأنواع» نامى بىلەن تونۇلغان ئەسەرنىڭ بەش قىسىمى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھ تائالا بىلدۈرگەن ئەمىرلەر (110 تۈر). چەكلەشلەر (110 تۈر)، بېشارەت - خەۋەرلەر (80 تۈر)، مۇباھلار (50 تۈر) ۋە پەقەتلا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام قىلغان پېئىل - ئەمەللەر (50 تۈر).

مۇئەللىف ئەسىرىدە ھەدىسلەردىن ئېلىنىدىغان ئىلمىي مەزمۇن ۋە فىقھىي ئەھكاملارنى بايان قىلىش بىلەن بىللە ھەدىس ۋە ئۇنىڭدىكى ناتونۇش سۆزلەرنى ئىزاھلىغان. ئەمىر ئالائۇددىن ئەلفارىسىي (ھ. 675 – 739 / م. 1276 – 1339) تەرىپىدىن تېخىمۇ قولاي تەرتىپكە سېلىنغان بۇ ئەسەر مۇھەددىس شەيخ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت (ھ. 1346 – 1438 / م. 1928 – 2016) تەرىپىدىن 1988 - يىلى نەشرگە تەييارلىنىپ 18 تومدا (ئاخىرقى ئىككى تومى مۇندەرىجە ۋە تىزىقلار) بېسىلغان.

مەنبەلەر تەھرىرلەش