سەۋدە بىنت زەمئا

سەۋدە بىنت زەمئا (ئەرەبچە: سودة بنت زمعة) زەمئەنىڭ قىزى سەۋدە بىنت زەمئە ئىبنى قەيس ئەلقۇرەشىييە. (ھ. ؟ – 23 ياكى ھ. 54 / م. ؟ – 644 ياكى 674) «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى ئايالى. دەسلەپتە مۇسۇلمان بولۇپ، ھەبەشىستانغا ۋە مەدىنەگە ھىجرەت قىلغانلاردىندۇر.

سەۋدە بىنت زەمئا

ھز. مۇھەممەدنىڭ رەڧىقىسى

☁
نىكاھ(لار) سەكران بىن ئەمر

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ


ئەۋلادلىرى ئابدۇرراھمان بىن سەكران
ئاتاسى زەمئا بىن قەيس
ئاناسى شەمۇس بىنت قەيس
ۋاڧاتى 644، مەدىنە
دەڧن مەدىنە
دىنى ئىسلام

ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ تۇنجى خانىمى ھەزرىتى خەدىجە ئانىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن 2.5 يىل سوڭرە ھەزرىتى سەۋدە ئانىمىز بىلەن نىكاھلانغان.[1]

ھەزرىتى سەۋدە ر.ئە نىڭ قۇرەيش قەبىلەسىدىن زەمئا بىن قەيس، ئاناسى مەدىنەلىك نەججارىي قەبىلىسىدىن شەمۇس بىنت قەيس ئېرۇر. مەككە توغۇلغان، توغۇلغان ۋاقتى ئېنىق بىلىنمەيدۇ.

ئالدىنقى ئېرى سەكران بىن ئەمر ئەل ئەنسارى بىلەن مۇسۇلمان بولۇپ ئاۋۋەلا ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان، سوڭرە ئېرى بىلەن بىللە تەكرار مەككەگە قايتقان ھەزرىتى سەۋدە بىنتى زەمئا، ئېرى ئۆلگەندە بەش بالىسى بىلەن تۇل قالغانىدى.[2] مەككەدىكى ئەقرەبالارىنىڭ قېشىغا قايتقۇدەك بولسا، مۇسۇلمانلىقتىن ۋاز كېچىشكە قىستىلىش ئېھتىمالى بار ئىدى.[3] ھەزرىتى مۇھەممەد نىكاھلىنىپ ئۇنى ھىمايىسى ئاستىغا ئالدى. بەئزى مۇسۇلمانلار، سەۋدە بىنتى زەمئانىڭ ئاللاھقا ۋە ئىسلام پەيغەمبەرىگە[4] بو[5]لغان ئىتىقادى ۋە ساداقەتى نوقتىسىدىن، بۇ نىكاھنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ياخشىلىق ۋە ئىكرام ئىكەنلىكىنى قەبۇل قىلىنىدۇ. سەۋدە ئانىمىز ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىكىنىڭ ئاخىرىقى يىللىرىدا، ھىجرەتنىڭ 19- يىلى ۋاڧات قىلغاندۇر.

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. ئىبنى سەئد, تەبەقات, 8. جىلد، 52-53. بەتلەر
  2. ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل, مۇسنەد, 6. جىلد, 211- بەت
  3. پروڧ. در. مەھمەت سويسالدى، پەيغەمبەرىمىزنىڭ نىكاھلىرىنىڭ سەبەب ۋە ھىكمەتلىرى{{|url=https://web.archive.org/web/20130921053758/http://web.firat.edu.tr/msoysaldi/efendimizinevlilikleri.pdf |date=2013-09-21 }} [1]
  4. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتى, سالىھ سۇرۇچ, بەت.256-257 ISBN:978-975-269-894-9
  5. https://web.archive.org/web/20130929050312/http://www.yeniumit.com.tr/konular/detay/sevde-binti-zema#.UeMJANKG5Ko {{|url=https://web.archive.org/web/20130929050312/http://www.yeniumit.com.tr/konular/detay/sevde-binti-zema#.UeMJANKG5Ko |date=2013-09-29 }} يېڭى ئۈمىد دىنىي ئىلىملەر ۋە مەدەنىيەت ژورنىلى