سەۋزە تۈگرىسى ئۇيغۇر تامىقى بولۇپ، خۇرۇچلىرى: ئاق ئۇندىن 800 گرام، سېمىز قوي گۆشىدىن 300 گرام، قىزىل ـ سېرىق سەۋزىدىن 400 گرامدىن، قىزىلمۇچتىن بىر تال، پىيازدىن 50 گرام، ئەبجەش ياغدىن 100 گرام؛ تۇز،ئاقمۇچلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.

ئېتىش ئۇسۇلى مۇنداق:

1. ئۇنغا يېتەرلىك تۇز سېلىپ، خېمىرنى يۇغۇرۇپ تىندۇرىمىز.

2. گۆششنى ئۇششاق توغراپ، ئازراق تۇز ئارىلاشتۇرۇپ قويىمىز. سەۋزىنى قىرغۇچ بىلەن قىرىپ، قايتا ئۇششاق چاناپ، ئۇششاق توغرالغان پىياز، قىزىلمۇچ، تۇز، ئاقمۇچ، ئەبجەش ياغ، گۆشلەرنى قوشۇپ،ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلايمىز.

3. خېمىرغا ياخشى ئىشلەپ يېتەرلىكزوۋۇلا ئۈزۈپ، جىلتا ئېچىپ، قىيمىنى سېلىپ تۈگۈپ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ پىشۇرساق بولىدۇ.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش