شامالباغ بازىرى

شامالباغ بازىرى قەشقەر ۋىلايىتىقەشقەر شەھىرى قارمىقىدىكى بازارلىق بولۇپ، ئۇنىڭ قارمىقىدا 122 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. قەشقەر شەھەر رايونىنىڭ غەربىي شىمالغا جايلاشقان. شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىككى كىلومېتىر كېلىدۇ. تۈمەن دەرياسى ۋە قىزىل دەريا ئوتتۇرىسىدىن ھالقىغان كۆلىمى 15 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

شامالباغ بازىرى

夏马勒巴格镇.Shamalbagh town

قەشقەر شەھىرى (قىزىل) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
شەھەر قەشقەر شەھىرى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 14 دانە
نوپۇس 68 مىڭ
يەر مەيدانى 15 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
شەھەر باشلىقى يالقۇن ماخمۇت
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q
تور بېكەت قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مەمۇرىي رايونلىرى تەھرىرلەش

شامالباغ بازىرىنىڭ تۆۋەنكى قارمىقىدا ئۇنىڭغا 12 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. يەنى :

  • شامالباغ كەنتى،
  • سوقا كۆلبېشى كەنتى،
  • قۇرۇقتېرەك كەنتى،
  • سىركىچى كەنتى،
  • توغراقلىق مازار كەنتى،
  • كۆكئېرىق ھويلا كەنتى،
  • يالغۇزقەبرە كەنتى،
  • تۇگايلەڭگەر كەنتى،
  • جالامەھەللىسى كەنتى،
  • قىزىلدۆۋە كەنتى،
  • ئۈجمىلىك كەنتى،
  • ئەسكىسار كەنتى،
  • ئاياغ پاختەكلىك كەنتى،
  • سۈزۈكبۇلاق كەنتى قاتارلىقلار.

ئىقتىسادى تەھرىرلەش

شامالباغ بازىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىقى بۇغداي،قوناق , شال، كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار بار. قوشۇمچە كەسىپتە كۆپرەك ئۆي ھايۋانلىرى، ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. يېزا-بازار كارخانىلىرىدا قەغەز، بىناكارلىق قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى، مىللىي بۇيۇملار، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى، ياغاچ جاھازىلار، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

مەدەنىيىتى تەھرىرلەش

شامالباغ بازار پارتكومىدىكىلەر ئۆزلىرى ئىتوت، ناخشا ئۇسسۇل قاتارلىق ئۇيۇنلارنى كۆرسىتىدۇ. كىمنىڭ سەنئەت ماھارىتى بولسا جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بۇنداقتاق بولغاندا كەنتتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىگە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قاتنىشىدۇ. شامالباغ بازار پارتكوم رەھبەرلىكى ھەر يۈرۈش پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان بۇلۇپ، ئاساسلىقى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەزمۇن قىلىنغان بىر ئايدا بىر قېتىم مەركەزلىك تەشۋىقات قانات يايدۇرۇپ، لېكسىيە سۆزلەپ، لېكسىيە ۋاقتى يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئارقىدىن ھەر كىم ئۆز ماھارىتى كۆرسىتىدۇ.