شامالدا قالدى قاناتلىرىم
شامالدا قالدى قاناتلىرىم
ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم
شامالدا قالدى قاناتلىرىم،
جېدەللەشتىم ئاخىرغىچە.
يەرگە سۇنۇپ چۈشتى شاخلىرىم،
بىر تال ياپراققا ئېگىلمەس ھېچكىم.
بەلكىم دەسسەپ ئۆتەر كىشىلەر،
بەلكىم ئۈن-تىنسىز يۇمۇلار كۆزۈم.
روھىم ئاسماندا پەرۋاز قىلىدۇ،
بەلكىم تۇپراقتا ياتىمەن ئۆزۈم.
بەلكىم ئاۋازىم گۈركىرەپ چىقار،
بەلكىم سۆزلىمەيمەن ئۆلگەندىن كېيىن.
«ئۇھ» دېيىشىدۇ قولۇم-قوشنىلار،
بەلكىم قايتىپ كېلەرمەن كېيىن.
بەلكىم مۇشۇ شېئىرلىرىمنىڭ،
ئۈلگۈرۈپ كېلىمەن ماتەم كۈنىگە.
تۇشمۇ-تۇشتىن چىقىپ كىشىلەر،
كۆمەر مېنى ئۇنىڭ جەسەت كۈلىگە.