شامان دىنى ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇرۇن ئېتىقاد قىلغان دىن بولۇپ، ئۇدەسلەپ ئورال - ئالتاي قوۋملىرى ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن شامان دىنى ئاساسەن شۇ رايونلار ۋە ئۇنىڭغا قوشنا رايونلاردا كەڭ تارقالغان. شامان دىنى ئىنسانلار ئەجدادىنىڭ تەبىئەتكە چوقۇنۇش دەۋرىدە ھاسىل بولغان ئەقىدە - ئېتىقادلىرى مۇجەسسەملەشتۈرۈلۈش ئاساسىدا قامانلار تەرىپىدىن تەرغىپ - دالالەت قىلىنغان بىر ئىلاھلىق دىن ئىدى. ئۇنىڭدا <دۇنيا ياخشى - يامان روھلار (جىن - شاياتۇن) بىلەن تولغان>، <قامان يامان روھلارنى قوغلاپ، ياخشى روھلارنى قوغدايدۇ>، <قامانلار ھەممىگە قادىر> دېگەن قاراشلار تەرغىپ قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار شامان دىنىغا 2000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئېتىقاد قىلدى. مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن تەدرىجىي مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغان. ئەنە شۇنداق ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ئەجدادلىرىمىز بۇرۇن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن كۆپ ئىلاھلىق دىن ئەقىدە - ئادەتلىرى، شامان دىنى شارائىتىغا ماسلىشىپ داۋاملىشىپ كەلدى.