شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتى

شاڭخەي ئۇنىۋېرستېتى (خەنچە: 上海大学، قىسقىچە: 上大؛ ئىنگ: Shanghai University، قىسقىچە: SHU)، ئىسە شاڭخەي شەھرىگە قاراشلىق، مائارىپ مېنسترلىقى ۋە شاڭخەي شەھرى بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان ئۇنىۋېرسال خاراكتېردىكى ئۇنىۋېرستېت ئېرۇر، جۇڭگو "211 قۇرلۇشى" دائىرىسىدە نوقتىلىق ئالىي ئوقۇش يۇرتلىرىدىن بىرى، مائارىڧ مېنىستىرلىقى "قالتىس مۇتەخەسسىسلەرنى يېتىشتۈرۈش پلانى" ئىلك تەستىقلانغان ئالىيگاھلاردىن بىرى،دەۋلەتلىك سىناق نوقتىسى ئېنستىتۇتىغا ئىگە 17 ئالىي مەكتەبنىڭ بىرىدۇر. بۇگۈن باۋشەن، جىيادىڭ، يەنچاڭ قاتارلىق 3 مەكتەپ رايونىغا ئىگە، 26 ئېنىستىتۇت ۋە 2 مەكتەپ باشقۇرۇش ڧاكۇلتېتى باردۇر.

شاڭخەي ئۇنىۋېرستېتى 1922- يىلى قۇرۇلغان، تۇنجى مۇدىرى يۈ زورېن، مائارىپ مۇدىرى چۈ چىيۇبەي، "ئەلەمدە خۇاڭپۇ، قەلەمدە شاڭخەي ئۇنىۋېرستىتى" دېگەن مەشھۇر نامى باردۇر. 1927- يىلى نەنجىڭ مىنگو ھۆكىمىتى تەرىپىدىن تاقالدى. 1983- يىلى شاڭخەي ئۇنىۋېرستېتى قايتا قۇرۇلدى. 1994- يىلى 27- ماي، شاڭخەي سانائەت ئۇنىۋېرستېتى، شاڭخەي پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتى، سابىق شاڭخەي ئۇنىۋېرستېتى بىلەن شاڭخەي پەن-تېخنىكا ئالىي تېخنىكومى قاتارلىق تۆرت ئوقۇش يۇرتى بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، يېڭىدىن شاڭخەي ئۇنىۋېرستېتى قىلىپ تەشكىللەندى. 1994-2010 يىلى، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا تونۇلغان ئاكادېمىك، مائارىڧچى چىيەن ۋېيجاڭ پروڧېسسور مەكتەب مۇدۇرى بولدى، چىيەن مۇدىرنىڭ مائارىڧ نەزەرىيىسى يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگودىكى تۇنجى "ئۈچ مەۋسۈملۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى" ئالىي مەكتەب بولۇپ قالغان.