شاھخان (چاغاتايچە: شاە خان، ؟ - 1570) تۇرپان مەركەزلىك موغولىستاننىڭ سۇلتانى (1543-1570). يۇنۇسخان ئوغلى ئەھمەدخان ئوغلى مەنسۇرخاننىڭ چوڭ ئوغلىدۇر. ئۇ ھايات ۋاقتىدا دادىسى تەرەپتىن ئورۇنباسار تەيىنلەنگەن.

شاھ مەھمۇد چۇراس ئۆز ئەسىرىدە: «شاە خان باتۇر ۋە جاسارەتلىك بولماق بىلەن بىرگە رەھمىسىز ۋە تەكەببۇر بىر كىشى ئىدى.» دەپ قەيت قىلغان. بولۇپمۇ ناھايىتى كىچىك بىر ياڭلىش يۈزىدىنمۇ ئوغلى تايۇراي سۇلتاننى ئۆلتۈرگۈزگەن. 1570 - يىلى ئۇيراتلارغا قارشى جەڭدە ئۆلگەن.

ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە قېرىنداشلىرى بىلەن ھوقۇق كۈرىشى ئېلىپ بارغان. دادىسى ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىنىسى مۇھەممەدخان ئۆزىنى قومۇلدا ئۆزىنى خان ئېلان قىلىپ، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن قۇدىلىشىش يولىنى تاللاپ زالىم ئۇيراتلاردىن قىز ئالغان.

شاھ خان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مۇھەممەدخان II تۇرپان تەختىدە ئولتۇرۇپ، مىڭ ئوردىسىغا ئەلچى ئىبەرگەن.

شاھخان سۇلتان ئابدۇررەشىدخاننىڭ خانىملىرىدىن خۇبنىگار خانىمنىڭ ئاتاسىدۇر.

مەنبەلەر تەھرىرلەش

تارىخى شاھ مەھمۇد چۇراس