شاھزادە ساباھاتتىن

شاھزادە ساباھاتتىن ئوسمانلى ئىمپىراتورلۇقىنىڭ خانى سۇلتان ئابدۇلھەمىت II نىڭ قىز تۇققىنى سېنىھا سۇلتان(Seniha) نىڭ ئوغلىدۇر. ئو 1879-يىلى ئىستانبۇلدا توغۇلدى. 1899-يىلى دادىسى ۋە بىر تۇققىنى بىلەن پارىسقا يۇشۇرۇن ھالدا باردى. شاھزادە ساباھاتتىن ئوسمانلى قانداق شەكىلدە قۇتۇلىدۇ؟ دىگەن سۇئالنى چۆرىدەپ پارسىتا نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى. دەسلەپتە پارىستىكى ”بىرلىك ۋە تەرەققىيات“ جەمئىيتىگە ئەزا بولدى. كىيىن جۆن تۈركلىرى(Jön Türk) تەشكىلاتىنى قۇردى ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن ئوسمانلىنىڭ قۇتۇلىشىغا دائىرى جاۋاپ تېپىشقا ئورۇندى. گەرچە دادىسىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئىستانبۇلغا كەلگەن بولسىمۇ، سىياسىي سەۋەپلەر تۈپەيلى پارىسقا قايتتى. تۈركىيە جومھۇرىيتى قۇرۇلغاندىن كىيىنمۇ ئىزچىل چەتئەلدە ياشىدى. چۈنكى قايتىشى مەنئىي قىلىنغان ئىدى.

شاھزادە ساباھاتتىن ئوسمانلىنى قۇتۇلدۇرۇش ياكى بىرلىك ۋە ئەركىنلىك ئىشقا ئاشقان بىر جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىزدەندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 1902-يىلى پارىستا جۆن تۈركلىرى تەشكىلاتىنى قۇردى. بۇ تەشكىلاتتا ئەينى ۋاقىتتا ئىككى خىل پىكىر ئېقىمى چىقىتى. بىرى تەشۋىقات بىلەن ئىنقىلاپ قىلغىلى بولمايدۇ. يەنە بىرى دۆلەتتە ئىسلاھات قىلىش ئۈچۈن چەتئەل كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئىدى.[1] ئىككىنجى قېتىملىق جۆن تۈركلىرى يىغىلىشىدا ئوسمانلى خەلپىلىكىنى قانداق يىقىتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

ۋەھالەنكى، شاھزادە ساباھاتتىن ھاياتى بۇيىچە ھەرخىل سىياسىي ھەرىكەتلەر ئىچىدە ياشىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پىكىرلىرىگە ھېچقانداق سىياسىي غەرەز قۇشۇلمىدى. ئۇنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پىكىرلىرى Le Play دىن ئېلىنغان ئىدى. Le Play فىرانسىيە ئائىلىلىرى ھەققىدە تەتىقىقات ئېلىپ بارغان جەمئىيەتشۇناس ئىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئائىلە، قەبىلە ۋە جەمەت شەكلىدە ياشىغان كىشىلەر خەلقچىل يەنى ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەرگە تەۋە ئىدى. بۇ خىل جەمئىيەت تۈرى شەرقتە مەۋجۇت ئىدى. ئىككىنجى بىر خىل تىپ جەمئىيەتتە ئائىلە ۋە جەمەت مۇھىم كۈرۈلگەن ئەمەس، بەلكى شەخس مۇھىم كۈرۈلگەن جەمئىيەت تىپى ئىدى. بۇ خىل تىپ غەرپتە مەۋجۇت ئىدى. شاھزادە ساباھاتتىن شەخىسچى جەمئىيەتلەرنى ياخشى كۈرەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ بارلىق نەزىرىيەلىرىدە شەخىس مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. ئو تۈركىيەدىمۇ ياۋرۇپادەك شەخسىنى مەركەز قىلغان، شەخسىنىڭ ھۇقۇقى گەۋدىلەنگەن، شەخسىنىڭ ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنغان بىر جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. چۈنكى ئو ئوسمانلى سۇلتانى ئابدۇلھەمىدنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيتىدىن تويغانلارنىڭ بىرى ھىسابلىناتتى. شۇڭلاشقا، ئۇ ياۋرۇپاغا ئوخشاش، ھەقىقىي دىموكراتىيە ئىچىدە شەخىسنى مۇھىم دەل قارىغان بىر جەمئىيەتنى تۈركىيە ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارايتتى. ئو زامانلاردا ئوسمانلى ئىمپىرىيەسى ھەدەپ زىمىن پۈتۈنلۈكى، مىللەت پۈتۈنلۈكى، ئىدىيە پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي پۈتۈنلۈكنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان، بۆلۈنۈش ھەرىكەتلىرىنى ئەنئەنىۋى ھاكىمىيەت ۋە جەمئىيەت تىپىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ساقلاپ قالماقچى بولغان بىر ھاكىمىيەت شەكلى ئىدى. سۇلتان ئابدۇلھەمىت كىرىزىستە قالغان ئوسمانلىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن دۆلەت ئاخبارات ۋە مۇداپىئە ساھەسىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتكەن ئىدى. ئەمما شاھزادە ساباھاتتىننىڭ شەخسىچى پىكىرى ئوسمانلىنىڭ كوللىكتىپچى ئەمەلىيتىگە پۈتۈن قارشى ئىدى.

شاھزادە ساباھاتتىن ئوسمانلىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چارىسى جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئوسمانلى جەمئىيتىكى مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىققىلى بولسا جەمئىيەتنى ئۆزگەرتكىلى بۇلاتتى. بۇ ئىشتا ئو جەمئىيەتشۇناسلىقنى مۇھىم رول ئوينايدۇ،دەپ قارايتتى. ئو جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جەمئىيەتنىڭ باشقۇرۇش شەكلى ۋە مائارىپ ساھەسىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش مۇھىم ھالقا دەپ قارايتتى.[2]

بۇ ئىككى ساھەنى پۈتۈنلەي شەخسىنى مەركەز قىلغان ساھە قىلىپ يىتىشتۈرگەندىلا ئاندىن ئوسمانلى قۇتۇلىدۇ، دەپ قارايتتى. باشقۇرۇش ساھەسىدە شەخسچىلىك دىگىنىمىز خەلقنىڭ ئۈزىنى ئۈزى باشقۇرۇشى، ئۈزىگە ئۈزى خوجا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان ئادەمنى مەركەز قىلغان بىر ھۇقۇق سىستىمىسىنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئىدى. مائارىپتا شەخسىنى مەركەز قىلىش دىگىنىمىز ئۈزىنىڭ قابىلىيتىنى جارى قىلدۇرالايدىغان، مەلۇم تېخنىكىلىق تالانتىقا ئىگە، زامانىۋى ئىقتسادىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارالايدىغان كىشىلەرنى يىتىشتۇرۈشتىن ئىبارەت.

شاھزادە ساباھاتتىن ياشىغان دەۋرلەردە ئوسمانلى ئاخىرقى پەيتلىرىدە تىركىشىپ قېلىۋاتقان بولۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ھەممە كىشىنىڭ ئۈمىدىگە ئايلانغان ئىدى. ئەمما پادىشاھنىڭ مۇستەبىت ھۈكۈمرانلىقىمۇ شۇنچە ئاشماقتا ئىدى. گەرچە سۇلتان ئابدۇلھەمىد مۇستەبىت دەپ تەرىپلەنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پۈتۈن مەقسىتى ئوسمانلىنى قوغداش ئىدى. شۇڭلاشقا كۈنسىرى كۈپىيىپ كىتىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش بىلەن بىرگە، ئوسمانلىدا ئىككى ئەسىردىن بۇيان كەم بولغان زامانىۋىلىشىش ئىشلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلانى ئېلىپ بارغان ئىدى. گەرچە بۇ دەۋرلەر ئوسمانلىنىڭ چۈكىۋاتقان دەۋرى ھىسابلانسىمۇ، ئەمما زامانىۋىلىشىش نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا زامانىۋى جەمئىيەتكە خاس نۇرغۇن ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلغان بىر دەۋردۇر. شاھزادە ساباھاتتىن مۇشۇنداق ئالاھىدە شارائىتتا ياشىغانلىقى ئۈچۈن  شەخسىنى مەركەز قىلغان جەمئىيەتشۇناسلىق پىكىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان.

تۈركىيەنىڭ قۇتۇلىشىدا مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن شاھزادە ساباھاتتىن ئانگىلوس-ساكسون تىپىدىكى مائارىپ چۈشەنچىسى ۋە ئەمەلىيتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان ئىدى.[3] مەقسەت، تۈركىيە ئۈچۈن كىرەكلىك بولغان يىڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى يىتىشتۈرۈپ چىقىش. ئوسمانلىنىڭ مائارىپ چۈشەنچىسى تۇلىمۇ ئاددى بولۇپ پەقەت ئىمپىراتورلۇق ئۈچۈن كىرەكلىك بولغان كىشىلەرنى تەربىيلەشلا مەقسەت قىلىغان ئىدى. مائارىپ ئاساسەن نەزىرىيۋى شەكىلدە ئىدى. ياۋرۇپا دۆلەتلىرنى كەزگەن تۈركىيەلىك مائارىپچى ئىسمائىل بالتاجى ئوغلۇ تۈركىيەدىكى مائارىپنىڭ ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلمايدىغانلىقى، زامانىۋى بىلىملەرنىڭ ئۈگىتىلمىگەنلىكى ھەققىدە نۇرغۇن ماقالە ۋە كىتابلارنى يازىدۇ. بۇ نوقتىدا، ئوسمانلى يولغا قويغان مائارىپ سىستىمىسى غەرپكە سېلىشتۇرغان ۋاقىتتا تۇلىمۇ ئەنئەنىۋى ۋە كەينىدە قالغان ئىدى. گەرچە ئىمپىراتورلۇقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە غەرپ تىپىدىكى زامانىۋى مەكتەپلەر ئۇمۇملاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ناھايتى ئاز ئىدى. يۇقارقى سەۋەپلەردىن، شاھزادە ساباھاتتىننىڭ نىمە ئۈچۈن مائارىپنى ئەڭ مۇھىم نوقتىغا قويغانلىقىنى چۈشىنىش مۇمكىن.

شاھزادە ساباھاتتىننىڭ ئىقتىساد ھەققىدىكى قارىشى ياۋرۇپادىن كەلگەن ئىدى. ئو ئىنگىلىز لىبرال(ئەركىن) ئىقتىسادىنى تۈركىيەدە تەشۋىق قىلغۇچى ئىدى.[4]ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوسمانلىدا بايلار باي ئىدى. نامراتلار مەڭگۈ نامرات ئىدى. ئىزىش ۋە ئىزىلىش مەۋجۇت ئىدى. شۇڭلاشقا ئو تامامەن شەخسىنى مەركەز قىلغان بىر ئىقتىساد تىپىنى قوللايتى. ئو تۈركىيەدە كىشلەرنىڭ شەخسىي مال-مۈلىكى بولۇشى ۋە بۇ مۆلۈكنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىشى كىرەكلىكىنى، ئىلگىرىكىدەك كوللىكتىپلىقىنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادتىن شەخسنى مەركەز قىلغان ئەركىن ئىگىلىك شەكىلگە ئۈتۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيتتى. ئەمما، ئو بۇ نوقتىدا ماركىسىزىمغا قارشى ئىدى. جەمئىيەتتە ئىشچى سىنىپ ۋە بۇرژۇئانىڭ شەكىللىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

شاھزادە ساباھاتتىن دىن بىلەن جەمئىيەنىڭ مۇناسىۋېتى ھەققىدە توختىلىپ دىننىڭ ئالاھىدىلىكىلىرىنى ئېچىپ بىرىش ئۈچۈن بىر دىننىڭ ئوخشىمىغان جەمئىيەتلەردىكى ئەمەلىيتىنى سېلىشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ.[5] شۇڭلاشقا، ئو دىننى مەنپىي ياكى مۇسبەت مەنىدە ئىزاھلىمايدۇ. ئوسمانلى جەمئىيتىنىڭ پۈتۈن گەۋدىسىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا دىننىڭ رۇلى ئو ياكى بۇ شەكىلدە ئايرىش ئەمەلىيەتكە سىغمايدىغان بىر ئىش ئىدى. چۈنكى ئوسمانلى ئىمپىرىيە بولۇپ تونۇلغاندىن باشلاپ ئۈزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلپىسى ھىسابلاپ كەلگەن ئىدى. جۈملىدىن دۆلەتنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى دىننى ئايرىپ قاراش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

بىز زىيا گۆكئالىپ بىلەن شاھزادە ساباھاتتىننى سېلىشتۇرغان ۋاقىتىمىزدا، بۇ ئىككەيلەننىڭ ئوخشىمىغان يول ياكى كۆز قاراشلىرى كۈزىمىزگە چېلىقىدۇ. زىيا گۆكئالىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئېمىل دۇكخيىمنىڭ قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە شەخسىنىڭ ھاياتىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەرخىل قۇرۇلمىلارنىڭ بېسىمى تۈپەيلى مۋجۇت بۇلىدىغان بىر ئوبىكىت سۈپىتدە كۈرىدۇ. بۇ مەنىدە زىيا گۆكئالىپ شەخسىنى ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى مۇھىم دەپ قارايدۇ. ئەكىسچە ھالدا، پىرەنس ساباھاتتىن جەمئىيەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ئەمەس، بەلكى شەخىسنىڭ مۇھىقملىقىنى تونۇغان ئەركىن جەمئىيەت تىپىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ نوقتىدا ئۇلارنىڭ بىرى پۈتۈنلۈكچى، يەنە بىرى شەخسىچىدۇر.

بۇ ئىككى جەمئىيەتشۇناسنىڭ كۆزدە تۇتقان نوقتىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئوسمانلى ۋە تۈركىيەتنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ئەمما بۇ ئىككەيلەرنىڭ ئورتاق نوقتىسى يىڭى بىر جەمئىيەتنىڭ بەرپا بولۇشى ئۈچۈن ئۈزى تايانغان نەزىرىيەلەر نوقتىسىدىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت.

قىسقىسى، شاھزادە ساباھاتتىن، ياۋرۇپا كۆرگەن بىر جەمئىيەتشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوسمانلىقىنىڭ ھەرخىل زدىدىيەتلەردىن قوتۇلۇشى ئۈچۈن شەخىس مەركەزچىلىكىدىكى كۆز قاراشنى ياقىلىغان بىر مۇھىم جەمئىيەتشۇناس.

[1] Bayram Kaçmazoğlu, Türk Sosyoloji Tarihi II, Doğu kitapevi, 2013, S.179

[2] Bayram Kaçmazoğlu, Türk Sosyoloji Tarihi II, Doğu kitapevi, 2013, S.199

[3] Bayram Kaçmazoğlu, Türk Sosyoloji Tarihi II, Doğu kitapevi, 2013, S.207

[4] Bayram Kaçmazoğlu, Türk Sosyoloji Tarihi II, Doğu kitapevi, 2013, S.211

[5] Bayram Kaçmazoğlu, Türk Sosyoloji Tarihi II, Doğu kitapevi, 2013, S.215