شاھمات (سەترەنچ) ئويۇنى كىشلەرنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان، مەدەنىي تۇرمۇشنى جانلاندۇرىدىغان، رىقابەتچىلىكى كۈچلۈك بولغان يەكمۇ يەك مۇسابىقە ئويۇنىدۇر. بۇ ئويۇندا، چوڭ - كىچىك، ياش - قېرى، ئەر - ئايال دەپ ئايرىلمايدۇ. مەيدان تاللانمايدۇ. شاھمات - شاھنى مات قىلىش ياكى شاھنى قاماپ يۇتۇۋېلىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئويۇن ھىندىستاندىن ئىراققا ئۆتكەنىكى ئېنىقلانغان. كېيىنكى دەۋرلەردە شىنجاڭدىكى تۈركىي خەلقلىرى ئىچىگە سىڭىپ كىرگەن. بۇ مىللەتلەرنىڭ شاھمات ئوينىشىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە. تارىخىي ھۆججەتلەردىن قارىغاندا، بۇنىڭدىن 1000 يىل ئىلگىرى قاراخانىيلار دەۋرىدە چوڭ شەھەرلەر ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى قاراخانىيلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرگەن. قەشقەر، بالاساغۇن ۋە سەمەرقەندلەردە مەدەنىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر خىل تىپتىكى بىلىم يۇرتلىرى، مەدرىسلەر بارلىققا كەلگەن. بۇ بىلىم يۇرتلىرىدا ئىسلام پەلسەپىسى، تارىخ، ئەدەبىيات، ئاسترونومىيە ۋە ئىجتىمائىي پەنلەردىن دەرس بېرىلگەن. قاراخانىيلار ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى، مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشى ئارقىلىق، شۇ دەۋردە ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى، تەنتەربىيە ئويۇنلىرى بارلىققا كەلگەن، بۇ ئويۇنلار ئىچىدە شاھمات ئالاھىدە ئورننى تۇتقان. قاراخانىيلار خاندانلىقىدا ھەربىي قوماندان ۋە ئەلچى بولۇش ئۈچۈن، ئۇ كىشىدە چوڭقۇر بىلىم بولۇشى، كىشىلەر ئارىسىدا كۆپ ماھارەتلەرنى كۆرسەتكەن بولۇشى، تۈرلۈك تىل - يېزىقلارنى بىلىشى، ھەر خىل پەندىن خەۋەردار بولۇشى، ھەتتا ئىلمىي نۇجۇم، تېۋىپلىق، شاھمات، چەۋگەن ۋە ئوقيا ئېتىشلارنى بىلىشى شەرت قىلىنغان. بۇنىڭدىن ئۇيغۇر خەلقىدە شاھماتنىڭ شۇ دەۋردە خېلى ئومۇملاشقان ئويۇن ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. شاھمات ھازىرغا ئۈزۈلمەي ئوينىلىپ كەلمەكتە. ئازادلىقتىن كېيىن، بۇ ئويۇنغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈندى. ھازىر مەملىكىتىمىزدە شاھمات مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئويۇنغا ئەستايىدىل كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭ چىڭ تۇتساقلا، چوقۇم ياخشى نەتىجە يارىتالايمىز. شاھماتنى ئۇيغۇرلار دامكا قىلىپمۇ ئوينايدۇ. دامكا بىلەن شاھمات بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئويۇندۇر. دامكىنىڭ ئوينىلىشىمۇ تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، شاھمات تارىخىغا يېقىن كېلىدىكەن."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش