شىركەتنى ئوڭۇشلۇق ماڭدۇرۇش ئىقتىدارى(2)

شىركەتنى ئوڭۇشلۇق ماڭدۇرۇش ئىقتىدارى(2)

(8) باشقىلارنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىش يولىدىكى سەمىمىي ئىستەك


بۇ كىشىلىك سۈپەت باشقىلارنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىش يولىدىكى سەمىمىي ئىستەك، ھەمدە باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئۆزىنىڭكىدىن ئۈستۈن قويىدىغان روھنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىز يېتەرلىك ساندىكى كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ياردەم قىلالايدىغان بىر يولنى تاپقاندا، سىزمۇ شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزىڭىز ئىستىگەن نەرسىگە ئېرىشەلەيسىز. ئەگەر سىز باشقىلار ئېھتىياجلىق نەرسىنى ئۇلارغا بىر كۆڭۈللۈك ئۇسۇل بىلەن تەمىن ئەتسىڭىز، ئۆزىڭىزنى بەزى رىقابەتچىلەردىن ساقلاپ قالالايسىز. ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدىكى ئىجابىي مۇناسىۋەت سىزنىڭ شىركىتىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تېزلىتىدۇ. ھازىرقى دەۋردە يۇمشاق ئىقتىدارلار (يەنى كىشىلەر بىلەن ئۈنۈملۈك مۇناسىۋەت قىلىش ئىقتىدارى) تېخنىكىلىق ئىقتىدارلارغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم. شىركەت ئىگىلىرى ئۈچۈن بۇ تېخىمۇ شۇنداق.


(9) داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىش («كىچىك ئىت up a notch!»)


مۇمكىنچىلىكى بار ھەممە ئىشلارغا نىسبەتەن ئۆزىدە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى ساقلاش. ئۆزى ئۈچۈن بىر ئېگىز تىرىشىش نىشانى تىكلەپ، قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى ئۆزىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى توختىماي كېڭەيتىپ تۇرۇش. ئۆزى ئۈچۈن قارارلىق ھالدا نىشان تىكلەپ، ئۇلارنى قارارلىق ھالدا قايتا تەكشۈرۈپ ۋە باھالاپ تۇرىدىغان كىشىلەر قازىنىدىغان ئۇتۇق باشقا 92 پىرسەنت كىشىلەر ئېرىشىدىغان نەتىجىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ. ئىشنى زور نەتىجە بىلەن قىلىدىغان كىشىلەر بىر نىشاننى تۇرغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى قايتا-قايتا ئازراقتىن ئېگىزلىتىپ تۇرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر مەغلۇبىيەتتىن قورقمايدۇ. چۈنكى ئادەتتىكى ئادەملەر ئۈچۈن مەغلۇبىيەت ھېسابلىنىدىغان ئىشلار يۇقىرى نەتىجىلىك كىشىلەر ئۈچۈن بىر ئۆگىنىش جەريانى ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرى نەتىجىلىك كىشىلەر ئەڭ ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغان - بولمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەسلىكىگە قارىماي، ئۆزلىرى ئۈچۈن چوڭ نىشانلارنى تىكلەۋېرىدۇ.


(10) قايتۇرۇش («Giving back»)


ئۆز كىرىمىنىڭ 10 پىرسەنتىنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ۋە ئۆز جەمئىيىتىگە بېرىدىغان شىركەتلەر شىركەت تىجارىتىدە كەڭ - كۆلەملىك ياخشى دۇئا ۋە تىلەكلەرگە ئېرىشىپ تۇرىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، ئوخشاش مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئىككى شىركەت بار بولۇپ، بىرسى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا داۋاملىق پۇل-مال ئىئانە قىلىپ تۇرسا، يەنە بىرسى بولسا ئۇنداق قىلمىسا، ھەمدە سىز ئاشۇ خەير-ساخاۋەتنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن بىرسى بولسىڭىز، سىز قايسى شىركەتنىڭ مېلىنى كۆپرەك ئالىسىز؟ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-تونۇشلىرىڭىزغا قايسى شىركەتنىڭ مېلىنى بەكرەك تەۋسىيە قىلىسىز؟ بۇ كۆپ قېتىملاپ ئىسپاتلانغان بىر ئاساسىي ئىقتىسادىي قانۇنىيەتتۇر. خەير-ساخاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان شىركەتلەر بازار تەشۋىقاتىغا ئۇنچىۋالا كۈچەپ كەتمەيدۇ. داۋاملىق خېرىدار قوغلىشىپمۇ يۈرمەيدۇ. خېرىدارلارنى ئۆزلۈكىدىن جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ.


ئەگەر سىز بىر شىركەتنىڭ ئىگىسى بولسىڭىز، يۇقىرىدىكى 10 كىشىلىك سۈپەتنى بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىپ، ئۇنى سىز داۋاملىق كۆرۈپ تۇرىدىغان بىر يەرگە چاپلاپ قويۇڭ.



2. داڭلىق ئەربابلارنىڭ دېگەنلىرى


مەن ئىنگلىزچە تور بەتلىرىنى ئىزدەپ، ئۆزى شىركەت قۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆز تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ ئېيتقان سۆز - ئۈزۈندىلىرىنى تاپتىم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، تۆۋەندە مەن ئۇلارنى تەرجىمە قىلىپ يېزىپ چىقىمەن. ھەر بىر كىشىنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىغا ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى بىلەن شىركىتىنىڭ ئىسمىنى ئىنگلىزچىلا يېزىپ قويىمەن. ئاشۇ شىركەت توغرىسىدا تەپسىلىيرەك ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولغان تورداشلار شىركەتنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمىنى Google كىرگۈزۈپ ئىزدىسىلا، ئاشۇ شىركەتنىڭ تور بېتىنى تاپالايدۇ.


(1) بىر توسالغۇغا ئۇچرىغاندا، ئۇنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇڭ. سىزنىڭ ئاشۇنداق تاللاش يولىڭىز بار. سىز توسالغۇنى يېڭىپ، مۇۋەپپەقىيەتچى بولالايسىز. ياكى توسالغۇنىڭ ئۆزىڭىزنى يېڭىشىگە يول قويۇپ، مەغلۇبىيەتچىمۇ بولالايسىز. تاللاش يولى پەقەت ئۆزىڭىزگىلا مەنسۇپ. ھەرگىز قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىن ۋاز كەچمەڭ. مەغلۇبىيەت توسۇپ تۇرغان ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر مۇساپىنى مېڭىۋېتىڭ. مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ ئارام ئالغاندىن، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش يولىدا چارچىغان جىق ياخشى. Mary Kay Ash، « Mary Kay Cosmetics».


(2) بىر ئىگىلىك ئەھلى بىر ئىشنى قانداق قىلىشنى تېزلا ئۆگىنىۋالالايدىغان ئىشەنچ ساقلاپ، ئۆز قابىلىيىتى يول قويغان دائىرىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارنىمۇ قىلىشقا يۈزلەنگەن بولىدۇ. Roy Ash، «Litton Industries».


(3) ئىگىلىك پۇرسەتلىرى ئاپتۇۋۇزغا ئوخشايدۇ. بىرسى كەتسە يەنە بىرسى كېلىپ تۇرىدۇ. Richard Branson، «Virgin Enterprises».


(4) ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئەڭ ھالقىلىق خۇرۇچى سۆڭگەچنى كۆتۈرۈپ، بىرەر ئىشنى باشلاش. ئۇ ئاشۇنداق ئاددىي. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىدىيىسى بار، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىلا ئۆز ئىدىيىسى ئۈستىدە دەرھال ئىش باشلايدۇ. ئەتە ئەمەس، كېلەر ھەپتە ئەمەس، بۈگۈن ئىش باشلايدۇ. ھەقىقىي ئىگىلىك ئەھلى بىر ئەمىلى ئىش قىلغۇچى بولۇپ، چۈش كۆرگۈچى ئەمەس. Nolan Bushnell، « Atai and Chuck E. Cheese’s».


(5) يېڭىلىق يارىتىش كارخانىچىلار ئۈچۈن بىر ئالاھىدە قورال بولۇپ، ئۇلار ئاشۇ قورالنى ئىشلىتىپ بىر ئۆزگىرىشتىن باشقا بىر ئىگىلىك ياكى باشقا بىر مۇلازىمەت ئۈچۈن يارىتىلغان پۇرسەت سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ. كارخانىچىلار مەقسەتلىك ھالدا يېڭىلىق يارىتىش مەنبەلىرىنى، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھەمدە ئاشۇ ئۆزگىرىشلەر ئىشارەت قىلغان ئوڭۇشلۇق ھالدا يېڭىلىق يارىتىش پۇرسەتلىرىنى ئىزدىشى كېرەك. شۇنداقلا ئۇلار قانداق قىلىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا يېڭىلىق يارىتىشنى چۈشىنىشى ھەمدە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك. Peter F. Drucker، «The Father of Modern Management».


(6) مەن باشقىلار ئۈچۈن نېمە تۆھپىسى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان كەشپىياتتىن بىرىنىمۇ مۇكەممەل پۈتتۈرۈپ باقمىدىم. مەن ئالدى بىلەن دۇنيا نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقىپ، شۇ ئېھتىياجلىق نەرسىنى كەشىپ قىلىمەن. Tomas Edison.


(7) مۇھىم نەرسە تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ بېقىشتىن قورقماسلىق. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت سىناپ باقماسلىقتىن ئىبارەتتۇر. سىز ئۆزىڭىز قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىشنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇنى ئەڭ ياخشى قىلىدىغانلاردىن بىرسى بولۇڭ. Debbi Fields، « Mrs. Fields Cookies ».


(8) بىز ياش ئىدۇق، ئەمما بىزدە ياخشى مەسلىھەت، ياخشى ئىدىيە ۋە نۇرغۇن قىزىقىشلار بار ئىدى. Bil Gates، «Microsoft Corporation».


(9) بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىمىزنىڭ ھەقىقىي ئاساسى بىزنىڭ ئەڭ دەسلەپتىن باشلاپلا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلگەنلىگىمىزدۇر. Bil Gates.


(10) كارخانىچىلار تەۋەككۈلچىلىك قىلغۇچىلار، پۇلى بىلەن ئابرۇيىنى ئۈستەلگە تاشلاپ قويۇپ، مەلۇم بىر ئىدىيە ياكى ئىگىلىكنى قوغلىشىپ «دەتتىكام» دېگۈچىلەردۇر. ئۇلار ئۆزلىرى باشلىغان بىر قاراملىقنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ياكى مەغلۇبىيىتىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن مەسئۇل بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە جەھەتتىكى جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. Victor Kiam، «Remington electric shavers».


(11) خىزمەت ئورۇنلىرىدا مەۋجۇت بولغان «ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش» روھىي كەيپىياتى سىزنى شۇنچىلىك سەۋىيىگىلا يەتكۈزىدۇ. كارخانىچىلارنىڭ «ئۆزىنىڭ كۆڭۈل تۇيغۇسى بويىچە ئىش قىلىش» روھىي كەيپىياتى بولسا سىزنى ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان ھەر قانداق پەللىگە يەتكۈزىدۇ. ئالدىنقىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كېيىنكىسى كۆپ خۇشاللىنارلىق ئىش، سىز ئۇنداق دەپ ئويلىمامسىز؟ Bil Rancic.


(12) مەن ئۆزۈمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت توغرىسىدىكى چۈشەنچەم كونا ئىدىيىلەرنى بۇزىدىغان ئىدىيە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ كەلدىم: مەن ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت پۇل، ئورۇن ياكى نام-ئابرۇي توغرىسىدا ئەمەس. ئۇ ماڭا خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان، ئۆزۈمنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ھەمدە مەندە دۇنياغا تۆھپە قوشقانلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان بىر خىل ياشاش يولىدىن ئىبارەت. Anita Roddick، «The Body Shop».


(13) مېنىڭ سەرگۈزەشتلىرىم ماڭا بىر قانچە ئىشلارنى ئۆگەتتى. بىرسى قەغەز ئۈستىدىكى نەرسىلەرنىڭ قانچىلىك ياخشى بولۇپ ئاڭلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا قۇلاق سالماي، ئۆزىنىڭ كۆڭۈل تۇيغۇسىغا قۇلاق سېلىش. ئىككىنچىسى، سىز ئۆزىڭىز بىلگەن يولدا چىڭ تۇرسىڭىز ياخشىراق نەتىجىگە ئېرىشىسىز. ئۈچىنچىسى بولسا، بەزىدە سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مەبلەغ سالىدىغان ئىش زادىلا مەبلەغ سالماسلىقتۇر. Donald Trump، ئامېرىكىلىق مىليارد دوللارلىق چوڭ باي.


(14) مېنىڭ ئوغلۇم ھازىر بىر «كارخانىچى». مانا بۇ سىز خىزمەتسىز قالغاندا كىشىلەر سىزگە بېرىدىغان نامدۇر. Ted Turner، تېلېۋىزور كارخانىچىسى.


(15) مەن ئۆز ئېھتىياجىمنى ئۆزۈم قاندۇرۇشقا ۋە ئۆزۈم ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىشقا مەجبۇرى بولدۇم. لېكىن شۇنداق قىلالىدىم. پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ساقلاپ ئولتۇرماڭ. ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇپ، ئۇ پۇرسەتنى ئۆزىڭىز يارىتىڭ. Madam C. J. Walker، ئامېرىكىدا مىليونېر بولغان تۇنجى قارا تەنلىك ئايال.



3. ئىش ئۈنۈمى يۇقىرىلىقتىن ئۇلۇغلۇققىچە


«ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» دېگەن كىتابنى يازغان Koweyئەپەندى 2004-يىلى يەنە بىر كىتاب يازغان بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ ئىسمى «8-ئادەت: ئىش ئۈنۈمى يۇقىرىلىقتىن ئۇلۇغلۇققىچە» ئىكەن. مەن بۇ يەردە ئاشۇ 8-ئادەتنى قىسقىچىلا تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. كارخانىچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ئائىلىسى، ئۆز جەمئىيىتى ۋە ئۆز مىللىتى ئۈچۈن چوڭراق تۆھپە قوشۇشنى ئارزۇ قىلغۇچىلاردۇر. شۇڭا مەن بۇ يەردە تونۇشتۇرىدىغان ئۇقۇملار ئۇلار ئۈچۈن ھەمدە باشقا بارلىق ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى پايدىلىق، دەپ ئويلايمەن. مەن ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ بىرسىدە بەزى تورداشلارنىڭ «ئۇلۇغ» دېگەن سۆز پەقەت ئاللاغىلا ئىشلىتىلىدىغان سۆز بولۇپ، ئىنسانغا ئىشلەتسە مۇۋاپىق بولمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. غەرب ئەللىرىدە بۇ سۆز ئىنسانغىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، تورداشلارغا تونۇشلۇق بولغان، ئامېرىكىدىكى دۇنياغا داڭلىق بوكسچى مۇھەممەد ئەلى 10 نەچچە ياشلىق ۋاقتىدا مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن ئەڭ ئۇلۇغ» (ئىنگلىزچە «I am the greatest»). مېنىڭ ھازىر تونۇشتۇرۇۋاتقىنىم غەربلىكلەر ئوتتۇرىغا قويغان ئۇقۇم بولغاچقا، بۇ يەردە ئۇ سۆزنى ئەسلى ئىشلىتىلىشى بويىچە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.


سەككىزىنچى ئادەت مۇنداق بايان قىلىنغان: «ئۆز ئاۋازىنى تېپىش، ھەمدە باشقىلارنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازلىرىنى تېپىشقا ئىلھاملاندۇرۇش».


بۇ يەردىكى «ئاۋاز» ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىنسان روھىيىتىنىڭ ئاۋازى بولۇپ، ئۈمىد بىلەن ئەقىلگە تولغان، روھىي جەھەتتىن تەز ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، ھەمدە يوشۇرۇن كۈچىنىڭ چېكى بولمىغان بىر خىل ئاۋازدۇر.


ھەر بىر ئادەمگە خاس بولغان بۇ ئاۋاز مۇنداق 4 نەرسىدىن تەركىب تاپقان: تالانت، يۈكسەك دەرىجىدىكى قىزىقىش («پاسون»)، ئاڭ ۋە ئېھتىياج. تالانت سىزنىڭ تەبىئىي ئارتۇقچىلىقىڭىز ۋە قۇدرىتىڭىزدۇر. يۈكسەك دەرىجىدىكى قىزىقىش سىزنى تەبىئىي ھالدا روھلاندۇرىدىغان، كۈچلەندۈرىدىغان، ئىلھاملاندۇرىدىغان ۋە ھەرىكەتلەندۈرىدىغان نەرسىلەردۇر. ئېھتىياج ئۆز ئېھتىياجىڭىزنى شۇنداقلا تاشقى دۇنيانىڭ ئېھتىياجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاڭ دېگىنىمىز سىزنىڭ ئىچكى دۇنيايىڭىزدىكى بىر تۇراقلىق، تۆۋەن ئاۋاز بولۇپ، ئۇ سىزگە نىمىنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ھەمدە سىزنى ئاشۇ توغرا ئىشنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئەگەر سىز ئۆز تالانتىڭىزدىن پايدىلىنىپ قىلىدىغان، ئۆز قىزىقىشىڭىزنى قوزغايدىغان، دۇنيانىڭ كۈچلۈك ئېھتىياجى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن، ئۆز ئېڭىڭىز سىزنى ئاشۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇشقا ئۈندىگەن بىر ئىش بىلەن شۇغۇللانسىڭىز، سىزنىڭ ئاۋازىڭىز، سىزنىڭ چاقىرغىڭىز ۋە سىزنىڭ قەلبىڭىز ئاشۇ ئىشنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.


Kowey ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر سىز خاتىرە قالدۇرۇلغان تارىخنىڭ بېشىدىن تارتىپ ھازىرغىچە يېزىلغان غەرب ۋە شەرقنىڭ پەلسەپىسى بىلەن دىنىنى تەتقىق قىلسىڭىز، ھەر بىر مۇكەممەل ئادەم مۇنداق 4 ئۆلچەملىك بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز: ماددىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆلچەم، مەنىۋى ئۆلچەم، ئىجتىمائىي ۋە ھېسسىياتى ئۆلچەم ۋە روھىي ئۆلچەم. كىشىلەر ئىنسان ھاياتىنىڭ ئۆلچەملىرىنى ھەر خىل ئاتالغۇلار بىلەن تەسۋىرلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىنچاقلىسا يۇقىرىقى 4 ئۆلچەم كېلىپ چىقىدۇ. بۇ 4 ئۆلچەمنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى روھ، كۆڭۈل، بەدەن ۋە يۈرەكتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ مەركىزى «روھ» تىن ئىبارەت. بەزىلەر بۇ 4 ئۆلچەمنى «ئىنسانلارنىڭ 4 ئەقلى» دەپمۇ ئاتايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىمۇ مۇشۇ 4 ئۆلچەم بويىچە بارلىققا كەلگەن. يەنى، ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بىر ئابىدە (مىراس، ئىز، تۆھپە) قالدۇرۇش (روھ) ئېھتىياجى، ئۆگىنىش (كۆڭۈل) ئېھتىياجى، ياشاش (بەدەن) ئېھتىياجى، ۋە كۆيۈنۈش (يۈرەك) ئېھتىياجى.


شىركەت قۇرۇشتىكى ئەڭ ھالقىلىق نەرسىنىڭ بىرسى باشقىلارنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى توغرا چۈشىنىش ۋە بايقاش بولغانلىقى ئۈچۈن، يۇقىرىقى 4 خىل ئېھتىياجنى توغرا چۈشىنىش ھەر بىر كارخانىچىلار ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈردۇر.


قىسقىچە بايان قىلغاندا، بۇ 8-ئادەت بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان 7 ئادەتنىڭ داۋامى بولماستىن، ئۇ ئىش ئۈنۈمى يۇقىرىلىق دەرىجىسىدىن ئۇلۇغلۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىر ئادەم بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان بىر مۇساپىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ مەزمۇنى بولسا مۇنداق: سىز بەدەن، كۆڭۈل، يۈرەك ۋە روھىي جەھەتتىكى 4 خىل ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرسىڭىز، ئۆز ئەتراپىڭىزدىكى ئېھتىياجلارنى بايقاشقا باشلايسىز. شۇنىڭ بىلەن كىتابقا يېزىلغان نەرسىلەر ۋە باشقىلار سىزگە دېگەن نەرسىلەرگە ئانچە قۇلاق سالمايدىغان بولىسىز. ئۇنىڭدىن كېيىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى سىزنى رىغبەتلەندۈرىدىغان بىر ئاۋازنى ئاڭلاشقا باشلايسىز. ئەڭ ئاخىرىدا سىز كىچىك ئىشلارنىمۇ ئۇلۇغلۇق بىلەن، يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن قىلىدىغان بىر خىل جاسارەتنى تاپىسىز.



4. ئاخىرقى سۆز


Victor Hugo مۇنداق دەيدۇ: «پەيتى يېتىپ كەلگەن بىر ئىدىيىدەك كۈچلۈك نەرسە ھېچ يەردە يوق». مەن ئالدىنقى يازمىلىرىمدا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشتىن ئۇچنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇ ئىشلارنىڭ پەيتى ھازىر بولۇپ، ئۇنى ئۈنۈملۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇسۇلى، پۈتۈن مىللەت مىقياسىدا سەپەرۋەرلىك قىلىش، تەشۋىق قىلىش ۋە تەربىيە ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى. لېكىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئۇنداق قىلىش ئىمكانىيىتى يوق. ئەمما، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇنداق بىر يول بار: كۆزلىگەن چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۆزىڭىز قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلاش. ھەر بىر شەخسنىڭ قىلالايدىغان ئىشى ناھايىتى كۆپ. بۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە باغلىق. يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، ئىرادە دېگىنىمىز بىر خىل ھېسسىيات ئەمەس، بۇ بىر قارار. قۇرئاننىڭ 13-سۈرە رېىد 11-ئايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ». بۇ ئۇيغۇرچە قۇرئاندىكى سۆزنىڭ ئەينەن ئېلىنىشى بولۇپ، ئىنگلىزچە ماتېرىياللاردا بۇ سۆز سەل ئوخشىمايدىغان شەكىلدە ئېلىنغان: «بىر جەمئىيەت ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ باقمىغىچە ئاللا ئۇ جەمئىيەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتمەيدۇ». بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ يارىتىلغىنىمىزغا ئاللادىن رازى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا رەھمەت ئېيتىمىز. مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرىمىز ئۆز ئۆمرىمىزنى بىر پاك ئۇيغۇر بولۇپ ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىمىز. شۇنداق قىلالىغىنىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. شۇنداق قىلالىغىنىمىزدىن غورۇرلىنىمىز. ئۇنداقتا بىز بۇ يەردە ئۆزىمىزدىن مۇنداق بىر سوئالنى سوراپ بېقىشىمىز كېرەك: «بىر ئايرىم مىللەت بولۇپ ياشاشتىكى ئەڭ مۇھىم مەقسەت نېمە؟» مېنىڭ بۇ سوئالغا جاۋابەن دۇنيادىكى پەيلاسوپلار نېمە دېگەنلىكىنى بىلگۈم كېلىپ، ئىنتېرنېتنى ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئىزدەپ باقتىم. لېكىن ئۇنداق سوئالغا جاۋاب بولىدىغان بىرەر مەزمۇننى تاپالمىدىم. ئۆزۈمنىڭ بۇ سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىم مۇنداق: «بىر مىللەت بولۇپ ياشاشتىكى ئەڭ مۇھىم مەقسەت، كۈچنى يىغىپ، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش. » بۇ جەھەتتە مەن يەھۇدىيلارغا ناھايىتى قايىل. ئۇلار ئوبدان ئويلىنىپ يۈرۈپ، ئۆزلىرىنى 2000 يىل ساقلاپ قالدى. ئۇلار سوتسىيالىزمنى ئىجات قىلدى. كوممۇنىزمنى ئىجات قىلدى. كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىجات قىلدى. ھەمدە ئۇلارنى دۇنياغا تارقاتتى. شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنى باستۇرۇشىنى بىر خىل خاتا ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، ئۆزلىرىمۇ باشقىلار بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغان بىر شارائىتنى ياراتتى. شۇنداق قىلىپ يورۇپ، ئۆزىنىڭ بىر ناھايىتى كىچىك مىللەتلىكىگە قارىماي، ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك بىر دۆلەتكە ئايلاندى. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ھازىر دۇنيانى سوراۋاتىدۇ. بىز بىر قانچە ئەسىرنىڭ مابەينىدە ئوبدان ئويلىيالمىدۇق. يۇقىرىقى مەقسەتنى ئوبدان ئىشقا ئاشۇرالمىدۇق. يۈز يىلنىڭ مابەينىدىمۇ دېگەندەك ياخشى قىلالمىدۇق. ھازىر قانداقراق قىلىۋاتىمىز؟ مەن ھەر قېتىم ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى تەقدىرىنى ئويلىغىنىمدا، ئۆزۈمدىن «ئەگەر بىزنىڭ ئورنىمىزدا يەھۇدىيلار بولۇپ قالغان بولسا، ئۇلار قانداق قىلغان بولاتتى؟» دەپ سورايمەن. نىسپىيلىك نۇقتىنەزىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 60-يىللاردا ئۇيغۇرلارغا نۇرغۇن ھوقۇق بېرىلگەن ئىدى. چوڭ ھوقۇقلارمۇ كۆپلەپ بېرىلگەن ئىدى. لېكىن، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ئۆز خىزمىتىدە تىل جەھەتتىن ئازراق قىينالغانلىقى ئۈچۈن، ياكى خەنزۇچە مەكتەپلەرنىڭ سەۋىيىسى يۇقىرى، دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، بالىلىرىنى خەنزۇچە مەكتەپكە بېرىشكە باشلىدى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىشى مانا شۇ چاغدا باشلانغان ئىدى. ئۇنى ئۇيغۇرلار ئۆزى باشلىغان ئىدى. ئەگەر بىزنىڭ ئورنىمىزدا يەھۇدىيلار بولغان بولسا، ئۇلار بالىلىرىنى خەنزۇچە مەكتەپكە بەرمەي، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ھوقۇق ۋە ئۆز دىيارىدىكى ماددىي بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەتكە يېڭى قارار - بەلگىلىمىلەر ماقۇللىنىپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولاتتى. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە خەنزۇ تىلىنى 1-چەت ئەل تىلى سۈپىتىدە ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىپ، تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە بالىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى خىزمەت ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان بىر يەرگە ئاپارغان بولاتتى (دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر بالىلارغا ئىنگلىز تىلىنى چەت ئەل تىلى سۈپىتىدە ئوقۇتۇپ، تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە ئاشۇ تىلدا ئۇلارنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىپ بولىدۇ. ئۇنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايتتى. ). شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوقۇتۇشنى ئەينەن ساقلاپ قالغان، ھەمدە تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرغان بولاتتى. بالىلارمۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر بولۇپ چوڭ بولغان بولاتتى. ئانا تىلىغا پۇختا چوڭ بولۇپ، باشقا نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆزىدىكى تالانت، ئىقتىدار، تەپەككۇر ۋە يوشۇرۇن كۈچلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرالىغان بولاتتى. بىز ئۇنداق قىلمىدۇق. ئۇنىڭ ئورنىغا پۈتۈنلەي تەتۈرىسىچە ئىش قىلدۇق. يىراقنى ئويلىمىدۇق ھەم كۆرەلمىدۇق. مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئويلىدۇق. بىزدە تۈركۈم ئېڭى كەم بولدى. بىزدە مىللىي روھ تۆۋەن بولدى. تەدرىجىي ھالدا ئىشلىتەلمىگەن ھوقۇقلىرىمىزنى پاتتۇرۇپ قويدۇق. ئەگەر بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياخشى قىلالمىساق، ئۆزىمىزدىن پەخىرلەنگىنىمىز، ئۆزىمىزدىن غورۇرلانغىنىمىزنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى قالمايدۇ. بىر مىللەتكە ئەزا بولۇشنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدە ھوقۇقلىرى بار. شۇنداقلا نۇرغۇن مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتلىرىمۇ بار. ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار «مىللەتپەرۋەر» دېگەن شەرەپكە سازاۋەر بولالمايدۇ. ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش بولسا، «مىللىي مۇناپىقلىق» نىڭ ئېنىقلىمىسىدۇر. بىز ئەمدى ئويلىنىشىمىز كېرەك. مىللەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقبالى توغرىسىدا ئويلىنىشىمىز كېرەك. «كومپاس» نى كۆپرەك ئويلىشىمىز كېرەك. مەن ئىشىنىمەنكى، ئىش قىلغاندا ياپونلۇقلاردەك قىلىش، ئىش ئويلىغاندا يەھۇدىيلاردەك ئويلاشنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلالىساق، بىز ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىمىزدە چوقۇم چوڭ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالايمىز.


مېنىڭ «شىركەت قۇرۇشقا قانداق ئىقتىدار كېرەك؟ » دېگەن يازمام بىلىك تور بېتىگە چىققاندىن كېيىن، « Uginix» ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىز «مەن شىركەت قۇرۇپ باققان» دېگەن تەمىدىكى بىر يازمىسىنى بىلىككە چىقاردى. ئۇنىڭ تور بەت ئادرېسى:

http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=17799

بۇ يازمىدا ئۇيغۇر دىيارىدا شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن باسىدىغان قەدەم-باسقۇچلار ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنىپتۇ. مەن ئۇنى ئوقۇپ، «ئۆگىنىش» ئەپەندىدىن ناھايىتى مىننەتدار بولدۇم. «كۆزلىگەن چوڭ-چوڭ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، ئۆزى قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلاش كېرەك» دېگەن مانا شۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە مۇشۇنداق بىر يولنى تاللىغانلار ناھايىتى كۆپ. بۇ يەردە مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىردىن-بىر تىزىپ چىقالمايمەن. لېكىن، مىللەتنىڭ تەقدىرىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش بۇ قوشۇننىڭ كۈندىن-كۈنگە زورىيىپ مېڭىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزغا، «مىللىتىم ماڭا نېمە قىلىپ بەردى؟» دەپ سوراشتىن ئاۋۋال، «مەن مىللىتىمگە نېمە قىلىپ بەردىم؟» دەپ سوراشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھەمدە ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى تېپىپ چىقىپ، شۇ ئارقىلىق يۇقىرىقى قوشۇننىڭ بىر ئەزاسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


مەن 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بىزنىڭ ئىدارىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر ئىلمىي دوكلاتقا قاتناشتىم. بۇ دوكلاتنىڭ تېمىسى: «The power of our choices and our words» بولۇپ، ئۇيغۇرچە مەنىسى «بىز تاللىغان يول ۋە بىز تاللىغان سۆزنىڭ كۈچ-قۇدرىتى» دېگەنگە توغرا كېلىدۇ. بۇ دوكلاتنى بەرگەن كىشى بىر دۇنياغا داڭلىق ئايال زاتنىڭ ھېكمەتلىك سۆزىنى نەقىل قىلغان ئىدى، مەن ئۇ سۆزلەرنى ئىنتېرنېتتىن تېپىپ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ باقتىم. مەن بۇ يازمامنى ئاشۇ خانىمنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن (مەن بۇنى بۇرۇن بىر قېرىندىشىمىزنىڭ يازمىسىغا بىلدۈرگەن ئىنكاس شەكلىدە بىلىككە چىقارغان ئىدىم. ئۇنى ئۆز يازمىلىرىمنىڭ ئىچىدە ساقلاپ قويۇش مەقسىتىدە بۇ يەرگە كىرگۈزۈپ قويدۇم). بۇ ئايال زاتنىڭ ئىسمى «تەرسا» بولۇپ، دۇنيا خەلقى ئۇنى ھۆرمەتلەپ «تەرسا ئانا» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ خانىم 1910-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 1997-يىلى ۋاپات بولغان. 1979-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.


تەرسا خانىمنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى: شۇنداقتىمۇ قىلىۋەر


كىشىلەر ئادەتتە ئورۇنسىز ۋە سەۋەبسىز ئىش كۆرىدىغان، ۋە ئۆزىنى مەركەز قىلىدىغان كېلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنى ئەپۇ قىلىۋەر.

ئەگەر سەن ئاق-كۆڭۈل بولساڭ، كىشىلەر ساڭا "شەخسىيەتچى"، "غەيرىي مەقسەتلىك" دېگەن بوھتاننى چاپلايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارغا ئاق-كۆڭۈللۈك قىلىۋەر.

ئەگەر سەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولساڭ، سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن بەزى ساختا دوستلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىسەن، ھەمدە بەزى ھەقىقىي دۈشمەنلەرنى تىكلەيسەن. شۇنداقتىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇۋەر.

ئەگەر سەن راستچىل ۋە سەمىمىي بولساڭ، كىشىلەر سېنى ئالدىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ راستچىل ۋە سەمىمىي بولۇۋەر.

ئەگەر سەن نۇرغۇن يىللارنى سەرپ قىلىپ بىر نەرسە ياسىساڭ، باشقىلار ئۇنى بىر كېچىدىلا ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ئۇنى ياساۋەر.

ئەگەر سەن خاتىرجەملىك ۋە بەختلىككە ئېرىشسەڭ، بەزىلەر ھەسەتخورلۇق قىلىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بەختلىك بولۇۋەر.

سەن بۈگۈن قىلغان ياخشىلىق كۆپىنچە ۋاقىتتا كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ياخشىلىق قىلىۋەر.

ئۆزۈڭنىڭ بارلىقىنى باشقىلارغا ئاتا قىلساڭمۇ، باشقىلار سەندىن مەڭگۈ رازى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈڭنىڭ بارلىقىنى باشقىلارغا ئاتا قىلىۋەر.

ئاخىرقى ھېسابتا، بۇ ئىش سەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىش ئەمەس. سەن بىلەن خۇدانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىش.


ئەسكەرتىش: مەن ئۆز يازمىلىرىمغا كىرگۈزگەن تور بەت ئادرېسلىرى مېنىڭ يازمامنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى(ULY) دىن ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى (UEL) غا ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئۆزگىرىپ كېتىپ، ئىشلىمەس بولۇپ قالىدىكەن. شۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، سىز مەرىپەت تور بېتى www.meripet.com نىڭ ئەڭ ئاستىدىكى «ئەركىن سىدىق يازمىلىرى» دېگەن سەھىپىگە كىرىپ، مېنىڭ يازمىلىرىمنىڭ ULY نۇسخىسىنى ئاچسىڭىز، ئۇنىڭدىكى تور بەت ئۇلانمىلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا ئىشلەيدۇ. ئۇ يەردە مېنىڭ ھەممە يازمىلىرىمنىڭ UEL نۇسخىلىرىغىمۇ ئۇلانما قويۇقلۇق بولۇپ، باشقا يازمىلىرىمنىمۇ شۇ يەردىن تاپالايسىز.


داڭلىق ئەربابلارنىڭ ئىگىلىك توغرىسىدا دېگەنلىرى:

http://entrepreneurs. about. com/o . . . rs/a/quotations.htm


مۇھەممەد ئەلىنىڭ سۆز-ئۈزۈندىلىرى:

http://www.brainyquote.com/quotes/authors/m/muhammad_ali.html


تەرسا خانىم:

http://www.prayerfoundation.org/mother_teresa_do_it_anyway.htm



ئالدىنقى: ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە(1)

كـىيىنكى: شىركەتنى ئوڭۇشلۇق ماڭدۇرۇش ئىقتىدارى(1)