ھىندىستان دۇنيادىكى كۆپ مىللەتلىك قەدىمىي دۆلەت بولۇپ، شىك مىللىتى ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم مىللەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

شىك دېگەن بۇ سۆز ھىندى تىلىدىكى «SIKH» سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئۇ «مۇرىت، مۇخلىس» دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ. ھىندىستاندىكى بىر مىليارد نوپۇس ئىچىدە شىكلارنىڭ نوپۇسى 20 مىليون بولۇپ، ئاران ئىككى پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسلىقى ھىندىستاننىڭ شىمالىغا، بولۇپمۇ پەنجاپ شىتاتىغا تارقالغان، شىكلار بۇ شتات ئاھالىسىنىڭ 60 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. قالغانلىرى دېھلى رايونى، خاريانا شىتاتى ۋە بومباي قاتارلىق جايلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. بۇلاردىن باشقا يەنە ئەنگلىيە، كانادا، ئامېرىكا، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ خېلى كۆپ شىكلار ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

ھىندىستاندىكى شىكلارنى ئۇلارنىڭ تەقى- تۇرقىغا قاراپلا پەرقلەندۈرۈش تەس. لېكىن شىكلارنىڭ ئەرلىرىنى سانجاق- سانجاق ئادەملەر ئىچىدىنمۇ بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئالاھىدە كىيىنگەن، بېشىغا رەڭدار شايىدىن سەللە ئورىغان، ساقاللىق، بەستلىك ۋە ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. شىكلار چېچىنى ئۆمۈر بويى چۈشۈرمىگەچكە، ئۇزۇن چاچلىرى سەللىسىنىڭ تېگىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن شىك ئەرلىرى ھەرىكەت قىلىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن چېچىنى سەللە بىلەن «تۈگمەن تېشى»دەك قىلىپ ئورىۋالىدۇ، ئۇچىسىغا ئۇزۇن تون كىيىپ، قولىغا پولات بىلەيزۈك سالىدۇ، يېنىغا قىلىچ ئاسىدۇ، ئىچىملىك- چېكىملىكتىن پەرھىز قىلىدۇ. ئۇلار قەيسەر خاراكتېرىگە ئىگە بولغاچقا، ھەممىسى دېگۈدەك چەۋەنداز كېلىدۇ. شىك ئەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىسمىغا كۆپىنچە «سىنگى»، يەنى «باتۇر شىر» دېگەن مەنىدىكى سۆزنى قوشۇپ ئېيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ شىردەك جەسۇر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىشىدۇ.

شىكلارنىڭ سەللە ئوراش ئادىتى ئەينى ۋاقىتتىكى ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن مۇسۇلمانلار ھۆكۈمرانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەينى ۋاقىتتا، بېشىغا سەللە ئوراش ئادىتى بولغان موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۆزلىرىنىڭ بويسۇندۇرۇلغانلار بىلەن پەرقلىنىدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، يات دىندىكىلەرنىڭ سەللە ئورىشىغا يول قويمىغان. لېكىن گەۋدىسىنى كېرىپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن شىكلار ئۆز ئالدىغا يول تۇتۇپ، ھەممىسى بېشىغا سەللە ئوراپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، ھازىر ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار سەللە ئورىمايدىغان بولغان بولسىمۇ، لېكىن شىكلار تا بۈگۈنگە قەدەر جاھىللىق بىلەن بۇرۇنقىدەكلا سەللە ئورىماقتا. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شىكلار سەللە قىلىپ ئورايدىغان رەختنىڭ ئۇزۇنلىقى ئادەتتە 13 مېتىرچە كېلىدىكەن. ھىندىستاندىكى شىكلار ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھىندىستان سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم شىكلار ئىشچى بولدى. ئۇلار كۆپىنچە توقۇمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق تارماقلاردا ئىشلەيدۇ. شىكلار جەسۇر ھەم كۈچلۈك بولغاچقا، ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھەربىي قىسىملاردا خىزمەت ئۆتىشىدۇ. ھىندىستان ھۆكۈمىتى شىكلارنىڭ سەللە ئوراش ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ھەربىي سەپكە قاتناشقان شىك ئەرلىرىنىڭ ھەربىي بەلگىنى سەللىسىگە تاقىۋالسىلا ھەربىيچە باش كىيىم كىيمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

ھىندىستاندىكى شىكلار شىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. شىك دىنى 15- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ناناك (1469 - 1539) دېگەن كىشى تەرىپىدىن يارىتىلغان، ھىندى دىنىدىن بۆلۈنۈپ چىققان مۇستەقىل بىر تارماق دىن بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە ھىندىستاننىڭ پەنجاپ شىتاتىدا تارقالغان. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستان خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ شەھەر خەلقىنىڭ فېئوداللىق مۇستەبىت تۈزۈمگە قارشى كۈچلۈك قورالى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن. بۇ دىننىڭ مۇقەددەس كىتابى «گلانتىر ساخابۇ» دەپ ئاتىلىدۇ.

شىك دىنىنىڭ مۇخلىسلىرى تەبىئەت خۇدالىرىغا چوقۇنىدۇ. ئۇلار «دۇنيادىكى بارلىق ھادىسىلەر خۇدانىڭ كۈچ- قۇدرىتىنىڭ ئىپادىسى ئەمەس» دەپ قاراپ، خۇدانىڭ ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىرقچىلىق تۈزۈمىگە ۋە ئاياللارنى خورلاشقا قارشى تۇرۇپ، چاكىنا دىنىي قائىدە- يوسۇنلارنى چىقىرىپ تاشلاش، ئۆز- ئۆزىنى تەربىيىلەپ خاراكتېر يېتىلدۈرۈشنى قۇۋۋەتلەيدۇ. پاسسىپ ئىدىيە ۋە ھەرىكەتلەرنى ئىنكار قىلىدۇ. شىك دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى ھىندى دىنى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان.

ھىندىستاندىكى شىك دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ دىنىي مەركىزى ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى چېگرا شەھەر ئامرىتساردۇر. 17- ئەسىردە بۇ يەردە كۆلىمى ئىنتايىن زور بولغان بىر ئىبادەتخانا سېلىنغان بولۇپ، 1830- يىلى ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلىنغاندا ئۇنىڭ تام- تورۇسلىرىغا 100 كلوگرام ئالتۇن بىلەن ھەل بېرىلگەچكە، «ئالتۇن ئىبادەتخانا» دەپ ئاتالغان. ئۇ شىك دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ نەزەرىدىكى مۇقەددەس جاي ھېسابلىنىدۇ.

ھىندىستاندىكى شىكلار ئۆز دۆلىتىدىكى فېئودال ھۆكۈمرانلار ۋە چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا كۆپ قېتىم زەربە بەرگەن ۋە ئۇلار بىلەن باتۇرانە كۈرەش قىلغان. ئۇلار ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتكەچكە، پۈتۈن دۇنيا خەلقلىرىنىڭ مەدھىيىلىشىگە مۇيەسسەر بولغان، جۈملىدىن ئۇلار يەنە ھىندىستاننىڭ 57 يىل بۇرۇنقى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى جەريانىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. شىكلار گەرچە ھىندىستان ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئىككى پىرسەنتىنى ئىگىلىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن پرېزىدېنت، ھۆكۈمەت زۇڭلىسى ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك گېنىراللار چىققان. ئالايلۇق، ھىندىستاننىڭ بۇ يىلقى 14- نۆۋەتلىك ئومۇمىي سايلىمىدا غەلىبە قىلغان كونگرېسلار پارتىيىسىدىن بولغان زۇڭلىسى مانموخان سىنگى (Manmohan Singh) ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيانقى شىك مىللىتىدىن چىققان تۇنجى ھۆكۈمەت باشلىقىدۇر.


پايدىلانمىلار:

‹1› ۋاڭ جىچېڭ 王志成: «دۇنيادىكى مىللەتلەر»، خەنزۇچە. چېڭدۇ: سىچۈەن خەلق نەشرىياتى، 1999- يىلى 1- نەشرى، 23-، 41- بېتى. ‹2› «شىكلارنىڭ سەللە ئوراش ئادىتى»، ئۇيغۇرچە. ئۈرۈمچى: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ 2003- يىلى 19- سېنتەبىردىكى سانىنىڭ 7- بېتى. ‹3› شەمشىدىن ھاجى: «دىن لۇغىتى»، ئۇيغۇرچە. ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىلى 1- نەشرى. ‹4› شىنخۇا تورىنىڭ 2004- يىل 22- مايدىكى خەلقئارا خەۋەرلەر بېتى.