شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ تارىخى

«شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ تارىخى » (北史 )

«شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ تارىخى » تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن تارىخشۇناس لى يەنشۇ تەرپىدىن تەزكىرە- يىلنامە شەكىلىدە يېزىلغان تارىخي ئەسەر بولۇپ، ئۇنۇڭدا شىمالىي ۋېي سۇلالىسى قۇرۇلغان 386- يىلدىن سۈي سۇلالىسى گۇمران بولغان 618- يىلغىچە بولغان تارىخىي جەريان، يەنى ۋېي، چى، جۈ، سۈي، قاتارلىق شىمالدىكى سۇلالىلەرنىڭ ئاساسلىق تارىخنى بايان قىلىنغان. پۈتۈن ئەسەر جەمئى 68 جىلد تەزكىرە، 12جىلد خاتېرىدىن تەركىپ تاپقان .

«شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ تارىخى » دا4-5- ئەسىرلەردىن تاكى 7-8- ئەسىرلەرگىچە مۇڭغۇلىيە ۋادىسى ، شىنجاڭ ۋە كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىردا ياشىغان تۈركىي مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تارىخى- جۇغراپىيسىگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلار خاتېرلەنگەن .

«شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ تارىخى » نىڭ 99- جىلد «تۈركلەر تەزكىرىسى» دە ئاساسلىقى تۈركلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى، روناق تېپىشى، تۈرۈكلەردىكى بۆرە توتېمى، تۈرۈكلەرنىڭ جۈرجانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، تۈرك خانلىقنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم خاتېرىلەر بايان قىلىنغان .

«شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ تارىخى»نىڭ 98- جىلد « تېلىلار تەزكىرىسى» دە تېلى قەبىلىلىرىنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئەھۋالى، ئىگىلىك ئادەتلىرى، قەبىلە ئۇرۇقلىرى، ئۇلارنىڭ زورىيشى، ئەتىراپتىكى ھەر قايسى خاندانلىق ۋە مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى خاتېرلەنگەن . ئۇنۇڭدا يەنە قانقىللار ھەققىدە مەخسۇس خاتېرىلەر بېرىلگەن بولۇپ، ۋېينامە 103- جىلد «قانقىللار تەزكىرىسى» دىكى خاتېرىلەر بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش .