شىمالى ئاق كەركىدان

دۇنيادىكى ئەڭ ئاخرىقى شمالى ئافىرقا ئاق كەركىدانى ھەققىدە تەھرىرلەش

«سۇدان» دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى شىمال ئەركەك ئاق كەركىدانى. بۇرۇن ئۇ ئاخىرقى ئىككى چىشى شىمال ئاق كەركىدانى بىلەن بىرگە ئوپېي جىتا تەبىئىيلىكىنى قوغداش رايونىدا ياشىغان.

قوغداش رايونى 2018 يىلى ئۇچىنچى ئاينڭ باشلىرىدا «سۇدان»نىڭ سالامەتلىكى ناچارلاشقانلىقىنى، مال دوختۇرى 24 سائەت كۆزىتىپ ھالىدىن خەۋەر ئالغان بولسىمۇ، يەنىلا ھايات-مامات ئارىلىقىدا تىركەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كېنىيە ئوپىي جىتا تەبىئىيلىكىنى قوغداش رايونىنىڭ ئېيتىشىچە، 45 ياشلىق «سۇدان»نىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلاشقان بولۇپ، مۇسكۇلى ۋە ئىسكىلىتى چېكىنىپ بولغان، تېرىسىنى كەڭ دائىرىدە جاراھەت قاپلاپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورنىدىن تۇرالماس بولۇپ قالغان، شۇڭا قوغداش رايونى ئۇنى ئازابلىماي ئۆلتۈرۈش يولىنى تاللىغان.

كېنىيە ساياھەت مىنىستىرلىقى 31-مارت كېنىيەنىڭ شىمالىدىكى ئورپىجىتا تەبىئىي قوغداش رايونىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، يەر شارىدىكى ئەڭ ئاخىرقى شىمال ئاق ئەركەك كەركىداننىڭ ۋاپاتىنى خاتىرىلىدى. كېنىيە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەنبە تەھرىرلەش

نۇر تورى