شىنجاڭنىڭ ھاۋا قاتناش لىنىيىسىنىڭ ئېچىلىشى

شىنجاڭنىڭ ھاۋا قاتناش لىنىيىسىنىڭ ئېچىلىشى ( 1932 - يىل )

1932 - يىلى 12 - ئايدا نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا - ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى دۆلەت ئىچى ھاۋا قاتنىشىدا پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇش توختامى ئىمزالاپ ، بېيپىڭ ، شاڭخەي ۋە دىخۇا لىنىيىسىنى سىناق تەرىقىسىدە ئاچتى . 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى لى جىڭسۇڭ ياۋروپا - ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 1 - نومۇرلۇق ئايروپىلانىنى ھەيدەپ ، بېيپىڭدىن ئۇچۇپ ، گۈيسۈي ( خوخخوت ) ، قۇمۇل ، دىخۇا ئارقىلىق چۆچەككە كەلدى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ بىلەن ئىچكى رايونلارنىڭ ھاۋا قاتنىشىدا تارىخىي سەھىپە ئېچىلدى . شۇ يىلى ياۋروپا - ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ شاڭخەي - شىنجاڭ لىنىيىسىدە قاتناش باشلاندى ، ئايروپىلان ئىككى جايدىكى ئايرودرومدىن بىرلا ۋاقىتتا ئۇچىدىغان بولدى .