شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك ئىككىنچى شىسى

يېزا ئىگىلىك 2 - شىسى ئەسلىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 1 - دالا ئارمىيىسى 1 - بىڭتۇەنى 2 - جۈنىنىڭ 6 - شىسى ئىدى. 1949 - يىلى 10 - ئايدا بۇ قىسىم شىنجاڭغا كىرگەن بولۇپ، 1953 - يىلى بۇيرۇققا بىنائەن قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ، كوللېكتىپ كەسىپ ئالماشتۇرۇش يولى بىلەن يېزا ئىگىلىك 2 - شىسى قىلىپ قۇرۇلغان. شى شىتابى كورلىدا شەھىرىدە. يېزا ئىگىلىك 2 - شىسى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان بولۇپ، قاراشەھەر، كورلا، تارىم، مىرەن، چەرچەن قاتارلىق 5 بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى قارايدۇ. ئۇنىڭ قارمىقىدا مۇستەقىل ھېسابات قىلىدىغان كارخانىدىن 42 سى بار بولۇپ، بۇنىڭ 17 سى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانى، 25 ى سانائەت، قاتناش، بىناكارلىق، سودا كارخانىسى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق كەسپىي ئورۇندىن 158 ى بار، ھازىر 58 مىڭ گېكتار )882 مىڭ مو( تېرىلغۇ يەر، 2000 گېكتار )ئوتتۇز مىڭ مو( تەبىئىي توغراقلىق، 171 مىڭ گېكتار )2 مىليون 565 مىڭ مو( مېۋىلىك باغ بار. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 196 مىڭ 200، ئەمگەكچى 95 مىڭ 500، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئورنلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچى 86 مىڭ 700 نەپەر. يېزا ئىگىلىك 2 - شىسىنىڭ سۇ ئىنشائاتلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئېتىز - ئېرىقلارنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. داشكۆل، قارا قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئۈچ سۇ ئامبىرى )ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 340 مىليون كۇب مېتىر( 3000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئۇزۇنلۇقتىكى سۇ باشلاش، سۇ چىقىرىش ئۆستىڭىنى ۋە سۇ ئىنشائات تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، سۇ ئىنشائاتى ئۆي - ئىمارەت قۇرۇلۇشىدىن تەخمىنەن 1000 نى پۈتتۈردى. شى بويىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۈچى 107 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى 1200 دىن ئاشىدۇ. بۇ شى ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك ئورۇنغا ۋە تەبىئىي شارائىتقا ئىگە بولۇپ، شىمالدا بۇغداي، جەنۇبتا شال تېرىش، شىمالدا شېكەر، جەنۇبتا پاختا ئىشلەپچىقىرىش، شىمالدا ئالما، جەنۇبتا نەشپۈت يېتىشتۈرۈش، شىمالدا قوي، جەبۇبتا بۇغا بېقىشتەك يىرىك يېزا ئىگىلىك ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى، بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، پاختا، قۇلماق، قىزىلچا، ئالما، نەشپۈت قاتارلىقلار بار. يېزا ئىگىلىك 2 - شىسى مول تەبىئىي بايلىقىغا تايىنىپ، سانائەت تەرەققىياتىنى تېزلەتتى، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ توقۇمىچىلىق، كۆمۈر قېزىش، قەغەزچىلىك، شېكەر چىلىك، دورا ياساش، مەتبەئەچىلىك، سېمونت، ۋېرمىكۇتېت، ھاك تېشى، يېمەكلىك، ھاراق ئېچىتىش، ئىچىملىك، ئاياغ تىكىش، پرىسلانغان تاختا، ئۆي جاھازىلىرى ياساش قاتارلىق تۈرلەرنى بەرپا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تاشپاختىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا. ۋېرمىكۇتىتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ، جۇڭگوچە تېببىي دورا >ئەنۋېي< ماركىلىق ئاشقازان دورىسى خەلقئارا يەرمەنكىدە ئالتۇن مېدال مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ >قارىغاي< ماركىلىك چۈچۈك بۇيا مەلھىمى، >نەشپۈت< ماركىلىق 278 - نومۇرلۇق ساپ پاختا ئۆرۈش يىپ ۋە 18 - نومۇرلۇق ساپ پاختا يىپ، >لۈيۈەن< ماركىلىق ئەلا دەرىجىلىك قۇم شېكەر، >تىنچ ئاي< ماركىلىق ئىستېمال قىلىنىدىغان ئىسپىرت قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق مەھسۇلات ئايرىم - ئايرىم ھالدا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ۋە يېنىك سانائەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات دېگەن نامغا ئېرىشتى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ساپ پاختىلىق يۇڭ ئىشتان، ساپ پاختىدىن توقۇلغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك سىدام رەخت قاتارلىق 20 گە يېقىن مەھسۇلات ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات دېگەن نامغا ئېرىشتى.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش