شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك ئۈچىنچى شىسى

يېزا ئىگىلىك 3 - شىسى ئەسلىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 1 - دالا ئارمىيىسى 1 - بىڭتۇەنى 5 - جۈنىنىڭ 14 - شىسى بىلەن 5 - شىسىنىڭ بىر قىسىم قوشۇنى ئىدى. 1953 - يىلى بۇيرۇققا ئاساسەن كوللېكتىپ كەسىپ ئالماشتۇرۇش يولى بىلەن يېزا ئىگىلىك 1 - شىسىنىڭ 4 - باشقۇرۇش ئورنى تەشكىل قىلىنغان، 1966 - يىلى 1 - ئايدا يېزا ئىگىلىك 3 - شىسى قىلىپ قۇرۇلغان. شى شىتابى قەشقەر شەھىرىدە. يېزا ئىگىلىك شىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسىمغا جايلاشقان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 14 ناھىيە )شەھەر( سىگە تارقالغان. 3 بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى قارايدۇ، ئۇنىڭ تارمىقىدا مۇستەقىل ھېسابات قىلىدىغان كارخانىدىن 40 ى بار بولۇپ، بۇنىڭ 18 ى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانى، 22 سى سانائەت قاتناش، بىناكارلىق، سودا كارخانىسى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق كەسپىي ئورۇندىن 144 ى بار. ھازىر 54 مىڭ 700 گېكتار )820 مىڭ 500 مو( تېرىلغۇ يەر، 3600 گېكتار )54 مىڭ مو(مېۋىلىك باغ، 9000 گېكتار )135 مىڭ مو( سۇ كۆلىمى، 110 مىڭ گېكتار )1 مىليون 650 مىڭ مو( يايلاق، 8700 گېكتار )130 مىڭ 500 مو( يەردە سۈنئىي پەرۋىش قىلىنىدىغان چۈچۈك بۇيا بار. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 158 مىڭ )بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 82 مىڭ 400 نەپەر(، ئەمگەكچى 61 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچى 36 مىڭ نەپەر. يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ سۇ ئىنشائاتلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئېتىز - ئېرىقلارنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. چوڭ تىپتىكى سۇ ئامبىرىدىن 5 )ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 850 مىليون كۇب مېتىر( ياسالغان، يۈرۈشلەشكەن مۇكەممەل سۇغىرىش، سۇ چىقىرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىنغان بولۇپ، 100 مىڭ گېكتار )1 مىليون 500 مىڭ مو( سۇغىرىش كۆلىمىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ؛ دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۈچى 86 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى 1000 غا يېتىدۇ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، كوممىقوناق، پاختا، مايلىقدان، نەشپۈت، ئالما، ئۆرۈك، ياڭاق قاتارلىقلار بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەلا سۈپەتلىك ساپ پاختا، >گۇڭباۋ 5< ماركىلىق نەشپۈت، بۇغا مۈڭگۈزى قاتارلىقلار داڭلىق، ئەلا سۈپەتلىك، ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. نەشپۈت 1994 - يىلى 2 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىدە ئالتۇن مېدال مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بېيجىڭ دىياۋ يۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلات قىلىپ بېكىتىلدى. چارۋىلاردىن ئاساسلىقى كالا، قوي، بۇغا قاتارلىقلار بار. يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ ئاساسلىق سانائەت تۈرلىرىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، چۈچۈك بۇيا پىششىقلاپ ئىشلەش، ھارا ئېچىتىش، كاۋچۇك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش، پەمىدۇر پىششىقلاپ ئىشلەش، سېمونت قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە >قارىغاي< >قار لەيلىسى< ماركىلىق چۈچۈك بۇيا مەلھىمى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن ئېكىسپورت قىلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلات قىلىپ بېكىتىلدى، >تارىم دەرياسى< ماركىلىق ئۈچ قىرلىق تاسما بىلەن >شىخۇ< ماركىلىق ئۈزۈم ھارىقى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات دېگەن نامغا ئېرىشتى.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش

«شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» دىن