شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك بىرىنچى شىسى

يېزا ئىگىلىك 1 - شىسى ئەسلىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 1 - دالا ئارمىيىسى 1 - بىڭتۇەنى 2 - جۈنىنىڭ 5 - شىسى ئىدى. 1949 - يىلى 11 - ئايدا بۇ قىسىم ئاقسۇغا كىرگەن بولۇپ، 1953 - يىلى 5 - ئايدا بۇيرۇققا ئاساسەن قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىپ، كوللېكتىپ كەسىپ ئالماشتۇرۇش يولى بىلەن يېزا ئىگىلىك 1 - شىسى قىلىپ قۇرۇلغان. شى شىتابى ئاقسۇ شەھىرىدە، يېزا ئىگىلىك 1 - شىسى تارىم دەرياسىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، قۇمقۇدۇق، ئارال، 4 - تۇەن، 5 - تۇەن، 6 - تۇەندىن ئىبارەت 5 بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى قارايدۇ. 5 بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى قارايدۇ. ئۇنىڭ قارمىقىدا مۇستەقىل ھېسابات قىلىدىغان كارخانىدىن 55 ى بار بولۇپ، بۇنىڭ 17 سى دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانى، 38 ى سانائەت قاتناش، بىناكارلىق، سودا كارخانىسى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 101 مىڭ 200 گېكتار )1 مىليون 518 مىڭ مو( تېرىلغۇ يەر، 79 مىڭ 500 گېكتار )1 مىليون 192 مىڭ 500 مو( باقمىچىلىق قىلىدىغان سۇ كۆلىمى، 27 مىڭ 700 گېكتار )415 مىڭ 500 مو( يايلاق، 34 مىڭ 400 گېكتار )516 مىڭ مو( ئورمانلىق، 4600 گېكتار )69 مىڭ مو( مېۋىلىك باغ، 9 مىڭ گېكتار )135 مىڭ مو( باقمىچىلىق قىلىدىغان سۇ كۆلىمى ئۇنىڭدىن باشقا زور كۆلەمدىكى ئۆزلەشتۈرۈشكە بولىدىغان بوز يەر بار. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 228 مىڭ 600، ئەمگەكچى 117 مىڭ 600، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچى 98 مىڭ 300 نەپەر. يېزا ئىگىلىك 1 - شىسىنىڭ سۇ ئىنشائاتلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئېتىز - ئېرىقلارنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. تارىم دەرياسىنى توسۇپ سۇ باشلاش تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، يۇقىرى ئېقىن، غالىبىيەت، دولان، يېڭى قۇدۇقتىن ئىبارەت تۈزلەڭلىككە جايلاشقان تۆت چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرى )ساقلىنىۋاتقان سۇ مىقدارى 400 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشىدۇ( قۇرۇلۇشى ۋە تارىم دەرىياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ خوتەن دەرياسىغا تۇتىشىدىغان غول ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشلىرى پۈتتۈرۈلگەن بولۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىنىڭ سۇغىرىش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرۇپ كەلمەكتە؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۈچى 170 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن بولۇپ، تۈرلۈك چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى 2000 دىن ئاشىدۇ، چوڭ ئېتىزلاردا ماشىنا بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش دەرىجىسى 90% كۆپرەككە يېتىدۇ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى پاختا، شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، قوغۇن - تاۋۇز، كۆكتات، قۇلماق قاتارلىقلار بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن تالالىق پاختىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇزۇن تالالىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئاسالىقى ئالما، نەشپۈت، چىلان، ئۈزۈم، ئۆرۈك، شاپتۇل قاتارلىقلار بار. سۇ مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بېلىق، راك، قۇلۇلە، سەدەپ قۇلۇلىسى، پاقا قاتارلىقلار بار بولۇپ، 1991 - يىلىدىن باشلاپ يەنە نىلۇپەر يەر ئاستى غولى، بىجىق، پىلىپگۈل، سۇ ياڭىقى قاتارلىق سۇدا ئۆسىدىغان ئىقتىسادىي ئۆسۈملۈكلەرنى كىرگۈزدى. چارۋىلاردىن ئاساسلىقى كالا، قوي، ئات، چوشقا، تۆگە، بۇغا قاتارلىقلار بار. يېزا ئىگىلىك 1 - شىسىنىڭ 2 -، 3 - كەسىپلىرىمۇ بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئاسالىقى توقۇمىچىلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كان مەھسۇلاتلىرى، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ترانسپورت، ئىچكى سودا، تاشقى سودا قاتارلىق تۈرلەر بار. ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىدىن سېمونت، فوسفورلۇق ئوغۇت، سۇلفات كىسلاتاسى، كۆمۈر، كوركۇس، چۈچۈك بۇيا مەلھىمى، پەمىدۇر قىيامى، كىچىك تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، كۆن - خۇرۇم، كىيىم - كېچەك، يۇڭ يىپ، يۇڭ توقۇلما، يۇڭ ئەدىيال، پاختا يىپ، پاختا رەخت، سۇلياۋ مەھسۇلاتلىرى، ئاق ھاراق، ئىچىملىك، سۈت پاراشوكى، ئۆسۈملۈك مېيى، مېۋە قېقى، قەنت - گېزەك، پېچىنە - پىرەنىك قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات 22 خىل بولۇپ، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكىنى 14 خىل. >قارىغاي< ماركىلىق چۈچۈك بۇيا مەلھىمى، >قارلەيلىسى< ماركىلىق دولقۇنسىمان بۆرتمە گۈللۈك يۇڭ ئەدىيال، >يېشىل قارىغاي< ماركىلىق سېمونت ۋە >دېھقانلارنىڭ دوستى< ماركىلىق يۈرۈشلەشكەن سۇلياۋ يۇپۇق يېپىپ كېۋەز تېرىش ماشىنىسى قاتارلىقلار بىر قەدەر داڭلىق.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش