شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك تۆتىنچى شىسى

يېزا ئىگىلىك 4 - شىسى ئەسلىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 - جۈنىنىڭ 15 - شىسى ئىدى. 1993 - يىلى 6 - ئايدا بۇ قىسىم بۇيرۇققا بىنائەن تەرتىپكە سېلىنىپ، كوللېكتىپ كەسىپ ئالماشتۇرۇش يولى بىلەن يېزا ئىگىلىك 4 - شىسى قىلىپ قۇرۇلغان. شى شىتابى غۇلجا شەھىرىدە. يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىغا قاراشلىق بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ غەبىي چېگرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىلى ۋىلايىتىدىكى 8 ناھىيە 1 شەھەرگە تارقالغان. ئۇنىڭ قارمىقىدا مۇستەقىل ھېساب قىلىدىغان كارخانىدىن 67 سى بار، بۇنىڭ 21 سى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۈەن - مەيدانى، 46 سى سانائەت، قاتناش، بىناكارلىق، سودا كارخانىسى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق كەسپىي ئورۇندىن 178 ى بار. ھازىر 103 مىڭ گېكتار )1 مىليون 542 مىڭ مو( تېرىلغۇ يەر، 333 مىڭ گېكتار )4 مىليون 905 مىڭ مو( يايلاق، 3000 گېكتار )45 مىڭ مو( مېۋىلىك باغ بار. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 216 مىڭ، ئەمگەكچى 104 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچى 88 مىڭ 300 نەپەر. يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ سۇ ئىنشائاتلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئېتىز - ئېرىقلارنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. 23 سۇ ئامبىرى )ئومۇمىي سىغىمچانلىقى تەخمىنەن 50 مىليون كۇب مېتىر( ياسالغان دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۈچى 150 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، 1500 دىن ئارتۇق، چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنىسى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى ئاشلىق، مايلىقدان، پاختا، قىزىلچا تاۋۇز، ئالما، قۇلماق قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە قۇلماق، تاۋۇز ئۇرۇقى ۋە تەبىئىي پۇراقلىق دورا - دەرمانلارنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بازىرى ئىنتايىن ئىتتىك. يۇڭ تېرە، گۆش قاتارلىق چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بار. يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ سانائىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، ھاراق ئېچىتىش، شېكەرچىلىك، يۇڭ توقۇمىچىلىق، سېمونت، كۆمۈر كان، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆن - خۇرۇم ئىشلەش، ماشىنا رېمونت قىلىش، مەتبەئەچىلىك، قەغەز ياساش قاتارلىق تۈرلەر بار. ئىلى ھاراق باش زاۋۇتى، قورغاس شېكەر زاۋۇتى، شىنجاڭ غەربىي رايون يۇڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى، ئىلى يېزا ئىگىلىك بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ماي خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ نەنگاڭ سېمونت زاۋۇتى، قورغاس ئىسپىرت زاۋۇتى، ئىلى جىيەنخۇا كۆن - خۇرۇم باش زاۋۇتى قاتارلىقلار يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ غوللۇق باشلامچى كارخانىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىلى ھاراق باش زاۋۇتى ئىشلەپ چىقارغان >ئىلى< ماركىلىق ئاق ھاراقلار يېقىنقى 5 يىلدىن بېرى دۆلەت ۋە ئىچى ۋە خەلقئارادا 31 قېتىم ئالتۇن مېدال ۋە كۈمۈش مېدال مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلار 18 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونغا، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى قىسمەن دۆلەتلەرگە ۋە شياڭگاڭ، تەيۋەن قاتارلىق رايونلارغا سېتىلىدۇ.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش

«شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» دىن