شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك سەككىزىنچى شىسى

يېزا ئىگىلىك 8 - شىسى ئەسلىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 22 - بىڭتۇەنى 9 - جۈنىنىڭ 26 - شىسى ئىدى. بۇ قىسىم 1950 - يىلىنىڭ بېشىدا ماناس دەرياسى ئېقىنىنىڭ يەنسىخەي، ئۇلان ئۇسۇن بويلىرىغا كىرىپ ئورۇنلاشقان. 1953 - يىلى بۇيرۇققا بىنائەن كوللېكتىپ كەسىپ ئالماشتۇرۇش يولى بىلەن يېزا ئىگىلىك 8 - شىسى قىلىپ قۇرۇلغان. شى شىتابى شىخەنزە شەھىرىدە. يېزا ئىگىلىك 8 - شىسىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرى شىخەنزە شەھىرىنى يادرو قىلىپ، جەنۇبتا تەڭرى تېغىغىچە، شىمالدا قۇربان توڭگۇت قۇملۇقىغىچە سوزۇلغان بولۇپ، شىخەنزە شەھىرى، قاراماي شەھىرى بىلەن ماناس ناھىيىسى، ساۋەن ناھىيىسى تەۋەسىگە جايلاشقان. شىخەنزە، يەنسەي، موسۇۋەن، شىيايېدى قاتارلىق 4 سۇغىرىش رايونىغا بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭ قارمىقىدا مۇستەقىل ھېسابات قىلىدىغان كارخانىدىن 265 سى بار بولۇپ، 19 ى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن مەيدانى، 246 سى سانائەت، قاتناش، بىناكارلىق، سودا كارخانىسى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق كەسپىي ئورۇندىن 275 ى بار. ھازىر 175 مىڭ 100 گېكتار )2 مىليون 626 مىڭ 500 مو( تېرىلغۇ يەر، 64 مىڭ گېكتار )960 مىڭ مو( يايلاق، 2000 گېكتار )30 مىڭ مو( مېۋىلىك باغ، 18 مىڭ گېكتار )270 مىڭ مو( ئورمانلىق، 3000 مىڭ گېكتار )45 مىڭ مو( باقمىچىلىق قىلىدىغان سۇ كۆلىمى بار. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 496 مىڭدىن ئارتۇق )بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر ئاھالىسى 230 مىڭدىن كۆپرەك( بولۇپ، ئەمگەكچى 235 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچى 192 مىڭ 700 نەپەر. يېزا ئىگىلىك 8 - شىسىنىڭ سۇ ئىنشائاتلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئېتىز - ئېرىقلارنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. سۇ باشلاش تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدىن 13 نى، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرىدىن 6 نى )ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 510 مىليون كۇب مېتىر( ياسىزى ۋە 6.270 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا باش غول ئۆستەڭ چاپتى؛ دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۈچى 246 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىدۇ. 2300 دىن ئارتۇق چوڭ، ئوتتۇا تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنىسى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى، بۇغداي، كۆممىقوناق، پاختا، قىزىلچا قاتارلىقلار بار بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاشلىق، پاختا، قىزىلچا ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك 8 - شىسىنىڭ قاتنىشى قۇلايلىق بولۇپلا قالماستىن، ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرىمۇ ئىلغار. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي بۆلىكى، دۆلەت تاشيولىنىڭ 312 - لىنىيىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا شەھەرنىڭ جەنۇب ۋە شىمال تەرىپىدىن ئۆتىدۇ. شىخەنزە رايونىنى مەركەز قىلغان، 41 تاشيول ھەرقايسى تۇەن - مەيدانلار بىلەن يېزا - بازارلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئاسىيا، ياۋروپا نۇر كابىلى شەھەر رايونىدىن ئۆتىدۇ. تۈرلۈك زامانىۋىي ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلمەكتە، 24 مىڭ توچكىدىن ئارتۇق پروگراممىلىق تېلېفون بار. بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ئۇل مۇئەسسەسەلەر يېزا ئىگىلىك 8 - شىسى سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، ھازىر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق سانائىتىنى ئاساس قىلغان، مەلۇم كۆلەمگە ئىگە زامانىۋىي سانائەت ئاساسىي جەھەتتىن بارلىققا كەلتۈرۈلدى. 1 - ئاۋغۇست شېكەر زاۋۇتى، 1 - ئاۋغۇست پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى، 1 - ئاۋغۇست يۇڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ۋەكىللىكىدىكى ئەسلىھەلىرى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيىسى ئىلغار تېخنىكا كۈچى زور بولغان بىر تۈركۈم زامانىۋىي كارخانىلار بارلىققا كېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىم يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق سانائىتى بازىسى بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان 48 خىل مەھسۇلات ئاپتونوم رايون ۋە دۆلەتلىك مىنىستىر، كومىتېتلار تەرىپىدىن ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات بولۇپ باھالاندى، بۇنىڭ ئىچىدە ×A2201 تىپلىق گاباردىيون ئىككى قېتىم دۆلەت تەرىپىدىن كۈمۈش مېدال مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ 500 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردىكى 18 دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلىدۇ.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش