<شىنجاڭ سەنئىتى> - قوش ئايلىق سەنئەت ژۇرنىلى بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى باشقۇرىدۇ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلدۇ، <شىنجاڭ سەنئىتى> ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى نەشرگە تەييارلايدۇ. بۇ ژۇرنال 1980 - يىل 6 - ئايدىن تارتىپ نەشر قىلىنىشقا باشلىغان، 1988 - يىلدىن تارتىپ چەت ئەللەرگىمۇ چىقىرىلغان. ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدىن دراما، تېلېۋىزىيە تىياتىرى، كىنو سىنارىيلىرى ئادەتتە ئاساسەن مۇشۇ ژۇرنال سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە كىنو - تېلېۋىزىيە تىياتىرى، دراما، سەنئەت ھەققىدىكى ھەر خىل نەزەرىيۋى ماقالىلەر، ئوبزور، تەتقىقات ماقالىلىرى بېسىلىدۇ، قىسمەن تەرجىمە ئەسەرلەرمۇ بېرىلىدۇ.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش