شىنجاڭ مائارىپ تارىخىي ماتېرىياللىرى

ماۋىنخۇا. 1998 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلغان. مائارىپ تارىخىغا ئائىت مەزمون دائىرىسى ئەڭ كەڭ ئەسەر، ئاپتور كۆپلىگەن تارىخىي ماتېرىياللارنى ئىگىلەش ئاساسىدە شىنجاڭ مائارىپىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ قەدىمىي زامان، مىنگو دەۋرىدىن تارتىپ دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىنكى دەۋرگىچە بولغان مائارىپ تەرەققىيات جەريانىنى بىر قەدەر مۇكەممەل ۋە جانلىق بايان قىلىپ سۆرەتلەپ، ئىلگىرى چېچىلىپ كەتكەن مائارىپ تارىخىنى بىر ئېنىق سىستېمىغا شىنجاڭنىڭ مائارىپ تارىخىنى مۇكەممەل ئىگىلىشىمىز ئۈچۈم مول تىل - تارىخىي ماتېرىياللارنى تونۇشتۇرۇپ بەرگەن. قەدىمكى زامان قىسمىدا: ئاپتور ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى مائارىپىدا مەخسۇس توختالغان. يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان قىسمدا بولسا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل توغرىسىدا مەخسۇس تېما تەسىس قىلىنغان. بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپچىلىرىنى تونۇشتۇرغاندا، ئاپتون يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىنى بىر قەدەر ئوبيېكتىپ، مۇكەممەل، ئەتراپلىق شەرھلەپ، مىڭ يىلغا يېقىن كۆمۈلۈپ قالغان تارىخىي مىراسلارنى يېڭى قىياپەت بىلەن كىشىلەر ئالدىدا نامايەن قىلغان. كىتابتا يەنە كۆپ ساندىكى كىشىلەر بىلمەيدىغان تارىخىي رىئاللىقلار ئېچىپ بېرىلگەن. شىنجاڭ مائارىپ تارىخىي ماتېرىياللىرى مەيلى تارىخنى تەتقىق قىلشىقا ياكى مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى ئېچىشتا بولسۇن ناھايىتى مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش