شىنجاڭ مائارىپ نەشرياتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى 169 - نومۇرلۇق قورۇغا جايلاشقان بولۇپ، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدىكى دەرسلىك ماتېرىياللارنى تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش، نەشر قىلىشنى ئاساس قىلغان مائارىپ ئىشلىرى ئورگىنىدۇر. 1956 - يىلى 8 - ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى دەرسلىك كىتابلارنى تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئاساسىدا قۇرۇلغان. 1962 - يىلى خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەڭشىلىشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن يەنە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1973 - يىلى يەن بىر قېتىم ئايرىلىپ چىقىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدىكى مائارىپ كەسپىي نەشرىياتقا ئايلانغان. كۆپ يىللىق قۇرۇلۇش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، شىبە قاتارلىق تىللاردا تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش ئاپپاراتلىرىنى ۋە باشقۇرۇش بۆلۈملىرىنى تەسىس قىلىپ، تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش ئاپپاراتلىرىنى ۋە باشقۇرۇش بۆلۈملەرنى تەسىس قىلىپ، تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلىغان. 1956 - 1966 - يىلغىچە 10 يىل جەريانىدا جەمئىي ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، شىبە قاتارلىق بەش مىللەتنىڭ تىل يېزىقىدىكى كىتاب ماتېرىياللاردىن 1742 خىل 22مىليون 700 مىڭ پارچىنى تەھرىرلەپ، تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىش ئاز سانلىق مىللەت مىللەت ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئاساسلىق دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرغان. قايتا قۇرۇلۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇلر بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن دېگەن نەشرىيات قۇرۇش مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، سۈپەت ئېڭى، كۆركەملىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېرىياللىرنى تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش، نەشىر قىلىش خىزمەتلىرىنى ھەر مىللەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇردى. 1975 - 1999 - يىلغىچە جەمئىي ئاز سانلىق مىللەت تىل يېزىقىدىكى ماتېرىياللىرىدىن 14389 خىل، 366390000 پارچىنى نەشىر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر تۈركۈم باشقا تۈردىكى كىتابلارنى نەشىر قىلدى. نۆۋەتتە بۇ نەشرىياتتا باش تەھرىر بۆلۈمى، نەشىر قىلىش بۆلۈمى، ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلى، موڭغۇل تىلى، قىرغىز تىلى، شىبە تىلى، خەنزۇ تىلىك گۈزەل سەنئەت قاتارلىق توققۇز كەسپىي بۆلۈم تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە قاتلاملىرى بىر قەدەر مۇۋاپىق بولغان، سىياسىي ساپاسى ۋە كەسپىي ساپاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان، تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش قوشۇنىغا ئىگە. ھازىر كەسپىي ئىشچى - خىزمەچىلەر 149 نەپەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانى بار كەسپىي خادىملار 40 نەپەر، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىككىدىن ئارتۇق تىل - يېزىقنى ئىگىلىگەن. يەنى كۆپ ساندىك مۇنەۋۋەر كەسپىي خادىملار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن. ئايال مۇھەررىر سائادەت ئىمىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق ئىلغار خىزمەتچى، 10 مۇنەۋۋەر ئايال خىزمەتچىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان ۋە 1995 - يىلى مەملىكەتلىك 4 - نۆۋەتلىك تاۋفېن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.' [1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش