شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى

شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپ خىزمەت كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى باشقۇرۇشىدىكى، شىنجاڭ مائارىپ گېزىت - ژۇرنال نەشرىياتى تەسىس قىلغان مائارىپ خىلىدىكى مەخسۇس گېزىت بولۇپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىلدا نەشردىن چىقىدۇ. خەنزۇچە نەشرى 1989 - يىلى 7 - ئايدىن باشلاپ نەشىردىن چىقىشقا باشلىغان. ئۇيغۇرتىلى نەشرى 1990 - يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ نەشىردىن چىقىشقا باشلىغان. قازاقچە نەشىر 1992 - يىلى سىناق تەرىقىسىدە 1997 - يىلى رەسمىي نەشىردىن چىقىشقا باشلىغان. خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە نەشرى ھەپتىدە بىر قېتىم، قازاقچىسى ئۈن كۈندە بىر قېتىم نەشىردىن چىقىدۇ.

بۇ گېزىت ئاساسلىقى ھەردەرىجىلىك مائارىپ باشقۇرغۇچى خادىملار، پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، مائارىپ مەمۇرىي كادىرلىرى، ھەردەىجىلىك ھەرخىل تىپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى مۇشتەرى ئوبيېكتى قىلغان. بۇ گېزىت پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنڭ مائارىپ فاڭجېن سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىسلاھات ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش، ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىسلاھات تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، مائارىپ سېپىدىكى ئىلغار تىپلارنى خەۋەر قىلىش، ئوقۇ - ئوقۇتۇش قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ تۈپ مەقسىتى قىلىدۇ. بۇ گېزىت مۇھىم خەۋەرلەر بېتى، ئۇنىۋېرسال خەۋەرلەر بېتى، ئوقۇ - ئوقۇتۇش نەزەرىيىسى بېتى، ئەدەبىي پارچىلار ۋە سەنئەت قوشۇمچە بەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ گېزىتنىڭ يەنە قىسقا خەۋەرلەر، ئۇل مائارىپ، كەسپىي تەلىم - تەربىيە، چوڭلار مائارىپى، ئالىي مائارىپ، ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە، ساپا مائارىپى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى، مائارىپ تەتقىقاتى، مۇشتىرىلاردىن خەت، سىياسىدىن مەسلىھەت، پىكىر - تەلەپ مۇنبىرى، نەسىر، ئوبزور، ھېكايە، شېئىر، ناخشىلار قاتارلىق سەھىپىلىرىمۇ بار. گېزىتنىڭ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە نەشىرى ئاپتونوم رايون بويىچە ئون ئىلغار ۋە مۇنەۋۋەر گېزىتنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە نۇسخىسىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىر تۇتاش ژۇرنال نومۇرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا CN65-0046, CN65-0046/W, CN65-0046/H پوچتا ۋاكالەت نومۇرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 161 - 57، 140 - 57، 139، 57، ھازىر ژۇرنال بۆلۈمىدە 31 تەھرىر خادىم بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئاخبارات تۈرىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار يەتتە نەپەر، ئوتتۇر دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار 10 نەپەر.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش