شىنجاڭ مالىيە ئىقتىسادى

شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىسادى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنستىتۇتى تەسىس قىلغان ئىقتىساد تۈرىدىكى ئۇنىۋېرسال ژۇرنال بولۇپ، 1982 - يىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىغان قوش ئايلىق ژۇرنال. خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى خىل يېزىقتا نەشر قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا ئاشكارا تارقىتىلىدۇ. بۇ ژۇرنال ماركسىزم ئىدىيىسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى يېتەكچى قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قوش يۈز فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى جەريانىدىكى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىللەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىنجاڭ ۋە غەربىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات مەسىلىسىنى چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىقتىساد ساھەسىدىكى نەزەرىيىۋى تەتقىقات يېڭى نەتىجىلىرىنى يېڭى قاراش، يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى ئۇچۇلارنى يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلغان. بۇ ژۇرنالدا ئىقتىساد نەزەرىيسى، شىنجاڭ ئىقتىسادى، رايونلار ئىقتىسادى، يېزا ئىقتىسادى، كارخانىچىلار مۇنبىرى، تەكشۈرۈش دوكلاتى، كارخانا باشقۇرۇش، مالىيە ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ۋە ئىستراخۇانىيە، مالىيە بۇغالتىرلىقى ۋە مۇپەتتىشلىكى، سېلىشتۇرۇش ۋىي پايدىلىنىش قاتارلىق سەھىپىلەر تەسىس قىلىنىغان[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش