شىنجاڭ ۋاقتى، شۇنداقلا ئۈرۈمچى ۋاقتى ھەم دېيىلىدۇ. يەرلىك جۇغراپىيىلىك مەۋقىئى يۈزىسىدىن بەلگىلەنگەن ئۆلچەملىك ۋاقىتتۇر. بۇ ۋاقىت UTC+06:00 سائەتىنى ئۆلچەم ئالىدۇ، شۇنداقلا قازاقىستان ۋاقتى بىلەن بىردەك بولۇپ، بېيجىڭ ۋاقتىدىن ئىككى سائەت كېيىندۇر.[1] بۇ ۋاقىت رايونى ئۇيغۇر رايونىدا بېيجىڭ ۋاقىتى بىلەن ماس قەدەملىك قوللىنىلىدۇ.[2][3]

ئۆتمۈشى تەھرىرلەش

1970 ۋە 1980- يىللاردا، شىنجاڭ ۋاقتى كۆپ قېتىم بىكار قىلىنىپ قايتا يولغا قويۇلۇشلارنى باشتىن ئۆتكۈزدى. 1986- يىل ھۇد ئېيىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭ خەلقى ئىچىدە شىنجاڭ ۋاقتى (UTC+6) قوللىنىشنى تەستىقلىدى. لېكىن، تۆمۈريول، ھاۋايول ۋە پوچتا-تېلگراف قاتارلىق كەسىپلەردە داۋاملىق بېيجىڭ ۋاقتى قوللىنىش بەلگىلەندى.[3][4] لېكىن بۇ قارار ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە شۇ جايغا يەرلەشكەن خەنزۇلارنىڭ بولۇشسىز ئىنكاسىنى قوزغىدى.[5]

قوللىنىلىش تەھرىرلەش

كۈنمىزدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋاقىت قوللىنىش مىللەت پەرقىگە كۆرە ئايرىلغان ھالغا كېلىپ قالدى، كۆپچىلىك خەنزۇلار بېيجىڭ ۋاقتى، كۆپچىلىك ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر ئۈرۈمچى ۋاقتى قوللانماقتا.[6] بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئىككى ۋاقىتنى تەڭ قوللانماقتا.[7][8] ئىككى ئۆلچەملىك ۋاقىتنى تەڭ قوللىنىش كۈتۈلمىگەن قولايسىزلىقلارنى ھەم تۇغدرۇماقتا، بولۇپمۇ كۆپ مىللەت ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئوقۇشماسلىقلار كېلىپ چىقماقتا.[9][10][11] بۇ يۈزدىن قالايماقانچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قايسى ۋاقىت ئىكەنلىكى، بەئزىدە ئوقتۇرۇش ئوبىكتىغا قارىتا مۇۋاپىق ۋاقىت نامى بىلەن ئوقتۇرۇشلاردا ئېنىق قىلىپ قىلىپ بىلدۈرۈلمەكتە.[12]

شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى، خەنزۇچە قاناللار بېيجىڭ ۋاقتى، ئۇيغۇر ۋە قازاقچە قاناللار ئۈرۈمچى ۋاقتى قوللانماقتا.

2014- يىلى، ئامېرىكا ئالما شىركىتى يېڭى نۇسخا iOS سېستىمىسىنى ئېلان قىلغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى قوللانغۇچىلار ئۈچۈن ئۈرۈمچى ۋاقتىنى كىرگۈزگەن. بۇندىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى قوللىنىپ كۆنۈپ قالغان قوللانغۇچىلارنىڭ ئويغىتىشلىرى، ئۆز ۋاقتىدا چالماي قېلىپ، شۇ كۈنى بەزى قوللانغۇچىلارنىڭ كۈنلۈك تۇرمىشىغا بولىشسز تەئسىر كۆرسەتكەن.[13]

مەنبە تەھرىرلەش

  1. "Archive copy". Archived from the original on 2016-03-04. Retrieved 2016-12-28.CS1 maint: archived copy as title (link)
  2. 冷知识:“北京时间”的由来. شىنخۇا تورى. 2015-يىل 03- ئوغلاق ئۇلانمىسىدىن ئارخىپلەندى
  3. 3.0 3.1 GUO, Qing-sheng. 中国标准时制考 (PDF). China Historical Materials of Science and Technology. 2001, 22 (3): 269–280 [2016-12-09]. 1000-0798(2001)03-0269-12 خەنزۇچە.
  4. 法定时与北京时间,خەلق مائارىپى نەشرىياتى,ئارخىپلەندى 2006-11-14 at the Wayback Machine.
  5. 王力雄. 我的西域,你的東土:沒有人曾經,或可能如此解讀新疆與維吾爾人. 大塊出版. 2007. ISBN 9789862130117. (ۋاڭ لىشيوڭ، مېنىڭ غەربىي يۇرتۇم، سېنىڭ شەرقى تۈركىستانىڭ: بۇرۇن ھېچكىم، ياكى بەلكىم شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلارنى بۇنداق تونۇشتۇرمىغاندۇر. داكۇۋەي نەشرىياتى، 2007)
  6. 【讀書時間】在時間的悟透里跋涉或存在.
  7. "Bending Time in Xinjiang".
  8. 作息时间. (ئەسىل مەزمۇن 12 ئوغۇز 2014 ئارخىپلەندى).
  9. 10点日出,半夜吃饭,在新疆用北京时间的烦恼. نيويورك ۋاقت گېزىتى خەنزۇچە تور نۇسخاسى ئېلانى. 17 سەفەر 2016.
  10. 【城市】乌鲁木齐:没有屋顶的博物馆. جەنۇب ھەپتە ئاخىرى.
  11. Clocks square off in China's far westLos Angeles Times. 31 March 2009.
  12. ^ 北京时间的概念 (بېيجىڭ ۋاقتى ئوقۇمى)
  13. ئۈرۈمچى خەلقىنىڭ ئىنكاسى:ئالما سېستىما يېڭىلىغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك شىنجاڭ ۋاقتىنى تاللاپ قويىماقتا. سۇمرۇغ تورى.