شېڭ شىسەي

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى شىڭ شى سەي)
مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس

ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ.

شېڭ شىسەي (盛世才 Shèng Shìcái) ئىسمى جېن كاڭ ، ئەسلى يۇرتى لىياۋنىڭ ئۆلكىسى كەييۈەن ناھىيسى ، 1897-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان . 1919-يىلى ياپۇنىيە توكيو مىڭجى ئونۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، شۇ يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ، قايتىپ كەلگەندىن كىيىن يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شاۋجۇۋ ئوبلاستى قارمىقىدىكى ھەربىي مەدرىسكە ئىمتىھان بىرىپ كىرگەن . ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن شەرقىي شىمال ئارمىيسىنىڭ 8-بېرىگادىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1926-يىلى ياپۇنيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئونۋىرسىتېتىغا جۇڭگۇ ئوقۇغۇچىلار ئۆمىكى بىلەن ئوقۇشقا ئىۋەتىلگەن . 1927-يىلى ۋەتەنگە قايتىقاندىن كىيىن گومىنداڭ ئىنقىلابى ئارمىيسى باش شىتابىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى بولغان . 1930-يىلى كۈزدە شىنجاڭغا كىلىپ جىن شۇرىنن دۇبەن مەھكىمىسنىڭ مەسلىھەتچىسى ، مەسلىھەتچىلەر باشلىقى بولغان . 1932-يىلى يازدا شەرقىي يول باندىتلارنى يوقىتىش قۇماندانلىق مەركىزىدە قۇماندانلىق قىلىپ ، قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان . 1933-يىلى << 12-ئاپرىل>> سىياسىي ئۆزگىرشىدىن كىيىن شىنجاڭنىڭ چىگرا مۇداپىئە دۇبەنى بولغان ۋە ئۆزى بىلەن قارشى ئىددىيدىكىلەرنى يوقىتىپ ، ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھۆكىمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ، <<جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ، سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن دوست بولۇش ، دىمكۇراتىينى يولغا قويۇش ، پاك - دىيانەتلىك بولۇش ، تىنىچلىق ، قۇرلۇش ئىلىپ بىرىش ، >> تىن ئىبارەت 6 چوڭ سىياسەتنى يۈرگۈزگەن . ئارقىدىنلا << ئىسيانچىلارنى باستۇرۇش >> پىلانى يۈرگۈزۈپ نۇرغۇنلىغان ئىلغار زاتلار ، كومپارتىيە ئەزالىرىغا زىيانكەشلىك قىلغان ۋە ئۇلارنى كۆپلەپ قىرغان ، 1942-يىلى گومىنداڭغا بىقىنغان . قوشۇمچە شىنجاڭ ئىنىستوتىنىڭ مۇدىرى بولغان . 1944-يىلى 9-ئايدا خەلق ھۆكىمىتى دىھقانچىلىق ئورمانچىلىق مىنىستىرى بولغان .

شېڭ شىسەي

1945-يىلى ۋەزىپىسدىن قالدۇرۇلغان . 1949-يىلى تەيۋەنگە قىچىپ بارغان . 1970-يىلى 7-ئايدا كىسەل بىلەن ئۆلگەن .

مەنبەلەر تەھرىرلەش