شىۋول يېزىسى شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيىسى گە جايلاشقان. كېرىيە ناھىيىسى بازىرىغا 38 كېلومىتېر كېلىدۇ. شەرقتە توغراغاز يېزىسى ۋە سىيەك يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى لەڭگەر يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربتە قارقى يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.

شىۋول يېزىسى

西吾勒乡.Shiwol town

كېرىيە ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە كېرىيە ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 4 دانە
نوپۇس 5 مىڭ
يەر مەيدانى 210 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

كىلىماتى تەھرىرلەش

يېزىنىڭ ھاۋاسى ئىللىق، قۇرغاق، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 45.8 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2479.8 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، 1-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃24.3-، 7-ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃41.2. بىر يىلدىكى قىروسىز مەزگىلى 205 ~ 210 كۈن. ئادەتتە شامال كۈچى 3 بال، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 9 بالغا يېتىدۇ. بىر يىلدا 150 كۈن ئەتراپىدا قۇم-بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ.