شياۋ گۈەنيىن(1039-1075). قىتان خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان ئۇيغۇرشائىرەدۇر. ئۇنىڭ دادىسى شىياۋخۇي ( ئۇيغۇرچە ئىسمى خاتىرىلەنمىگەن) قىتان خانلىقىدا ۋەزىر بولغان. شىياۋگۈەنيىن قىتان ئوردىسىدا خانىش بولغان. ئۇ بەرباب چىلىش ۋە شىئىرىيەتتە داڭق چىقارغان بولۇپ، خىلى كۆپ شىئىرلارنى خەنزۇچە يازغان. شائىرەنىڭ«قەلب ھويلىسغا قايتىش»، «ئۆتمۈشنى ئەسلەش»،«نامدىن جۇدا بولۇش»قاتارلىق ئەسەرلىرى ساقىلىنىپ قالغان[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. گۆھەربان ئۆمەر، ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئايال ئەدىبلەر