شۆھرەت مۇتەللىپوۋ

شۆھرەت مۇتەللىپ ئامېرىكا بىئولوگىيە ئالىمى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئامېرىكا ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستېتى "تۆرەلمە ھۈجەيرە ۋە گېنىتىكىلىق داۋالاش تەتقىقات مەركىزى"نىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ خوندىرىئوسوملۇق ئېرسىي كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلىنى بايقىغانلىقى ۋە ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى تۇنجى قېتىم مۇۋاپىققىيەتلىك كلونلاپ چىققانلىقىدەك زور ئىلمىي بايقاشلىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان.  شۆھرەت مۇتەللىپ 1961-يىلى قازاقىستاندا ئۇيغۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە باللىق دەۋرىنى ئالمۇتادا ئۆتكۈزگەن. 1979-يىلى سوۋېت ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ئۇدا ئىككى يىل ئارمىيەدە رادىئو تېخنىكى بولۇپ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئارمىيەدىن قايتقاندىن كېيىن، ئۇ موسكىۋادىكى تىمىريازېۋ يېزا-ئىگىلىك ئۇنىۋېرستېتىدا گېنىتىكا كەسپىدە ئوقۇغان ۋە بۇ مەزگىلدە بىر بىلۇز مۇزىكا ئەترىتىدە گىتتار چېلىپ تۇرمۇشىنى قامدىغان. ئۇ 1989-يىلى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن، موسكىۋادىكى مېدىتسىنا گېنىتىكىسى تەتقىقات مەركىزىدە دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرگەن. دوكتورلۇقنى تامامىلىغان مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇ ئالدى بىلەن گېرمانيەگە زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولۇپ بارغان، ئۇزۇن ئۆتمەي 1995-يىلى  ئامېرىكا يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرستېتىغا كىلىپ پوستدوكتورلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ بۇ يەردە 3 يىلغا يېقىن ئىشلىگەن بولۇپ، ئاساسلىقى كالا غول ھۈجەيرىسى ۋە كلونلاش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1998-يىلى ئورىگون ساغلاملىق ئۇنىۋېرستېتىغا قاراشلىق ئورىگون دۆلەتلىك پىرىماتلار تەتقىقات مەركىزىگە كىلىپ مايمۇن غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا كىرىشكەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ ئىزچىل مەزكۇر ئۇنىۋېرستېتتا ئىشلەپ كەلگەن ۋە 2007-يىلىدىن باشلاپ پىروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنغان. دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئاساسلىق نەتىجىلىرى ۋە شەرەپلىرى:1. 2007-يىلى تۇنجى بولۇپ مايمۇن غول ھۈجەيرىسىنى كلونلاپ چىققان ۋە بۇ تەتقىقاتى ئامېرىكا دەۋر ژۇرنىلى تەرىپىدىن شۇ يىللىق "مېدىتسىنادىكى 10 چوڭ بۆسۈش" نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 2. 2009-يىلى تۇنجى بولۇپ ئانا تۇخۇم ھۈجەيرىسىدە خوندىرىئوسوم ئالماشتۇرۇشنى مايمۇندا مۇۋاپىققىيەتلىك سىناق قىلىپ، تۇنجى 3 ئەجدادتىن تۇغۇلغان ۋە خوندىرىئوسوملۇق ئېرسىي كېسەللەردىن خالىي مايمۇننى يېتىشتۈرگەن. بۇ تېخنىكا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ساغلام پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسىدىكى ئاتا-ئانىلارغا ئۈمىد ئاتا قىلغان.3. ئورىگون شىتاتلىق مېدىتسىنا تەتقىقات فوندىنىڭ 2010-يىللىق "بايقاش مۇكاپاتى" غا ئېرىشكەن. 4. 2013-يىلى تۇنجى بولۇپ ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى مۇۋاپىققىيەتلىك كلونلاپ چىققان. بۇ دەۋىر بۆلگۈچ بايقاش ئامېرىكا دەۋر ژۇرنىلى، بايقاش ژۇرنىلى، دۆلەت جۇغراپىيىسى قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن "2013-يىللىق 10 چوڭ بۆسۈش" نىڭ بىر بولۇپ باھالانغان. 5. دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ 2013-يىلى دۇنياغا مەشھۇر تەبئىي پەن ئىلمىي ژۇرنىلى - "تەبىئەت" تەرىپىدىن باھالاپ چىقىلغان شۇ يىلىدىكى دۇنيادىكى "تەسىرى ئەڭ زور 10 ئالىم" تىزىملىكىدە 4-ئورۇنغا تىزىلغان.   6. دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللار ھېسابلىنىدىغان "تەبىئەت"، "ھۈجەيرە"، "ئىلىم-پەن"، "ھۈجەيرە غول ھۈجەيرە" قاتارلىق داڭلىق ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ماقالىلىرىنىڭ باشقا تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن نەقىل ئېلىنىش قېتىم سانى 2500 قېتىمدىن ئېشىپ ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىنىڭ زور پايدىلىنىش قىممىتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. 7. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ھازىرغىچە داڭلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن CNN، CBS، ABC قاتارلىقلاردا، دۇنياغا داڭلىق مەتبۇئاتلاردىن دەۋر ژۇرنىلى، بايقاش ژۇرنىلى، بۈگۈنكى ئامېرىكا، بۈگۈنكى ئىلىم-پەن، ئىقتىسادشۇناس، نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى، ۋاشىڭگىتون پوچتا گېزىتى، لوس ئانژىلىس ۋاقىت گېزىتى، ئەنگىلىيە ھەپتىلىك خەۋەرلەر گېزىتى... قاتارلىقلاردا كۆپ قېتىم تونۇشتۇرۇلغان. يۇقارقىلاردىن باشقا، دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ئامېرىكا ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ئامېرىكدىكى ئەڭ زور تەتقىقات مەبلىغى تەمىنلەش ئورگانلىرىنىڭ تەتقىقات فوندى قارارىنى چىقىرىدىغان كۆپلىگەن كومېتىتلىرىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ۋە "تەبىئەت"، "تەبىئەت بىئو-تېخنىكىسى"، "غول ھۈجەيرە" قاتارلىق خەلىقئارادىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ تەھرىرلىكىگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ زامانىمىزدا دۇنياغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئالىملارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەڭ داڭلىق تەبئىي پەن ئالىمدۇر.

تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگە (بىلگەجان)2015-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى (ئامېرىكا)