شۇئەيب ئەلئەرنائۇت

شۇئەيب ئەلئەرنائۇت (شعيب بن محرم الأرنؤوط): شۇئەيب ئىبنى مۇھەررەم ئەلئەرنائۇت (ئەبۇ ئۇسامە). (ھ. 1346 – 1438 / م. 1928 – 2016) تېگى ئالبانىيەلىك، سۈرىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ھازىرقى زاماندىكى مەشھۇر مۇھەددىس، تىلشۇناس، ئەدىب. «مۇسنەدۇ ئەھمەد» (50 توم)، «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلا» (25 توم) ۋە «شەرھۇسسۈننە» (16 توم) قاتارلىق چوڭ ھەجىملىك كۆپلىگەن ھەدىس كىتابلىرىنى نەشرگە تەييارلىغان ۋە ھەدىسلىرىنى تەخرىج قىلغان.