«شەجەرەئى تۈرك» 17- ئەسىردە ئۆتكەن ئوتتۇرا ئاسىيالىق تارىخچى ئەبۇلغازى باھادىرخان (1603- 1665- يىللار) تەرىپىدىن مىلادىيە 1663- 1664- يىللىرى يېزىلغان تارىخىي ئەسەر. بۇ ئەسەر جەمئىي توققۇز باپ بولۇپ، 2- بابىدا ئۇيغۇر، قارلۇق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئەسلى يىلتىزى ھەققىدە بىر قىسىم تارىخىي ئۇچۇلار، ئەپسانە- رىۋايەتلەر بار. يەنە ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز،ئوغۇزخان رىۋايىتى دېگەندەك قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ- جۇغراپىيىلىك دائىر قىممەتلىك خاتىرىلەرمۇ بار [15]. بۇ ئەسەر ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا دوساننىڭ «موغۇل تارىخى» ، راشىدىننىڭ «جامىئۇل تاۋارىخ» دېگەن ئەسىرى ۋە «قۇچۇ ئىدىقۇتلىرىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى» نىڭ خەنزۇچە تېكىستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى خاتىرىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.