شەخسىي شېرىكسىز كارخانا قانۇنى


(1999 - يىلى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - يىغىنىدا ماقۇللاندى) 1 - باب ئومۇمىي قائىدە 1 - ماددا بۇ قانۇن شەخسىي شېرىكسىز كارخانىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شەخسىي شېرىكسىز كارخانىغا مەبلەغ سالغۇچى ۋە ھەقدارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى. 2 - ماددا بۇ قانۇندا دېيىلگەن شەخسىي شېرىكسىز كارخانا مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە تەسىس قىلىنغان، بىر تەبىئىي ئادەم مەبلەغ سالغان، مال - مۈلۈككە مەبلەغ شەخس ئىگىدارلىق قىلىدىغان، مەبلەغ سالغۇچى كارخانىنىڭ قەرزى ئالدىدا ئۆزىنىڭ شەخسىي مۈلكى بىلەن چەكسىز جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئىگىلىك باشقۇرغۇچى ئەمەلىي گەۋدىنى كۆرسىتىدۇ. 3 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانا ئۆزىنىڭ ئاساسىي ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق ئورۇننى تۇرار جاي قىلىدۇ. 4 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلار تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى لازىم. شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلار باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك. 5 - ماددا دۆلەت شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلارنىڭ مال - مۈلكىنى ۋە باشقا قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ. 6 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلار ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى ۋە ئىشلىتىشى لازىم. ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇندا قوغدىلىدۇ. شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر قانۇن بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرىدۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرىدۇ. 7 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلاردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە پائالىيەت قىلىدۇ. 2 - باب شەخسىي شېرىكسىز كارخانا تەسىس قىلىش 8 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانا تەسىس قىلىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك. (1) مەبلەغ سالغۇچى بىر تەبىئىي ئادەم بولۇش؛ (2) قانۇنلۇق كارخانا نامى بولۇش؛ (3) مەبلەغ سالغۇچىنىڭ چىقىرىشقا مەلۇم قىلغان مەبلىغى بولۇش؛ (4) مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت قىلىش سورۇنى ۋە زۆرۈر ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت قىلىش شارائىتى بولۇش؛ (5) تېگىشلىك كەسىپكارلىرى بولۇش. 9 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانا تەسىس قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، مەبلەغ سالغۇچى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچى شەخسىي شېرىكسىز كارخانا تۇرۇشلۇق جايدىكى تىزىملاش ئورگىنىغا تەسىس قىلىش ئىلتىماسنامىسى، مەبلەغ سالغۇچىنىڭ كىملىكى، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت قىلىش سورۇنىنى ئىشلىتىش ئىسپاتى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتچى تەسىس قىلىشنى تىزىملىتىشقا ئىلتىماس قىلغاندا، مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ھاۋالىنامىسىنى ۋە ۋاكالەتچىنىڭ قانۇنلۇق ئىسپاتىنى بېرىش لازىم. شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تىجارەت قىلىش مەنئى قىلىنغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئالاقىدار ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار تەسىس قىلىشنى تىزىملىتىشقا ئىلتىماس قىلغاندا ئالاقىدار تارماقلار تەستىق سالغان ھۆججەتنى تاپشۇرۇشى كېرەك. 10 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانا تەسىس قىلىش ئىلتىماسنامىسىدە تۆۋەندىكى ئىشلار ئوچۇق يېزىلىشى لازىم: (1) كارخانىنىڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى؛ (2) مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى؛ (3) مەبلەغ سالغۇچى چىقارغان مەبلەغ سانى مەبلەغ چىقىرىش شەكلى؛ (4) تىجارەت دائىرىسى. 11 - ماددا شەخشىي شېرىكسىز كارخانىنىڭ نامى ئۇنىڭ مەسئۇلىيەت شەكلىگە ھەم شۇغۇللىنىدىغان تىجارىتىگە ماس كېلىشى كېرەك. 12 - ماددا تىزىملىغۇچى ئورگان تەسىس قىلىش ئىلتىماسىغا دائىر ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇلىدىغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەنلەرنى تىزىمغا ئېلىپ، ئۇلارغا تىجارەت كىنىشكىسى بېرىدۇ؛ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلىمىگەنلەرنى تىزىمغا ئالمايدۇ ھەمدە ئۇلارغا يازما جاۋاب بېرىپ، سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ. 13 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىغا ئىمزا قويۇپ تارقىتىلغان كۈن شەخسىي شېرىكسىز كارخانا قۇرۇلغان كۈن بولىدۇ. شەخسىي شېرىكسىز كارخانىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئېلىشتىن ئىلگىرى، مەبلەغ سالغۇچى شەخسىي شېرىكسىز كارخانا نامىدا تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ. 14 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانا تارماق ئاپپارات تەسىس قىلسا، مەبلەغ سالغۇچى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچى تارماق ئاپپارات تۇرۇشلۇق جايدىكى تىزىملاش ئورگىنىغا تىزىمغا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئالىدۇ. تارماق ئاپپارات تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئارقىلىق تىزىمغا ئېلىنغاندىن كېيىن، تىزىملىتىش ئەھۋالىنى شۇ تارماق ئاپپارات قاراشلىق شەخسىي شېرىكسىز كارخانىنى تىزىمغا ئالغان ئورگانغا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم. تارماق ئاپپاراتنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى شۇ تارماق ئاپپاراتنى تەسىس قىلغان شەخسىي شېرىكسىز كارخانا ئۈستىگە ئالىدۇ. 15 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانا مەۋجۇت مەزگىلدە، تىزىملىتىلغان ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولسا، ئۆزگەرتىش قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تىزىملاش ئورگىنىغا ئۆزگەرتىپ تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىشى لازىم. 3 - باب شەخسىي شېرىكسىز كارخانىغا مەبلەغ سالغۇچى ۋە ئىش باشقۇرۇش 16 - ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىنغان كىشىلەرنىڭ مەبلەغ سالغۇچى سۈپىتىدە شەخسىي شېرىكسىز كارخانا تەسىس قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 17 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانىغا مەبلەغ سالغۇچى ئۆز كارخانىسىنىڭ مال - مۈلىكىگە قانۇن بويىچە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ئالاقىدار ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بەرسە ياكى ۋارىسىغا بەرسە بولىدۇ. 18 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانىغا مەبلەغ سالغۇچىلاردىن كارخانا تەسىس قىلىشنى تىزىملىتىشقا ئىلتىماس قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئائىلە ئورتاق مۈلكىنى شەخسىي مەبلەغ قىلىپ چىقىرىدىغانلىقى ئېنىق بولغانلار كارخانا قەرزى ئالدىدا ئائىلە ئورتاق مۈلكى ئارقىلىق قانۇن بويىچە چەكسىز مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 19 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانىغا مەبلەغ سالغۇچى كارخانا ئىشلىرىنى ئۆزى باشقۇرسىمۇ ياكى ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە باشقا كىشىلەرگە كارخانا ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشنى ھاۋالە قىلسىمۇ ياكى ئۇلارنى كارخانا ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشقا تەكلىپ قىلسىمۇ بولىدۇ. مەبلەغ سالغۇچى شەخسىي شېرىكسىز كارخانا ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىشتا ياكى باشقۇرۇشقا ئادەم تەكلىپ قىلىشتا ھاۋالە قىلىنغۇچى ياكى تەكلىپ قىلىنغۇچى بىلەن يازما توختام تۈزۈپ، ھاۋالە قىلىنىدىغان كونكرېت مەزمۇن ۋە بېرىلىدىغان ھوقۇق دائىرسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى لازىم. ھاۋالە قىلىنغۇچى ياكى تەكلىپ قىلىنغۇچى خادىم سەمىمىي، تىرىشچان بولۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، مەبلەغ سالغۇچى بىلەن تۈزۈشكەن توختامغا ئاساسەن شەخسىي شېرىكسىز كارخانىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ھاۋالە قىلىنغۇچى ياكى تەكلىپ قىلىنغۇچى خادىملارنىڭ ھوقۇقىغا چەك قويۇشتا ياخشى نىيەتلىك ئۈچىنچى كىشى بىلەن قارشىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 20 - ماددا مەبلەغ سالغۇچى ئۆزىنىڭ شېرىكسىز كارخانىسىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ھاۋالە قىلغان ياكى تەكلىپ قىلغان خادىملار تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلسا بولمايدۇ: (1) ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ پارا تەلەپ قىلسا ياكى پارا ئالسا؛ (2) ۋەزىپىسىدىكى ياكى خىزمەتتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ كارخانا مۈلكىنى ئىگىلىۋالسا؛ (3) كارخانىنىڭ مەبلىغىنى ئۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىۋالسا ياكى باشقىلارغا قەرز بەرسە؛ (4) كارخانىنىڭ مەبلىغىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن شەخسىي نامدا ياكى باشقىلارنىڭ نامىدا ھېساب ئېچىپ ئامانەت قويسا؛ (5) ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ كارخانىنىڭ مەبلىغى بىلەن كاپالەت بەرسە؛ (6) مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، شۇ كارخانا بىلەن رىقابەتلىشىدىغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانسا؛ (7) مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، شۇ كارخانا بىلەن توختام تۈزسە ياكى سودىلاشسا؛ (8) مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، كارخانا ماركىسىنى ياكى باشقا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرسە؛ (9) شۇ كارخانىنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويسا؛ (10) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا قىلمىشلاردا بولسا. 21 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلار قانۇن بويىچە بوغالتىرلىق ھېساب دەپتىرى تۇتۇپ، بوغالتىرلىق ھېساباتى ئېلىپ بېرىشى لازىم. 22 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلار ئىشچى - خىزمەتچى ئالسا، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامى تۈزۈپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا تولۇق بېرىشى لازىم. 23 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. 24 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلار قانۇن بويىچە قەرز پۇل ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولسا ھەمدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. 25 - ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلارنى ھەر قانداق شەكىل ئارقىلىق مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە ئادەم كۈچى بېرىسەن دەپ مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلار قانۇنغا خىلاپ ھالدا مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە ئادەم كۈچى بېرسەن دەپ مەجبۇرلايدىغان قىلمىشلارنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 4 - باب شەخسىي شېرىكسىز كارخانىنى تارقىتىش ۋە ئېنىقلاش 26 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە تارقىتىلىدۇ: (1) مەبلەغ سالغۇچى تارقىتىشنى قارار قىلسا؛ (2) مەبلەغ سالغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئۆلدى دەپ جاكارلانغان بولۇپ، ئورنىغا ۋارس چىقمىغان ياكى ۋارس ۋارىسلىقتىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلغان بولسا؛ (3) تىجارەت گۇۋاھنامىسى قانۇن بويىچە ئىناۋەتسىز قىلىنغان بولسا؛ (4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە. 27 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانا تارقىتىلغاندا ئۇنى مەبلەغ سالغۇچى ئۆزى ئېنىقلايدۇ ياكى ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئېنىقلىغۇچى بەلگىلەپ ئېنىقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. مەبلەغ سالغۇچى ئۆزى ئېنىقلىسا، ئېنىقلاشتىن 15 كۈن ئىلگىرى ھەقدارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى، ئۇقتۇرۇش قىلغىلى بولمىسا، ئېلان چىقىرىشى كېرەك. ھەقدار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالمىغانلار ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە، مەبلەغ سالغۇچىغا ئۆزىنىڭ ھەقدارلىقىنى مەلۇم قىلىشى لازىم. 28 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانا تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى مەبلەغ سالغۇچى شەخسي شېرىكسىز كارخانا مەۋجۇت مەزگىلدىكى قەرزنى قايتۇرۇش جاۋابكارلىقىنى يەنىلا ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن ھەقدار بەش يىلغىچە قەرزداردىن قەرزنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمىسا، بۇ جاۋابكارلىق تۈگەيدۇ. 29 - ماددا تارقىتىلغان شەخسىي شېرىكسىز كارخانىنىڭ مۈلكى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە قايتۇرۇلىدۇ: (1) قەرز قالغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىراجىتى؛ (2) قەرز قالغان باج پۇلى؛ (3) باشقا قەرزلەر. 30 - ماددا ئېنىقلاش مەزگىلىدە، شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلار ئېنىقلاش مەقسىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز تىجارەت ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا بولمايدۇ. ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قەرزنى تۆلەشتىن بۇرۇن، مەبلەغ سالغۇچى مال - مۈلكىنى يۆتكەشكە، يوشۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. 31 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانىنىڭ مال - مۈلكى قەرز قايتۇرۇشقا يەتمىسە، مەبلەغ سالغۇچى قەرزنى ئۆزىنىڭ باشقا مال - مۈلكى بىلەن تۆلىشى كېرەك. 32 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانىنى ئېنىقلاشنى تۈگەتكەندىن كېيىن، مەبلەغ سالغۇچى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلىگەن ئېنىقلىغۇچى ئېنىقلاش دوكلاتى تەييارلىشى ھەمدە 15 كۈن ئىچىدە تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورگىنىغا بېرىپ رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى لازىم. 5 - باب قانۇنىي جاۋابكارلىق 33 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يالغان ھۆججەت تاپشۇرۇپ ياكى باشقا ئالدامچىلىق ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، كارخانىنى تىزىمغا ئالدۇرۇۋالغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارغا 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قوشۇمچە تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. 34 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ئۆزى تىزىمغا ئالدۇرغان نامغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان نامنى ئىشلەتكەن شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلار چەكلىك مۇددەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارغا 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 35 - ماددا تىجارەت كىنىشكىسىنى ئۆزگەتكەن، ئىجارىگە بەرگەن، ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەر تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلارغا 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ. تىجارەت كىنىشكىسىنى ياسىۋالغانلار تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلارغا 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 36 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلاردىن قۇرۇلغاندىن كېيىن ئورۇنلۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ، ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتكۈچە ئىش باشلىمىغانلار ياكى ئىش باشلىغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئۇدا ئالتە ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىش توختاتقانلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ. 37 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئالماي تۇرۇپ، شەخسىي شېرىكسىز كارخانا نامىدا تىجارەت ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار تىجارەت ھەرىكىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارغا 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. شەخسىي شېرىكسىز كارخانىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان ئىشىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئالاقىدار ئۆزگەرتىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىشىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بېجىرمىگەنلەر ئۆزگەرتىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىشىنى چەكلىك مۇددەت ئىچىدە بېجىرىشكە بۇيرلىدۇ؛ قەرەلى ئۆتۈپ كەتسىمۇ بېجىرمىگەنلەرگە 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 38 - ماددا مەبلەغ سالغۇچى ھاۋالە قىلغان ياكى تەكلىپ قىلغان خادىملاردىن شەخسىي شېرىكسىز كارخانا ئىشلىرىنى باشقۇرۇۋاتقان چاغدا ئىككى تەرەپ تۈزۈشكەن توختامغا خىلاپلىق قىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىغا زىيان يەتكۈزگەنلەر ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 39 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلغانلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىغانلار، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرمىغانلار ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە جازالىنىدۇ ھەمدە جاۋابكارلىقى بار ئالاقىدار خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرلىدۇ. 40 - ماددا مەبلەغ سالغۇچى ھاۋالە ياكى تەكلىپ قىلغان خادىملاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 20 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شەخسىي شېرىكسىز كارخانىنىڭ مال - مۈلۈك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلغانلار ئىگىلىۋالغان مال - مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ كارخانىغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 41 - ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، شەخىسي شېرىكسىز كارخانىنى مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە ئادەم كۈچى بار دەپ مەجبۇرلىغانلار ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە جازالىنىدۇ ھەمدە جاۋابكارلىقى بار ئالاقىدار خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 42 - ماددا شەخسىي شېرىكسىز كارخانا ۋە ئۇنىڭغا مەبلەغ سالغۇچىلاردىن ئېنىقلاشتىن ئىلگىرى ياكى ئېنىقلاش مەزگىلىدە مال - مۈلكىنى يوشۇرۇپ قويۇپ ياكى يۆتكىۋېتىپ، قەرز مەجبۇرىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلارنىڭ مال - مۈلكى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىدۇ ھەمدە ئۇلار ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 43 - ماددا مەبلەغ سالغۇچىلاردىن قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرى ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ۋە جەرىمانە تۆلەيدۇ، مال - مۈلكى تۆلەم تۆلەشكە چىقىش قىلمىغانلىرى ياكى مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلىرى ئاۋۋال ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 44 - ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلارنى تىزىمغا ئالغان ياكى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارنى تىزىمغا ئالمىغان تىزىمغا ئالغۇچى ئورگانلارنىڭ بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار خادىملىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 45 - ماددا تىزىمغا ئالغۇچى ئورگاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تارمىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل خادىملىرى تىزىمغا ئالغۇچى ئورگاننى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلارنى تىزىمغا ئېلىشقا مەجبۇرلىسا، ياكى مۇشۇ كارخانىلارنى تىزىمغا ئالماسلىققا مەجبۇرلىسا، ياكى تىزىمغا ئالغۇچى ئورگاننىڭ قانۇنغا خىلاپ تىزىمغا ئېلىش قىلمىشىنى قانات ئاستىغا ئالسا، ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار خادىملىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 46 - ماددا تىزىمغا ئالغۇچى ئورگان قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلتىماسنى تىزىمغا ئالمىسا ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن ئېشىپ كەتسىمۇ جاۋاب بەرمىسە، دەۋالاشقۇچى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ. 6 - باب قوشۇمچە قائىدە 47 - ماددا بۇ قانۇن چەت ئەل سودىگەرلىرى ئاچقان شېرىكسىز كارخانىلارغا تەتبىقلانمايدۇ. 48 - ماددا بۇ قانۇن 2000 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. "