شەپەرەڭ دۇنيادىكى ئەڭ مەينەت، دۇنيادىكى ئەر رەزىل ۋىرۇسلىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئۇچار قۇش. ئۇ 2020-يىلىدىكى ۋۇخەن يۇقۇملۇق ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى.

شەپەرەڭ

ياز ئاخشاملىرى ئۇياقتىن-بۇياققا ئۇچۇپ ھاشارات تۇتۇپ يەيدىغان غەلىتە بىر خىل ھايۋاننى كۆرۈپ تۇرىمىز. بۇ ھايۋان قۇشقا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇ قۇش ئەمەس، بەلكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدىكى ئۇچالايدىغان بىردىنبىر كىچىك ھايۋان شەپەرەڭدۇر.

ئۇيغۇرچە نامى شەپەرەڭ
لاتىنچە ئىلمىي نامى Vespertilio superans Thomas
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
سىنىپى سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى
تۈركۈمى قولقاناتلىقلار ئەترىتى
ئائىلىسى 19 ئائىلىسى
تۈرى 962 خىل
ئنگىلىزچە نامى bat
خەنزۇچە نامى 蝙蝠
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى
كەنجى سىنىپى ھەقىقىي ھايۋانلار كەنجى سىنىپى
كەنجى ئەترىتى چوڭ شەپەرەڭلەر كەنجى ئەترىتى ، كىچىك شەپەرەڭ كەنجى ئەترىتى
ئۇرۇقدىشى 185 ئۇرۇقدىشى
تارقالغان رايۇن پۈتۈن دۇنيا

ھەققىدە تەھرىرلەش

شەپەرەڭ بولسا قولقاناتلىقلار ئەترىتىگە تەۋە ھايۋانات، قولقاناتلىقلار ئەترىتىدىكى بۇ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدە غاجىغۇچىلار ئەترىتىدىن قالسىلا 2 - چوڭ تۈرلەر گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ. بىردىن بىر تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش چىقىش ۋە پەرۋاز قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئېمىتكۈچى ھايۋانلار، ھازىر جانلىقلار تۈرىدە جەمئىي 19 ئائىلىسى، 185 ئۇرۇقدىشى، 961خىلى بار، قۇتۇپ ۋە ئوكياندا كۆرۈلگەن بەزى ئاراللاردىن باشقا، پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان. ئۇ تروپىك بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغدا ئەڭ كۆپ كۆرىلىدۇ. كۆپ قىسىم شەپەرەڭ ھەممىسى، كۈندۈزى ئارام ئالىدۇ، كېچىدە ئوزۇق تۇتىدۇ. بەزىلەر شەپەرەڭلەرنىڭ ھەممىسى ھاشارات تۇتۇپ يەپ جان كەچۈرىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، شەپەرەڭلەرنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تۈرلۈك شەپەرەڭلەرنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

 
شەپەرەڭ تام تورۇسىدا

شەپەرەڭ جەمئىي 900 خىلدىن كۆپ، كۆپ ساندىكىلىرى ھاشارات يەتدۇ.

ياشاش قانۇنيىتى تەھرىرلەش

شەپەرەڭ كېچىدە ئۇچۇشقا ماھىر. قانچە قاپقاراڭغۇ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ بىردەم يۇقىرىلاپ ۋە پەسلەپ، ئۇچۇش يۆنىلىشى ۋە سۈرئىتىنى تېزلىكتە ئۆزگەرتىپ، ھېچ نەرسىگە سوقۇلماستىن ئۇچۇپ يۈرگەن ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يېيەلەيدۇ.

ئىقتىدارى تەھرىرلەش

شەپەرەڭ سىرتقى مۇھىتتىكى ھەممە نەرسىنى قۇلىقى بىلەن «ئېنىق كۆرۈپ تۇرىدۇ» غان بولغاچقا، كۆزى ئېتىپ قويۇلسىمۇ ئۇ يەنە نورمال ئۇچالايدۇ. ناۋادا ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقى بىرەر نەرسە بىلەن ئېتىپ قويۇلسا، ئۇچۇش جەريانىدا ئۇدۇل كەلگەن نەرسىلەرگە سوقۇلۇپ يۈرىدۇ؛ ئەگەر قۇلىقىغا تىقىپ قويغان نەرسە ئېلىۋېتىلسە، ئۇ يەنىلا نورمال ئۇچالايدۇ.

ئىلمىي ئۆلچەشلەر ئارقىلىق شەپەرەڭنىڭ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئورۇن بەلگىلەش ئەسۋابى بىلەن ئورۇن بەلگىلەيدىغانلىقى بايقالدى. يەنى ئۇ ئۇچۇش جەريانىدا كېكىردىكىدىن بىر خىل ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى چىقىرىپ، ئاغزى ياكى بۇرۇن تۆشۈكى ئارقىلىق تارقىتىدىكەن. بۇ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى جىسىملارغا تېگىپ ئۇنىڭدىن ئەكس سادا قايتقاندا شەپەرەڭ قۇلاقلىرى ئارقىلىق ئۇنى قوبۇل قىلىپ، نىشان ۋە ئارىلىققا ھۆكۈم قىلىدىكەن. كىشىلەر ئەكس ساداغا ئاساسەن نىشان بەلگىلەيدىغان بۇ خىل ئۇسۇلنى « ئەكس سادا ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش» دەپ ئاتىغان.

شەپەرەڭنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئىسسىق بەلۋاغدا ياشايدىغان ۋە مەخسۇس بېلىق تۇتۇپ يەيدىغان بىرخىل بېلىقخور شەپەرەڭ بولۇپ، ئۇ دائىم سۇ ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرۈپ ئوزۇق ئىزدەيدۇ. يەنى ئالدى بىلەن ئۇ سۇغا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى قويۇپ بېرىدۇ، ئاندىن ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى بېلىق تېنىگە تەگكەندە ئۇنىڭدىن قايتقاندىكى سىگنال قانچە ئاجىز بولسىمۇ ئۇ بۇ ئەكس سادانى يەنىلا ئاڭلىيالايدۇ ھەمدە سۇ يۈزىگە تېزلىكتە ئېتىلىپ چۈشۈپ بېلىقلارنى تۇتۇۋالالايدۇ. بېلىقخور شەپەرەڭنىڭ تەكشۈرۈش ماھارىتىمۇ ھەربىي ئىشلار ئالىملىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا خاتاسىز زەربە بېرىش ئۈچۈن سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ئايروپىلاندا بايقىيالايدىغان بىر خىل رادارنى تەقلىدىي ياساپ چىققان.

 
ئەكەك شەپەرڭنىڭ فىزىلوگىيىلىك تۈزۈلۈشى

شەپەرەڭنىڭ بۇ خىل ئەكس سادا ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش ئەسۋابى ئىنتايىن نازۇك يول باشلىغۇچى ئەسۋاب بولغاچقا، ئۇ چىڭ تارتىلغان ئىنچىكە سىملار ئارىلىقلىرىدىنمۇ بىمالال ئۇچۇپ ئۆتەلەيدۇ.

باشقىلار تەھرىرلەش

شەپەرەڭنىڭ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئورۇن بەلگىلەش ئەسۋابى پرىنسىپىغا ئاساسەن، كىشىلەر يەنە ئەمالار ئىشلىتىدىغان « يول كۆرسەتكۈچ ئەسۋابى » نى تەقلىدىي ياساپ چىققان. بۇ خىل ئەسۋابنىڭ ئىچىگە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تارقىتىدىغان ئاپپارات ئورنىتىلغان بولۇپ، ئەمالار ئۇنى ئېلىۋالسا تۈۋرۈك، پەلەمپەي، كۆۋرۈك ۋە ئادەم قاتارلىقلارنى بايقىيالايدىكەن. ھازىر رولى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان « ئۇلترا ئاۋازلىق كۆزەينەك» مۇ دۇنياغا كەلدى.

 
مايمۇن يۈزلۈك فىجى شەپەرىڭى

ھازىر كىشىلەر يەنە نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك زىيانداش ھاشاراتلىرىنىڭ شەپەرەڭنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەنلا ھودۇقۇپ قاچىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەپەرەڭنىڭ ئاۋازىغا تەقلىد قىلىپ ئاۋاز چىقىرىش ئارقىلىق زىيانداش ھاشاراتلارنى قاچۇرۇپ زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىنى قوغدايدىغان بولدى.

مەنبە تەھرىرلەش

  1. ئىزدە قامۇسى