ش ئۇ ئا ر مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي كوچا ۋە تارىخىي ئىمارەتلەرنى قوغداش نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر، كوچا ۋە تارىخىي ئىمارەتلەرنى قوغداش نىزامى (خەنچە: 新疆维吾尔自治区历史文化名城街区建筑保护条例) 2002 - يىل 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ش ئۇ ئا ر 9 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 - يىغىنىدا ماقۇللانغان بولۇپ، 2010 - يىل 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ش ئۇ ئا ر 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18 - يىغىنىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر، كوچا ۋە تارىخىي ئىمارەتلەرنى قوغداش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن. مەزكۇر تەرجىمىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى

1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ تەھرىرلەش

1 – ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى ۋە تارىخىي ئىمارەتنى قوغداش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، شەھەرلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قىياپىتى ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر - يېزا يىرىك پىلانى قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى›› ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، بازىرى، كەنتىنى قوغداش نىزامى››غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى شۇنىڭدەك تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتى يۇقىرىراق كوچا، تارىخىي ئىمارەتنى بېكىتىش، پىلانلاش، قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا بۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

3 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ نىزام بويىچە ئادا قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى قوغداش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

مەدەنىيەت يادىكارلىقى، زېمىن بايلىقى، مۇھىت، ساياھەت، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار بويىچە، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتكە دائىر تەبىئىي بايلىق، ئانتروپولوگىيەلىك بايلىقنى قوغداش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسدە ياخشى ئىشلەيدۇ.

4 – ماددا مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى ئۈنۈملۈك قوغداش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئىلمىي باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

5 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى قوغداش، رېمونت قىلىش ۋە ئىلمىي تەتقىق قىلىش پائالىيىتى بىلەن قانۇن بويىچە شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى قوغداش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.

ھەممە ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش، شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بار.

2 - باب مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى بېكىتىش تەھرىرلەش

6 – ماددا مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى دەپ بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلىش، تەستىقلىتىش شەرتى ۋە تەرتىپى گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، بازىرى، كەنتىنى قوغداش نىزامى›› بويىچە بولىدۇ.

دۆلەت بەلگىلىگەن شەرتكە توشمايدىغان، لېكىن تۆۋەندىكى شەرتكە توشىدىغان شەھەرلەرنى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەرنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايوننىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەدەنىيەت يادىكارلىقى تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار تارماق ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە دەلىللىتىپ، تەكشۈرۈش پىكرىنى قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى قىلىپ تەستىقلاپ ئېلان قىلىشىغا يوللايدۇ:

(ئا) قەدىمكى زاماندىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، مەدەنىيەت جەھەتتىكى مىللەت تەرەققىيات تارىخىدىكى مۇھىم شەھەر – بازار بولۇش ياكى يېقىنقى زاماندىكى زور تارىخىي ۋەقە يۈز بەرگەن جاي، مول تارىخىي مەدەنىيەت خارابىسى بولۇش ۋە ساقلانمىسى بولۇش؛

(ئە) مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە ئاسارئەتىقە مول بولۇش، تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتى يۇقىرىراق بولۇش، شەھەرنىڭ خاراكتېرى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇش؛

(ب) شەھەرنىڭ ئەنئەنىۋى قىياپىتى ۋە قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە بولغان، تارىخىي قىياپەتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىمارەت، قۇرۇلما، يول، دەريا، دەل – دەرەخ قاتارلىق مۇھىت ئامىللىرى تولۇق ساقلانغان بولۇش.

7 – ماددا تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسىنى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەرنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەدەنىيەت يادىكارلىقى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە باھالىتىدۇ، تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە توشىدىغانلىرىنى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ ئېلان قىلىدۇ:

(1) تارىخىي ئىمارەتلەر كۆپ بولۇش؛

(2) مول ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت – سەنئەت، ئۆرپ – ئادەت ساقلانغان بولۇش ۋە ئەنئەنىۋى ئەل ئىچى ھۈنەر – سەنئەت ياسالمىلىرى بولۇش.

8 – ماددا تارىخىي ئىمارەتنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەدەنىيەت يادىكارلىقى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە باھالىتىدۇ، تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە توشىدىغانلىرىنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلاپ ئېلان قىلىدۇ:

  • (1) مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي، تارىخىي، مەدەنىيەت، ئىلمىي، سەنئەت قىممىتى بولۇش؛
  • (2) يەرلىك ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئەنئەنىۋى قىياپىتىنى خېلى مۇكەممەل، ئەينەن گەۋدىلەندۈرەلەيدىغان بولۇش؛
  • (3) ئىمارەتنىڭ تىپى، ماكان شەكلى ۋە ئىمارەت سەنئىتى ئۆزگىچە بولۇش.

تارىخىي ئىمارەت قانۇن بويىچە بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ھوقۇق تەۋەلىكى ئۆزگەرمەيدۇ.

9 – ماددا مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن ئىلگىرى، تەكشۈرۈپ باھالىغۇچى ئورگان مۇتەخەسسىسلەر ھەيئىتى تەشكىللەپ باھالىتىشى كېرەك.

10 – ماددا بۇ نىزامنىڭ 7 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشقان بولسىمۇ، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى دەپ بېكىتىش ئىلتىماس قىلىنمىغان بولسا، ئاپتونوم رايوننىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، شۇ كوچا بار جايدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەرگە ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ؛ يەنىلا ئىلتىماس قىلىنمىسا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە بۇ كوچىنى تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى دەپ بېكىتىش توغرىسىدا بىۋاسىتە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

بۇ نىزامنىڭ 8 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشقان بولسىمۇ، تارىخىي ئىمارەت دەپ بېكىتىش ئىلتىماس قىلىنمىغان بولسا، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەرنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ؛ يەنىلا ئىلتىماس قىلىنمىغان بولسا، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەرگە بۇ ئىمارەتنى تارىخىي ئىمارەت دەپ بېكىتىش توغرىسىدا بىۋاسىتە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

11 – ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتكە قوغداش بەلگىسى ئورنىتىشى كېرەك. قوغداش بەلگىسىدە مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى ۋە تارىخىي ئىمارەتنىڭ نامى، مەزمۇنى، يىلى، تەستىقلىغان ئورگان، بەلگە ئورناتقان ئورگان شۇنىڭدەك قوغدالغان ۋاقتى بولۇشى كېرەك.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قوغداش بەلگىسىنى ئۆچۈرۈۋېتىشىگە، جىجىۋېتىشىگە، بۇزۇۋېتىشىگە ياكى ئۆز بېشىمچىلىك بىلەن يۆتكىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

12 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پىلانلاش، مەدەنىيەت يادىكارلىقى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، تارىخىي ئانتروپولوگىيەلىك بايلىقىنى قېزىپ، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەت دەپ بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە تەستىقلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

3 - باب مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى قوغداش تەھرىرلەش

13 – ماددا مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى تەستىقلىنىپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پىلانلاش، مەدەنىيەت يادىكارلىقى، زېمىن بايلىقى، مۇھىت، ساياھەت، شەھەر– يېزا قۇرۇلۇشى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى بىر يىل ئىچىدە تۈزۈپ چىقىشى لازىم.

تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى تەستىقلىنىپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئالتە ئاي ئىچىدە تۈزۈپ چىقىشى لازىم.

14 – ماددا شەھەر– يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىللىگۈچى ئورگان شەھەر ۋە بازارنىڭ ئومۇمىي پىلانى، يېزا ۋە كەنتنىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى ۋە تارىخىي ئىمارەتنى قوغداش تەلىپىنى مەخسۇس ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يىرىك پىلان تۈزۈش تەلىپى بويىچە، ئىلمىي دەلىللەپ، ئالاقىدار تارماقلار، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ۋە جامائەتتىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش لازىم.

15 – ماددا مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرىنى قوغداش يىرىك پىلانىغا ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەر قوشۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ. تارىخي مەدەنىيەت كوچىسىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەر قوشۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىدۇ.

16 – ماددا مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تەستىقلىغان ھامان شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېلان قىلىشى لازىم، ئۇنىڭغا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخىس ئەمەل قىلىشى، ئۆز بېشىمچىلىك بىلەن ئۆزگەرتىۋەتمەسلىكى شەرت.

17 – ماددا مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسىنى قوغداش يىرىك پىلانى دائىرىسىدە قۇرۇلۇش قىلىشتا، قوغداش پىلانىدىكى تەلەپكە ئەمەل قىلىش، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرىنىڭ ئەنئەنىۋى قىياپىتى ۋە قۇرۇلمىسى ساقلاپ قېلىش لازىم. قۇرۇلۇشنىڭ جايلىشىشى، شەكلى، كۆلىمى، ئېگىزلىكى، رەڭگى قاتارلىقلارنى ئەتراپتىكى مەنزىرىگە ماسلاشتۇرۇش لازىم.

18 – ماددا مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسىنى قوغداش يىرىك پىلانى دائىرىسىدە يېڭى رايون قۇرۇش ۋە كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىشتە، شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالدى بىلەن ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، قۇرۇلۇش لايىھەسىنى دەلىللىتىشى ھەمدە جەمئىيەتتىكى ساھەلەردىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىشى لازىم.

19 – ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تارىخىي ئىمارەت ئەتراپىدا قۇرۇلۇش كونترول رايونىنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بېكىتىشى لازىم. كونترول رايونى ئىمارەتنىڭ تۈرى، كۆلىمى، ئەتراپىدىكى مۇھىتى ۋە قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ مۇۋاپىق بېكىتىلىدۇ. قۇرۇلۇش كونترول رايونىنىڭ دائىرىسى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن ئېلان قىلىنىدۇ.

كونترول رايونىدا قۇرۇلۇش قىلىشتا، يەر شەكلى ۋە قىياپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە، تارىخىي ئىمارەتنى بۇزۇۋېتىشكە ياكى ئۇنىڭ مەنزىرە ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

20 – ماددا تارىخىي ئىمارەتنىڭ ئىگىدارى ياكى ئۇنى ئىشلەتكۈچى تارىخىي ئىمارەتتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشى، ئۇنى بۇزۇۋەتمەسلىكى ياكى ئۇنىڭ شەكلى، ئېگىزلىكى، كۆلىمى، رەڭگىنى ئۆز بېشىمچىلىك بىلەن ئۆزگەرتىۋەتمەسلىكى، تازىلاش، رېمونت قىلىشتا ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىشى شەرت.

تارىخىي ئىمارەتنى رېمونت قىلىش، بېزەشتە لايىھە تەييارلاپ، قۇرۇلۇش قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ، شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ئىش باشلاش كېرەك.

تارىخىي ئىمارەتنى چېقىش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش مەنئى قىلىنىپ، مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتسە، ئۇنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئايرىم ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئەسلىدىكى تارىخىي ئىمارەتنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باھا قويۇپ ئېلىۋېلىپ، دۆلەت ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.

21 – ماددا تارىخىي ئىمارەتنى ئۆز بېشىمچىلىك بىلەن چېقىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. ئالاھىدە ئېھتىياج بىلەن، تارىخىي ئىمارەتنى چېقىشقا توغرا كەلسە، شۇ ئىمارەت بار جايدىكى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىدۇ.

22 – ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىشى، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى ئاسراشقا پىلانلىق، قەدەم باسقۇچلۇق تەشكىللىشى، خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى ۋە تارىخىي ئىمارەتنى جىددىي رېمونت قىلدۇرۇشى، ئوڭشىتىشى لازىم.

23 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەت يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە ئۇنى قوغداش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ،مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەت يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە ئۇنى قوغداش خىزمىتىگە مەخسۇس ئىشلىتىشى لازىم. مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنىڭ ئۇسلۇبى ۋە ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى ئاستىدا، ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتكە كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن مەبلەغ سېلىپ، پايدىلىنىش، رېمونت قىلىش ۋە قوغداش ئىشلىرىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

24 – ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەت ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تارىخىي تەرەققىيات ئەھۋالى، شەھەر ئۆزگىرىشىگە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى توپلىشى، قوغداش خىزمىتىنى تولۇق خاتىرىلىشى لازىم.

25 – ماددا تەستىقلانغان مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخي مەدەنىيەت كوچىسى ياخشى قوغدالماسلىق سەۋەبى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان تارىخىي ئىمارەتنىڭ قوغداش قىممىتى قالمىغان بولسا، تەستىقلىغان ئورگان تەستىقلاش تەرتىپى بويىچە قوغداشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

26 – ماددا مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى›› دىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى دەپ قانۇن بويىچە بېكىتىلگەن ئىمارەت تارىخىي ئىمارەت دەپ قايتا باھالانمايدۇ ۋە تىزىملانمايدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەدەنىيەت يادىكارلىقى تارمىقىنىڭ ئالاقىدار قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىشى كېرەك.

4 - باب قانۇنىي جاۋابكارلىقى تەھرىرلەش

27 – ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، تەستىقلانغان قوغداش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلمىغان، قوغداش يىرىك پىلانىنى ئىجرا قىلمىغان، ئۆز بېشىمچىلىك بىلەن تەڭشىگەن ياكى قۇرۇلۇش لايىھەسىنى دەلىللەتمەي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىك بىلەن يېڭى رايون قۇرغان ۋە كونا شەھەرنى ئۆزگەرتكەنلىرىنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ياكى باشقا جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

28 – ماددا بۇ نىزامنىڭ 11 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىسە، ئورۇنغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، شەخسكە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

29 – ماددا بۇ نىزامنىڭ 17 – ماددىسى، 19 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقى، 20 – ماددىسىنىڭ 1 –، 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە ياكى قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرمىگەن ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانمىغان بولسا، شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كۈچى يېتىدىغان ئورۇننى ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇشقا بېكىتسە بولىدۇ، كېرەكلىك خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى چىقىرىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، ئورۇنغا قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، شەخسكە قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

30 – ماددا بۇ نىزامنىڭ 21 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرمىسە ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانمىسا، شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كۈچى يېتىدىغان ئورۇننى ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بېرىش ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا بېكىتسە بولىدۇ، كېرەكلىك خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى چىقىرىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، ئورۇنغا قوشۇمچە 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، شەخسكە قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، زىيان پەيدا قىلغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

31 – ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان باشقا قىلمىشنى سادىر قىلغانلار گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، بازىرى، كەنتىنى قوغداش نىزامى›› ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

32 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىدىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى باشقۇرۇش، قوغداش ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلاردىن مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تارىخىي ئىمارەتنى بۇزۇۋەتكەنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

5 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ تەھرىرلەش

33 – ماددا تارىخىي ئىمارەتنىڭ قىممىتىنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ئۆي – جاي تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مۇتەخەسسىسلەرگە دەلىللىتىپ بېكىتىدۇ.

34 – ماددا مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت بازىرى، كەنتى دەپ بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلىش، تەستىقلاش، پىلانلاش، قوغداش گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، بازىرى، كەنتىنى قوغداش نىزامى›› بويىچە بولىدۇ.

35 – ماددا بۇ نىزام 2002 - يىل 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.