غىلاجىدىن ئوسمان

ھۆججەت:Gosman.jpg

غىلاجىدىن ئوسمان 1938 - يىلى 15 - ئىيۇندا غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1958 - يىلى ئىلى ئەرلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلگەن. 1962 - يىلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۇ تىلى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى تەرجىمانلار تەربىيىلەش كۇرسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەرجىمە باشقارمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. 1978 - يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى ۋەزىپىسىنى ھەمدە شىنجاڭ تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ ھازىر جۇڭگو تىل ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو خەلق ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ كەلمەكتە.

غىلاجىدىن ئوسمان كۆپ خىل تىل مۇھىتىدا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ، ئوقۇپ بىلىم ئالغانلىقى ئۈچۈن، خىزمەت، ئۆگىنىش، تەتقىقات، تەرجىمە ئىشلىرىدە كۆپ خىل تىل بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپ، داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، تاتار تىللىرىدا تەھرىرلىك - تەرجىمانلىق، تىل ۋە تەرجىمە تەتقىقاتى خىزمىتى بىلەن ھارماي - تالماي شۇغۇللىنىپ كەلدى. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا قىزغىن ھەۋەس بىلەن تىل ۋە تەرجىمە تەتقىقاتىغا كىرىشىپ كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدى. شۇنداقلا، » تەرجىمە تەتقىقاتى « ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇردى ھەمدە خەنزۇ تىلىدىن » ھايات « ناملىق روماننى تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. ئۇ قازاق تىلىدا نۇرغۇنلىغان تەتقىقات ماقالىلىرى ۋە » تەرجىمە ئاساسىي بىلىملىرى « ناملىق بىر كىتاب يېزىپ نەشصر قىلدۇرۇشتىن تاشقىرى، خەنزۇ تىلىدىمۇ ، ( قىسقىچە قازاق تىلى گرامماتىكىسى ) ناملىق بىر كىتاب يېزىپ نەشر قىلدۇردى. ئۇ تاتار شائىرى <<ئابدۇللا توقاينىڭ تولۇق شېئىرلار توپلىمى >> نى تاتار تىلى، ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشرگە تەييارلىدى، شۇنداقلا << شىنجاڭ تاتار تىلى گرامماتىكىسى>> نىڭ دەسلەپكى لايىھىسىنى تۈزدى.

1980 - يىلى، غىلاجىدىن ئوسمان خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، تىل تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئۇيغۇرچە<< تىل ۋە تەرجىمە >> ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. ئۇ بۇ جەرياندا، يەنە ئۇيغۇرچە << تىل ۋە تەرجىمە >> ژۇرنىلىدىن كېيىنلا ئارقا - ئارقىدىن تەسىس قىلىنغان خەنزۇچە، قازاقچە، قىرغىزچە، موڭغۇلچە << تىل ۋە تەرجىمە >> ژۇرناللىرىنىڭمۇ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالدى ۋە ژۇرناللىرىنىڭمۇ نەشرىياتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەندى. ئۇ بەش ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئىشلەۋاتقان مەزگىللەردە، 1987 - يىلى ج خ ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ نەشرىيات ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان << مۇھەررىرلەر تەرجىمىھالى>> ناملىق مەجمۇئەنىڭ ئىككىنچى تومىدا فوتو رەسىمى بېرىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىش ئىزلىرى بىلەن تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.

غىلاجىدىن ئوسمان ئىلمىي تەتقىقات ئىشى بىلەن قەغەز يۈزىدىلا شۇغۇللىنىپ قالماستىن، ئۆزىنىڭ ھاسىل قىلغان ئىلمىي نەتىجىلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكلىپى بويىچە سۆزلەپ بېرىپ تۇردى. مەسىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرجىمە باشقارمىلىرىدا تەرجىمە پرىنسىپلىرى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى، شۇنداقلا يەنە شىنجاڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشرىياتىدا، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدا تەھرىرلىك ۋە تەرجىمە خىزمىتى ھەققىدە دەرسلەر ئۆتتى. ئۇ 1994 - يىلى يەنە ئۆزىنىڭ تىل ۋە تەرجىمە تەتقىقاتى جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان <<中国少数民族专家学者辞典 >> غا كىرگۈزۈلدى. ئۇ ھازىرمۇ ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار باشقۇرۇپ ئاچقان تەرجىمە كۇرسلىرىدا داۋاملىق ئۇيغۇر - خەنزۇ تىللىرىدا تەرجىمە نەزەرىيىسى دەرسىنى سۆزلەپ كەلمەكتە.

1993 - يىلى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى قازان پەننىي مەركىزىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، غىلاجىدىن ئوسمان رۇسىيىنىڭ قازان شەھىرىگە بېرىپ، تىل تارىخى تەتقىقاتى ۋە تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشتى. ئۇ يەردە 1997 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەپ، مەزكۇر ئاكادېمىيىنىڭ تەلىپى بويىچە قەدىمىي خەنزۇ تىلىدىكى جۇڭگو تارىخ مەنبەلىرىدىن تاتار تىلىغا ھۇن دۆلەتلىرى ۋە تۈرك قاغانلىقلىرى ھەققىدە ماتېرىياللار تەرجىمە قىلىش بىلەن شۇغۇللاندى، شۇنداقلا جۇڭگو مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ، « ھۇن تەڭرىقۇتلىرى شەجەرىسى » ، « تۈرك قاغانلىرى شەجەرىسى » قاتارلىق ئەسەرلەر ۋە تىل تارىخى ھەققىدە تەتقىقات ماقالىلىرى يېزىپ، گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە دۆلەتلىك سۆز - ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش چوڭ يىغىنىدا ۋە پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا تاتار تىلىدىكى سۆز - ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە ھەمدە تاتار تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلى قاتارلىق قېرىنداش تىللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئىلمىي لېكسىيىلەر سۆزلىدى ھەمدە جۇڭگودا نەشر قىلىنغان تارىخچى شۆزۈڭجېڭ ( 薛宗正) نىڭ خەنزۇچە 600 مىڭ خەتلىك چوڭ تارىخىي ئەسىرى « تۈرك تارىخى » ( 突厥史) نى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەكلىپى بويىچە تاتار تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتى. ئاكادېمىيە ئۇنىڭ ئىشلىگەن ئىلمىي خىزمەتلىرىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ ئىلمىي ئۇنۋانىنى بىر دەرىجە كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا « ئاسپىرانت يېتەكچىسى» ( 主导研究员 ) دېگەن ئالىي ئۇنۋان ( جۇڭگودا تەتقىقاتچى ئۇنۋانصنص ) بەردى. شۇنداقلا ئۇنى جۇڭگو مۇتەخەسسىسى تەرىقىسىدە پەننىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، « تاتار ئېنسىكلوپېدىيىسى» گە كىرگۈزدى. ئۇ رۇسىيىدىن دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن، 2000 - يىلى جۇڭگو پەن تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «中国当代创业英才 » ناملىق ئالماناخنىڭ بىرىنچى تونىغا فوتو رەسىمى بىلەن كىرگۈزۈلۈپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى. غىلاجىدىن ئوسماننىڭ ئۇزۇن يىللار بويى تەھرىرلىك، تەرجىمانلىق ۋە تىل تەتقىقاتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن مول تەجرىبىلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان بۇ كىتابى تەرجىمە نەزەرىيىسى ۋە تەرجىمە ئەمەلىيىتى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرگە خېلى ئەتراپلىق بىلىم بېرىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ خەنزۇ تىلى مۇئەللىپلىرى ۋە خەنزۇ تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن، شۇنداقلا تىلشۇناسلىق، مۇھەررىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ياش خادىملار ئۈچۈن، ئۇنىۋېرسىتېت، تېخنىكوملاردىكى خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە مەخسۇس كەسپىي سىنىپلار ئۈچۈن قوشۇمچە پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولالايدىغانلىقىغا بىزنىڭ ئىشەنچىمىز كامىل.