غىياسىدىن بارات

ئاتاقلىق كومپوزىتور، مۇقامشۇناس غىياسىدىن بارات

ھۆججەت:Gbarat.jpg
غىياسىدىن بارات

ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ۋە مۇقاملارنى ئورۇنلاشتىكى ئۆزگىچىلىكى، تەمبۇر، دۇتار قاتارلىق چالغۇلارنى چېلىشتىكى يۇقىرى ماھارىتى ۋە مۇزىكا ئىجادىيىتى جەھەتتىكى تۆھپىسى بىلەن نامى خەلقىمىزگە تونۇش بولۇپ كەتكەن ئاتاقلىق كومپوزىتور، مۇقامشۇناس غىياسىدىن بارات 1936 - يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىگىدىلا خەلق ئارىسىدىكى سەنئەتكارلار بىلەن ئۇچراشقان شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەلبىدە سەنئەتكە بولغان ئىشتىياق بىخ سۈرۈشكە باشلىغان .

غىياسىدىن بارات 1943 - يىلدىن 1947 - يىلغىچە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇش داۋامىدا سەنئەت پائالىيەتلىرىگە پائال ئىشتىراك قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مىللىي ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشىگە تارىخىي پۇرسەت يارىتىپ بەرگەچكە، ئىلى ۋادىسىدا ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللەپ - ياشناش ۋەزىيىتى شەكىللىنىدۇ. غىياسىدىن بۇنداق قاينام - تاشقىنلىققا تولغان مۇھىتتا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ناخشىلىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىدۇ ھەمدە خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ تەسىرى ۋە يېتەكچىلىكىدە قاتتىق مەشق قىلىش ئارقىلىق، ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى بىمالال ئېيتالايدىغان بولىدۇ ۋە خەلق ئارىسىدا تونۇلۇشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1950 - يىلى ئىلى ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنىپ ناخشىچى ۋە سازەندە بولۇپ ئىشلەيدۇ .

غىياسىدىن بارات بىر سەنئەتچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ناخشا ئېيتىش، ساز چېلىشلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، سەنئەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىجادىي ئەمگەك سىڭدۈرگەندىلا ئاندىن ئۇنى بېيتقىلى بولىدىغانلىغىنى ھېس قىلىدۇ ۋە بۇ مەقسەتكە يېتىشتە ئون ئىككى مۇقام ۋە خەلق ناخشىلىرىنى پۇختا ئۆگىنىپ - تەتقىق قىلىش لازىملىقىنى چۈشىنىدۇ ھەمدە تۇنجى ئەسىرى بولغان ‹‹ ياشلىق چېغىمدا›› دېگەن لەپەرنىڭ ئاھاڭىنى ئىجاد قىلىپ ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كېلىدۇ .

1954 – يىلى غىياسىدىن بارات سەنئەت ۋە مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىشتا پۇختا نەزەرىيىۋىي ئاساسقا ئىگە بولۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق ئاپتونۇم رايون بويىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سەنئەت كۇرسىغا ئوقۇشقا كېلىپ، بىر يىل بىلىم ئاشۇرغاندىن كېيىن 1955 - يىلدىن 1957 - يىلغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ئىشلەيدۇ . بۇ جەرياندا ئۇ ‹‹ گۈلزارىم ئامان››، ‹‹گۈل قىسقان مېنىڭ يايرىم›› ، ‹‹ سالام دەڭلار ›› قاتارلىق ناخشىلارنىڭ ئاھاڭىنى ئىجاد قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىجادىي ئىزدىنىشى تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلىشىشقا يۈزلىنىپ، يەنىمۇ بېيىشقا ۋە يەنىمۇ رەڭمۇ - رەڭ تۈس ئېلىشقا باشلايدۇ . بىر خىل مەزمۇن، بىر خىل دائىرىدىن ھالقىپ چىقىپ خەلقنىڭ تەلەپ - ئارزۇسىغا ، دەۋر روھىغا مۇناسىپ يېڭى - يېڭى ناخشىلارنى ئىجاد قىلىشقا تەلپۈنىدۇ .

1966– يىلغىچە بولغان ئارلىقتا ‹‹ كەلدىم يېزام قوينۇڭغا ›› ، ‹‹ دوستلۇق ››، ‹‹ گۈزەل ۋەتەن ›› ، ‹‹ كاككۇك ئۈنى›› ، ‹‹ خاڭچىلار قۇشىقى ›› ، ‹‹ ئىلى دەريا بويلىرى ›› ، ‹‹ ئاتقاندا تاڭ ›› قاتارلىق ئوتتۇزغا يېقىن ناخشىنىڭ ئاھاڭىنى ئىشلەپ ئېلان قىلىدۇ . ‹‹ كۆرەش يولى ›› قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ناخشا - ئۇسسۇل ۋە ئوپېرالارنىڭ مۇزىكا ۋە ناخشىلىرىنى ئىشلەيدۇ . ئۇنىڭ ‹‹ جان ئانا ›› ، ‹‹بەختىنى تاپقان ئىلى ››، ‹‹ ھۈر ۋەتەن ›› ، ‹‹ قاينام ئۆركىشى ››، ‹‹ مەنىلىك ئۆتسۇن ھايات ›› قاتارلىق ناخشا - مۇزىكىلىرى ئىجادىيەت جەھەتتىكى يېڭى مەھسۇلاتلىرى ھېسابلىنىدۇ . بۇ ناخشا - مۇزىكىلار قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە بولغانلىقى بىلەن جامائەتچىلىك ئىچىدە زور تەسىر قوزغايدۇ .

كومپوزىتور غىياسىدىن بارات ناخشا - مۇزىكا ئىجادىيتىدىكى تۆھپىلىرى بىلەنلا ئەمەس، شۇنىڭدەك سوقما يەنى تارلىق سازلار تىپىدىكى دۇتار ، ، تەمبۇر ، راۋاپ قاتارلىق چالغۇلار ۋە قىللىق سازلاردىن ئىسكىرىپكا، ساتار بىلەن ئۆز ئالدىغا نەغمە قىلىپ ، كىشىلەر قەلبىنى جەلپ قىلىدۇ ۋە كۆڭۈللەرگە ئارامبەخش ئېتىدۇ. ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھە قايسى جايلىرىدا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئويۇن قويۇش جەريانىدا ئۆز ماھارىتى بىلەن زور شۆھرەت قازىنىدۇ . چەت ئەل سەھنىلىرىدە تالانلىق مۇزىكانت مەرھۇم ئابلا ھامۇتنىڭ دۇتارنى تەڭكەش قىلىشى بىلەن تەمبۇردا ئۇيغۇر خەلق ناخشا - مۇزىكىلرىدىن ‹‹ ئەجەم ››، ‹‹ سابا مەرغۇلى ››، ‹‹ ئاسمىنىڭدا ئاي بارمۇ ؟ ›› قاتارلىق ئاھاڭلارنى ئورۇنلاپ ، چەت ئەل تاماشىبىنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ . ئۇ ماھىر سازەندە ھۈسەنجان جامىنىڭ تەمبۇرىغا دۇتارنى تەڭكەش قىلىپ ‹‹ مۇشاۋرەك مۇقامىنىڭ بىرىنچى داستان مەرغۇلى ››، ‹‹ رۇخسارىنىڭ بىرىنچى داستان مەرغۇلى ››، ‹‹ راك مۇقامىنىڭ ئۈچىنچى داستان مەرغۇلى ›› قاتارلىق خەلق مۇزىكىلىرىنىمۇ يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلايدۇ . غىياسىدىن باراتنى ئىلى خەلق ناخشىلىرنى ئورۇنلاشتا ناھايتى يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە دېيىشكە بولىدۇ . چۈنكى، "ئەۋرىشىم" دەك قىيىن ناخشىنى ئۇنىڭدەك ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغانلار كەمدىن - كەم ئۇچرايدۇ . ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە مۇقام نەغمىلىرىنى خېلى پىششىق ئۆزلەشتۈرىدۇ. 1980 -يىللاردا غىياسىدىن بارات ئىجادىيىتىدە يەنە بىر قېتىم بۆسۈش ھاسىل بولىدۇ، ئۇنىڭ ‹‹ ئانا مېھرى›› ناملىق ئىجادىيىتى ئۇيغۇر ناخشىچىلىىمىزدا ئالاھىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپلا قالماي، ئاتاقلىق ناخشىچىمىز پاشا ئىشاننىڭ ئىجراسى بىلەن چەت ئەل سەھنىلىردىمۇ زور شۆھرەت قازىنىدۇ . ئۇنىڭ يەنە بىر مۇنچە ئىجادىيەتلىرى ئامما ئارىسىغا كەڭ تارقاپ، خەلق ناخشىلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن . غىياسىدىن باراتنىڭ سەنئەت ھاياتىدا بىر مۇنچە ئىجادىيەتلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرەك ۋە ناخشا قوبۇل قىلىش پائالىيەتىرىدە 1 - ، 2- ، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.

مەملىكەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك كومپوزىتور غىياسىدىن بارات جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئون ئىككى مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپلەرنى ئۆتىگەن .