غۇلامىدىن پاختا

ھاياتى تەھرىرلەش

غۇلامىدىن پاختا شەرقىي تۈركىستانلىق ئىنقىلابچى، مۇخبىر ۋە جامائەت ئەربابى. ئۇيغۇر. ئۇ 1930-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئىككى ياش ۋاقتىدا ئانىسىدىن يېتىم قالغان. غۇلامىدىن پاختىنىڭ بالىلىق چاغلىرى جاللات شېڭ شىسەينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بىرەسمىي ھالدا ئىدارە قىلىپ تۇرغان دەۋرىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا قەشقەر دوتىيى ئەخمەت پاختىنىڭ قەشقەردىكى تەسىرىنى چەكلەش ئۈچۈن ئۇنى ئاقسۇغا سۈرگۈن قىلغان (1). شۇنداق قىلىپ، غۇلامىدىن چوڭ ئانىسىنىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولىدۇ. كېيىن ئۇنىڭ دادىسى قەشقەردە قاتا پەيدا بولۇپ، قەشقەردە مەكتەپ ئاچىدۇ.

بۇ مەكتەپ قەشقەر شەھىرىنىڭ نوبېشى مەھەللىسىدە ئېچىلغان بولۇپ، مەكتەپكە «نەمۇنە» دەپ ئىسىم قويۇلغان. مەكتەپنىڭ ئېچىلىشى ۋە يۈرۈشۈشى گېنىرال مەخمۇت مۇھىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، غۇلامىدىن پاختا مانا مۇشۇ مەكتەپتە تەربىيە ئالغان.

غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى ئۆز جەمەتىنىڭ «پاختا» لەقەبى بىلەن ئاتىلىشى توغرۇلۇق مۇنداق چۈشەنچە بەرگەن: «دادام ئەخمەتئاخۇن پاختا، ئۇنىڭ دادىسى مۆمىن چوڭ پاختا ۋە ئۇنىڭمۇ ئالدىدىكى ئەجدادلىرىمىز قەشقەردە پاختا يىغىپ، رۇسىيە ۋە باشقا ئەللەرگە پاختا سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەر ئىكەن. چوڭ دادام مۆمىنئاخۇن چوڭ ۋە دادام ئەخمەتئاخۇننىڭ زامانىغا كەلگەندە دادام رۇسىيەدىن پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنىسى ئېلىپ كىرىپ، توققۇزاق ھىلاكودىكى قىزىل دەرياسىنىڭ بويىدا پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرغان ئىكەن. بۇ زاۋۇتتا يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئىشلىگەن ئىكەن. شۇڭا قەشقەر خەلقى جەمەتىمىزدىن تارتىپ بىزنى ‹پاختا› دېگەن كەسپىي لەقەم بىلەن ئاتاپ كۆنگەن ئىكەن.»(2)

غۇلامىدىن پاختىنىڭ دادىسى ئەخمەت پاختا كاللىسى ئوچۇق، مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى بولۇپ، تىجارەتتىن سىرت مىللەتنى ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان شەخىسلەردىن بىرىدۇر. بۇ سەۋەبلىك ئەينى دەۋردىكى قەشقەر دوتىيى ئەخمەت پاختىنىڭ قەشقەردىكى تەسىرىنى چەكلەش ئۈچۈن ئۇنى ئاقسۇغا سۈرگۈن قىلىدۇ. ئەخمەت پاختا بىر مەزگىلدىن كېيىن باش كۆتۈرۈپ، ئاقىۋەتتە ئاقسۇدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بانكىنىڭ باشلىقىلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، بۇنىڭدىن سىرت تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن تەشكىللەيدۇ. بۇ ھالدىن دەرغەزەپ بولغان ئاقسۇ دوتىيى ئەخمەت پاختىنىڭ قەشقەرگە قوغلىۋېتىدۇ. قەشقەردە قەشقەر دوتىيى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتىكى بىر مۇھىم ۋەقەلىك «ئەركىن ئاسيا رادىئوسى» ئۇيغۇرچە بۆلۈمى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بىز شۇ قۇرلارنى ئەينەن بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق:

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ دادىسىدىن ئاڭلىغانلىرىغا قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر دوتىيى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئەخمەت پاختا كېچىدە مەخپىي ھالدا يەكەنگە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىككىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە ئۆلۈم خېتى كېسىلگەن 6 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇس يەكەندىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ گازارمىسىدا مەخپىي ھالدا ئۆلۈمگە بۇيرۇلىدۇ. قىلىچىنى يالىڭاچلىغان جاللات ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئاشۇ مۇدھىش دەقىقىدە ئەخمەت پاختا تاسادىپىي ھالدا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.

ئەخمەت پاختانىڭ كېيىنچە ئوغلى غۇلامىدىن ئەپەندىگە ئەسلەپ بېرىشىچە، يەكەندىكى خىتاي ئەسكەرلىرى تۇرۇشلۇق ھەربىي گازارمىنىڭ قوماندانى ئەينى زاماندا ئاقسۇدا ئەسكەر باشلىقى بولۇپ تۇرغان بىر خىتاي ئوفىتسېر ئىكەن. شۇ يىللىرى ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەسكەرلىرىگە بېرىلىدىغان مائاش ئۈزۈلۈپ قالغاندا، ئۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەركىزىي بانكىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئەخمەت پاختادىن قەرز سورىغان ئىكەن. ئەسكەر باشلىقىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالغان بانكا باشلىقى ئەخمەت پاختا ئۇلارغا قەرز بېرىپ تۇرىدۇ. ئارىدىن بىرقانچە يىل ئۆتۈپ، ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان ئەخمەت پاختا يەكەنگە ئېلىپ بېرىلىپ، جازانى ئىجرا قىلىدىغان مەيداندا ھېلىقى خىتاي ئوفىتسېر ئۇنى تونۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەسكەرلىرىگە بۇيرۇق بېرىپ، ئەخمەت پاختانى چېپىش بۇيرۇقىنى توختىتىپ ئالىدۇ. خىتاي ئوفىتسېر ئەخمەت پاختانى ئايرىم بىر خانىگە باشلاپ كىرىپ، ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلۇپ، ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئەخمەت پاختانىڭ ئۆزىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. خىتاي ئوفىتسېر ئۆزىنىڭ شەخسىي مۇناسىۋەت تورىغا تايىنىپ ئاخىرى ئەخمەت پاختاغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ نەنجىڭدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ياكى ئۈرۈمچىدىكى مىلىتارىست ھاكىمىيىتىدىن ئەمەس، بەلكى قىزىل موسكۋادىن كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ.

ئۇ ئەخمەت پاختانى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ دەرھال، يەنى شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ھىندىستانغا يوشۇرۇنچە قېچىپ كېتىشىنى، چەتئەلدىن ئىككىنچى قايتىپ كەلمەسلىكىنى شەرت قىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلغان ئەخمەت پاختا ئەسكى چاپانغا ئۇرۇنۇپ، قاغىلىق كۆكيار يولى بىلەن ھىندىستانغا قاچىدۇ. نەچچە ئون كۈن كېچىسى يول مېڭىپ، كۈندۈزى مۆكۈنۈپ، ئاخىرى ھىندىستان تەۋەسىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھىندىستاندا ئىككى ئايچە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئەخمەت پاختا ئاخىرى بىر تونۇشىنىڭ ياردىمى ۋە قەرز بېرىپ تۇرۇشى بىلەن ئۇ يەردىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېتىدۇ.

ئەخمەت پاختانى يەكەنگە ئېلىپ بارغان مەپىكەش شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قەشقەرگە قايتىپ، توققۇزاق ھىلاكودىكى پاختا ئائىلىسىگە بارىدۇ ۋە ئەخمەت پاختانىڭ يەكەندە قەتلە قىلىنغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەخمەت پاختانىڭ قەشقەردىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇنى يەكەندە ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، دەپ بىلىدۇ. ھەتتا ئوغلى غۇلامىدىن پاختامۇ تاكى 1940-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە دادىسىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ئەسلا بىلمەيدۇ.

ئارىدىن ئون يىللارچە ۋاقىت ئۆتۈپ، ئىلى ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسىدە ئۈرۈمچىدە ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ. 1947-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەخسۇس تەكشۈرۈش ۋە سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ جەنۇبقا ئەۋەتىدۇ. مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ تەركىبىدە قەشقەرگە كەلگەن مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ خانىمى ئامىنە بۇغرا تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە ياش غۇلامىدىن پاختاغا دادىسىنىڭ ھايات ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى بېرىدۇ.

ئەتىسى ئامىنە بۇغرا ئەخمەت پاختانىڭ ئىستانبۇلدىن ئەۋەتكەن سۈرىتى بىلەن مەكتۇپىنى ئېلىپ غۇلامىدىن پاختا سودا قىلىۋاتقان دۇكانغا كېلىدۇ. دادىسىنىڭ ئىستانبۇلدا چۈشكەن سۈرىتى بىلەن ئەۋەتكەن خېتىنى كۆرگەن غۇلامىدىن پاختا دادىسىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە رەسمىي ئىشىنىدۇ.

1946-يىلى ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى «11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى» گە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئىتى، قوشۇمچە ئۆلكىلىك تەمىرات نازارىتىنىڭ نازىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ئىستانبۇلدىكى ئەخمەت پاختاغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ، يېڭى قۇرۇلغان مۇختارىيەت ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئېلىشىنى، ئۆز خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پۇرسەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەخمەت پاختامۇ مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ مەكتۇپىغا جاۋاب مەكتۇپ يېزىپ، يېڭى قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى قۇتلايدۇ.

ياش غۇلامىدىن بۇ خەۋەردىن كېيىن دەرھال تۈركىيەدىكى دادىسىغا خەت يازىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي دادىسى ئەخمەت پاختادىن جاۋاب خەت كېلىدۇ ۋە ئوغلى غۇلامىدىننىڭ ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىشىنى تەكلىپ قىلىدۇ.(3)

بىراق، غۇلامىدىن پاختا ئەينى چاغدا شەرقىي تۈركىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بۇلاڭچى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە شۇنچە ئىلتىماس قىلىپمۇ پاسپورت ئالالمايدۇ. 1949-يىلى كۈز ئېيىدا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقى ۋە بىر نەچچە ھەپتىدە قەشقەرگە يېتىپ كېلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇشىنى ھېيتگاھ مەيدانىغا چاپلانغان ئېلان ئارقىلىق خەۋەر تاپقان قەشقەر خەلقى قاتتىق ئېغىر ساراسىمىگە چۆكىدۇ ۋە ئاز ساندىكى كىشىلەر چەتئەلگە چىقىپ كېتىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نامدار شەخىسلەردىن ئىيسا يۈسۈپ ۋە مەمتىمىن بۇغرا قاتارلىقلارنىڭ كارۋىنىدىن توققۇز كۈن بۇرۇن قەشقەردىن چەتئەلگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇ بۇ سەپەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

«بىز 29 كۈن تاغ ئاتلاپ، قار كېچىپ ئاخىرى ھىندىستاننىڭ كەشمىر دېگەن رايونىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ جەرياندا 400 دىن ئارتۇق سەپەرداشلىرىمىز، سوغۇق، ئاچلىق ۋە تاغدىكى تۈتەكتىن زەھەرلىنىش بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى تاغ-داۋانلاردا قەپ قالدى. كېيىنچە تۈرلۈك يوللار بىلەن كەشمىرگە يېتىپ بارغان، تىبەت يولى ئارقىلىق خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن سوقۇشۇپ ئاخىرى چېگرا ئاتلىغان قازاق قېرىنداشلارنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا كەشمىردىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 11 مىڭ بەش يۈز كىشىگە يەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.»(4)

ياش غۇلامىدىن پاختا چەتئەلگە ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاتلانغان بولۇپ، چېگرادا گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن بۇلانغان بۇ كارۋان 29 كۈن يول يۈرۈش ئارقىلىق ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىغا ئاچ-يالىڭاچ ۋە قۇرۇق قول ھالەتتە يېتىپ كېلىدۇ. سەپەر جەريانىدا بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، غۇلامىدىن پاختىنى كىچىكلىكىدىن بېقىپ چوڭ قىلغان چوڭ ئانىسىمۇ مۇشۇ قېتىملىق سەپەر جەريانىدا ۋاپات بولۇپ كېتىدۇ.

غۇلامىدىن پاختا كەشمىردە باشقا سەرگەردان ئۇيغۇرلار بىلەن بىر قاتاردا ئالتە ئايدەك تۇرۇپ قالىدۇ. ئاخىرىدا تۈركىيەدىكى دادىسى ئەخمەت پاختىنىڭ تەلىماتى بويىچە تۈركىيەگە كېتىش ئۈچۈن تۈركىيە ۋىزىسى قويدۇرۇشقا بومبايغا قاراپ سەپەر قىلىدۇ. غۇلامىدىن پاختىنىڭ قولىدىكى گومىنداڭ پاسپورتى، كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت قۇرغان ھىندىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. بۇ سەۋەبلىك ئۇ بومبايدا بىرەر يىلدەك تۇرۇپ قالىدۇ ۋە تۈركىيەگە كېتەلمەيدۇ. ئۇ ئاخىرىدا سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن بومبايدىكى تۈرك كونسۇلخانىسىنى ئىزدەپ تاپىدۇ ۋە ئۇلاردىن تۈركىيەگە كېتىش ئۈچۈن ۋىزا بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ ئامىتى كېلىدۇ. ئۇنىڭ قولىدا گەرچە ھېچقانداق قانۇنى كىملىكى بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما بومبايدىكى تۈرك كونسۇلى ياش غۇلامدىن پاختانىڭ قىيىن ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا تۈركىيەگە بارىدىغان ئالاھىدە يول خېتى بېرىدۇ. (5)

غۇلامىدىن پاختا 1951-يىلى ئاخىرى تۈركىيەگە بېرىش ئۈچۈن ھىندىستاندىن يولغا چىقىدۇ. بۇ چاغلاردا ئۇ 21 ياشتا ئىدى. نەچچە ھەپتىلەپ سۈرگەن دېڭىز سەپىرى ئارقىلىق ئىراقتا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، باغداتتا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقىپ، تۈركىيەنىڭ ئادانا شەھىرىگە يېتىپ كېلىدۇ. ئاخىرىدا ئىستانبۇل ھەيدەر پاشادا ئون تۆت يىلدىن بېرى كۆرۈشۈپ باقمىغان دادىسى ۋە بىر تۈركۈل ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

غۇلامىدىن پاختا كۈچلۈك ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن، نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتقاندىن كېيىن، ئاخىرى ئەنقەدەردىكى كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتىدا ئېلىكتېر ئېنىرگىيىسى كەسىپى بويىچە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، ئىستانبۇلدىكى توپقاپى مۇزېيخانىسىنىڭ ئېلېكترونلۇق كونترول بۆلۈمىگە تېخنىك خادىم سۈپىتىدە خىزمەتكە تەقسىم قىلىدۇ. يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئارزۇسى كۈچەيگەن غۇلامىدىن پاختا توپقاپى مۇزىيىدا بىر نەچچە يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، 1955-يىلى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ گېرمانىيەگە ئوقۇشقا ئاتلىنىدۇ. 1956-يىلى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە قەدەم باسقان غۇلامىدىن پاختا، گېرمانىيەگە ئاياق باسقان تۇنجى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بولۇپ قالىدۇ.

بۇ يىللاردا ئامېرىكانىڭ كوممۇنىزىمغا قارشى تەشۋىقات تۈرلىرىدىن بىرى بولغان «ئازادلىق رادىئوسى» ۋە «ئەركىن ياۋروپا رادىئوسى» خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ. «ئازادلىق رادىئوسى» تۈركىستانچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋەلى زۇنۇن ئەپەندى ياش غۇلامىدىننىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنى مەزكۇر رادىئونىڭ ئامېرىكالىق باش دىرېكتورىغا تونۇشتۇرىدۇ. ئەنە ئاشۇ ئويلاپ باقمىغان كۆرۈشۈشتە تۇيۇقسىز كەلگەن بىر ئامەت غۇلامىدىن پاختاغا ئۆز قۇچىقىنى ئاچىدۇ.

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ دىرېكتورى غۇلامىدىن پاختا بىلەن تەپسىلىي سۆزلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئوقۇش تارىخى، خىزمەت تەجرىبىسى ۋە ئېلېكتر تېخنىكىسى بويىچە داۋاملىق ئوقۇش ئارزۇسىنى بىر-بىرلەپ ئاڭلايدۇ. ئاخىرىدا ئۇ غۇلامىدىن پاختاغا كەلگۈسىدە مەزكۇر رادىئودا خىزمەت قىلىش شەرتىنى قويۇپ، ئۇنى نۈرېنبۇرگدىكى رادىيو-تېلېۋىزىيە تېخنىك ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇ جەرياندىكى پۈتۈن ئوقۇش ۋە تۇرمۇش راسخوتىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.(6)

گېرمانىيەدىكى گۆتە ئىنىستىتۇتىدا يېرىم يىللىق جاپالىق تىل ئۆگىنىش كېيىن، غۇلامىدىن پاختا  1956-يىلىنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا غۇلامىدىن پاختا گېرمانىيەنىڭ نۇرېنبۇرگ شەھىرىگە جايلاشقان رادىئو-تېلېۋىزىيە تارقىتىش تېخنىك ئىنستىتۇتىغا تولۇق ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن 4 يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ. غۇلامىدىن پاختا نۇرېنبۇرگدىكى 4 يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى 3 يىلدا تاماملاپ، رادىيو-تېلېۋىزىيە تارقىتىش كەسپى بويىچە دىپلومغا ئېرىشىدۇ. 1959-يىلى «ئازادلىق رادىئوسى»غا خىزمەتكە چۈشىدۇ.

تۈركىي تىللاردىن ياخشى خەۋەردار تىرىشچان ياش غۇلامىدىن پاختانىڭ ئارقا-ئارقىدىن تەلەپ قىلىشى بىلەن ئاخىرى «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئۆزبېكچە پروگراممىلىرىنىڭ ئارىسىدا سىناق تەرىقىسىدە ھەپتىدە بىر پارچە ئۇيغۇرچە ماقالە ئاڭلىتىشقا ئىجازەت بېرىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، غۇلامىدىن پاختانىڭ قەلىمى ۋە ئاۋازىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە پروگرامما گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا ياڭرايدۇ.(7)

1960-يىلى غۇلامىدىن پاختا تۈركىيەگە كېلىپ، دادىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن كەشمىردە ئۇچرىشىپ قالغان ۋە ئاتا-ئانىسى غۇلامىدىن پاختىنىڭ دادىسى بىلەن يېقىن ئۆتىدىغانلاردىن بىرىنىڭ گۈلنار قىز ئىسىملىك قىزى بىلەن توي قىلىپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئايالىنى ئېلىپ گېرمانىيەگە كېتىدۇ. تۈركىيە پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1961-يىلى ئەلچىخانىدىن ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان غۇلامىدىن پاختا تەلەپكە بىنائەن خىزمىتىدىن رۇخسەت سوراپ، بىر قانچە كۈن ئىچىدىلا تۈركىيەگە قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنى تىزىملىتىدۇ.

ھەربىي مەكتەپ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان ئوقۇش ۋە دۆلەتكە خىزمەت قىلىش تارىخىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ «يېدەك سۇباي»، يەنى بىر يۇلتۇزلۇق زاپاس ئوفىتسېر ئۇنۋانىنى بېرىدۇ. ئۇ، «يېدەك سۇباي» ئۇنۋانىنى ئالغان ھەربىي ئوفىتسېرنىڭ ئەگەر ئۇرۇش پارتلىسا، تۈركىيە ئارمىيەسىدە تەخمىنەن 100 ئەسكەرگە قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ.(8)

غۇلامىدىن پاختا يېرىپ يىللىق ھەربىي مەجبۇرىيەتتىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئەرزۇرۇم ۋىلايىدىتىگە قاراشلىق ئولۇر ناھيىسىنىڭ تاشلىكۆي يېزىسىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ تەقسىم قىلىنىدۇ ۋە بۇ يەردە مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن بىر يېرىم يىل قالىدۇ. 1963-يىلى گېرمانىيەدىكى خىزمىتى ئۈچۈن گېرمانىيەگە قايتىدۇ.

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ سوغۇق ئۇرۇش باشلانغان يىللاردا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە تەسىس قىلغان «ئازادلىق رادىيوسى» ئەينى ۋاقىتتا غەرب دۇنياسىدىن تۈركىي تىللىرىدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان بىردىن-بىر رادىيو ئىدى.(9) خىزمەت داۋامىدا غۇلامىدىن پاختا غەرب دۇنياسىدىن ياڭرىغان بۇ تۇنجى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنى روياپقا چىقىرىدۇ.

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى رەسمىي تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، 1960-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 1970-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندا ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئادەم كۈچى تەدرىجىي كۆپىيىدۇ ۋە رادىيو پروگراممىلىرىمۇ خىللىشىدۇ.

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى رەسمىي تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، 1960-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 1970-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندا ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئادەم كۈچى تەدرىجىي كۆپىيىدۇ ۋە رادىيو پروگراممىلىرىمۇ خىللىشىدۇ. 1966-يىلى غۇلامىدىن پاختا «ئازادلىق رادىئوسى» تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ نيو-يوركتا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. بۇ قېتىم ئۇ ئايالى ۋە تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا بىرقانچە يىل بولغان ئوغلىنى ئېلىپ پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىدۇ.(10)

كېيىنكى يىللاردا غۇلامىدىن پاختا باش شتابى نيۇ-يوركتىكى «ئامېرىكا تۈركىستانلىقلار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، مۇھاجىرەتتىكى تۈركىستانلىقلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىنىشىغا ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدۇ.

دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر سەۋەبلىك نۇرغۇن نەرسىلەر قۇربان قىلىنىپ كەلگىنى ھەقىقەت. شۇنىڭدىن بىرى، 1970-يىللاردا كېننىدى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، سوۋېتى ئىتتىپاقىنى يىقىتىش ئىستراتېگىيىسى سەۋەبلىك، خىتاي رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ ئامېرىكاغا زىيارەتكە كېلىشتىن ئون بەش كۈن ئىلگىرى «ئازدالىق رادىئوسى» ئاڭلىتىلىشى توختىپ قويىلىدۇ. ئون سەككىز يىلدىن كېيىن، يەنى 1989-يىلى ۋاشىڭتوندا «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى»دا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش قايتا باشلىنىدۇ.

غۇلامىدىن پاختا 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا مەرھۇم دوستى ھاجى ئاخۇن، يەنى ھاجى ئەھمەد بىلەن بىرلىشىپ، «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت جەمئىيىتى» ناملىق تەشكىلات قۇرىدۇ.

شۇ يىللاردا غۇلامىدىن پاختا ئەسلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت جەمئىيىتى» ئاساسىدا يېڭى بىر ئىلمىي ئورگان – «شەرقىي تۈركىستان مىللىي تەتقىقات مەركىزى» قۇرۇشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشىدۇ. ئۇ، پروفېسسور ئېدۋارد ئالۋورتنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە ھەمكارلىشىشى بىلەن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىدە 3 يېرىم يىل ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بېرىدۇ.(11)

1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، بىر قىسىم غەربىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار، جۈملىدىن ئۆزبېك مۇھاجىرلار: «بىزنىڭ دەۋايىمىز پۈتتى، رۇسلاردىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولدۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسى خىتاي بىلەن بولىدۇ. بىزنىڭ خىتاي بىلەن ئىشىمىز يوق، دۈشمىنىمىزنى ئىككى قىلىۋېلىشىمىزنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق،» دەيدۇ. بۇ ھال غۇلامىدىن پاختانى قاتتىق ئازابلايدۇ. ئۇ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» نى ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ.(12)

غۇلامىدىن ئەپەندى 1967-يىلىدىن باشلاپلا ئامېرىكىدا «تۈركىستان مىللىي كۇتۇپخانىسى» قۇرۇش ئارزۇسىدا بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ھالبۇكى، ئەينى ۋاقىتتىكى شەرت-شارائىت بۇنىڭغا يار بەرمەيدۇ. ئۇ شۇنىڭغا قارىماستىن داۋاملىق كىتاب-ماتېرىيال توپلايدۇ. 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە غۇلامىدىن ئەپەندى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور ئېدۋارد ئالۋورتنىڭ قوللىشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي تەتقىقات مەركىزى» ناملىق ئىلمىي جەمئىيەت قۇرىدۇ. كېيىنچە ئۆزىنىڭ ھاياتى بويى توپلىغان كىتاب-ماتېرىياللىرىنى ئاساس قىلىپ بىر تور كۇتۇپخانىسى قۇرۇش پىلانىنى تۈزىدۇ.

1980-يىللاردا خىتايدا خەلقئارا كىتاب سېتىش مۇلازىمىتى سىرتقا ئېچىلىدۇ. بۇ ھال غۇلامىدىن پاختانى ئايرىلغىلى 30 يىلدىن ئاشقان ۋەتىنىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئىگە بولۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ بېيجىڭدىكى خەلقئارا كىتاب مۇلازىمەت شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆز ئىقتىسادى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا نەشر قىلىنغان يۈزلەرچە كىتابلارنى، «تارىم»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «بۇلاق»، «مىراس»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «تەڭرىتاغ» قاتارلىق ئۇيغۇرچە ژۇرناللارنىڭ پۈتۈن سانلىرىنى سېتىۋالىدۇ. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك جەرياندا توپلانغان مىڭلارچە كىتاب-ماتېرىياللار ئۇنىڭ شەخسىي كۇتۇپخانىسىنى مۇھاجىرەتتىكى بىر خەزىنىگە ئايلاندۇرىدۇ. 2015-يىلىغا كەلگەندە 80 ياشتىن ئاشقان بۇ بوۋاي ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۆمۈر بويى توپلىغان كىتاب-ماتېرىياللىرىنى ئېلېكترونلۇق نۇسخىلاپ، «ئالتۇن ئوق» تور كۇتۇپخانىسى دېگەن نام بىلەن ئۆز خەلقىگە تەقدىم قىلىدۇ. (13)

«مەن ئۆمۈر بويى يىغقان قىممەتلىك كىتاب-ماتېرىياللىرىمنى، ۋەتەن تارىخىغا دائىر ئەسەر-ۋەسىقىلەرنى، ھۆججەت خاراكتېرلىك بەلگە-ئەستىلىكلەرنى ۋە ئۆزۈم شاھىت بولغان ئىشلارنىڭ يازما خاتىرىلىرىنى توپلاپ چىقتىم. مەندىن خەلقىمگە بىر ئەستىلىك قالسۇن دەپ ›ئالتۇن ئوق‹ ناملىق تور بەتنى ئاچتىم ۋە ئۆمۈرلۈك يىغمىلىرىمنى بۇ تور بەتكە قويدۇم، » – دەيدۇ غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىم.

ئۇ نيۇ-يوركنىڭ لوڭ ئىسلاند رايونىدىكى شەخسىي تۇرالغۇسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن «ئالتۇن ئوق» ناملىق بۇ تور بەتنى ئاچقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

غۇلامىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك خەزىنىسى جۇغلانغان بۇ تور بەتكە ئىسىم تاللاشتا ئۇزاق ئىزدەنگەنلىكىنى، ئەڭ ئاخىرىدا «ئالتۇن ئوق» دېگەن بۇ نامنى بېكىتكەنلىكىنى، «ئالتۇن ئوق» نىڭ تارىختىن بۇيان ئەجدادلار قالدۇرغان بىلىم، تەجرىبە ۋە ئەستىلىكلەرگە سىمۋول قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.(14)

غۇلامىدىن پاختا 1992-يىلىدا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى»نىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا ئاكتىپ ماسلاشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئوينايدۇ.

نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تەۋەررۈك ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابچىمىز غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىگە سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز.

ئەسكەرتىش: بۇ تەرجىمھال ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمى مۇخبىرى قۇتلان ئەپەندىنىڭ غۇلامىدىن پاختا ئاكا ھەققىدە ئىشلىگەن 38 قىسىملىق چاتما سۆھبىتىگە ئاساسەن تەييارلاندى. ماقالىدىكى بارلىق مەزمۇن ۋە نەقىل مەنبەسى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن بارچە سۆز-جۈملىلەر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى قۇتلاننىڭ ئەمگىكىدۇر.

تەييارلىغۇچى: ھېكمەتيار ئىبراھىم.

(«ئۇيغۇرلار ژۇرنىلى»نىڭ 11-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

نەقىل مەنبەلىرى:

  1. https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/mehbusluq-meshqi-05162017130824.html/ghulamidin-paxta-05162017154444.html
  2. https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/mehbusluq-meshqi-05162017130824.html/ghulamidin-paxta-05162017154444.html
  3. https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/ghulamidin-paxta-05232017153058.html
  4. https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/ghulamidin-paxta-05302017151713.html

(5) https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/ghulamidin-paxta-07112017134554.html

(6) https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/ghulamidin-paxta-08012017125445.html

(7) https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/ghulamidin-paxta-08152017144254.html

(8) https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/ghulamidin-paxta-08292017143449.html

(9) https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/ghulamidin-paxta-09262017154847.html

(10) https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/ghulamidin-paxta-10032017141541.html

(11) https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/ghulamidin-paxtining-hayati-29-11282017201048.html

(12) https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/ghulamidin-paxta-01092018135206.html

(13) https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/ghulamidin-paxta-01162018144348.html