غۇلجا تۇڭگان مەسچىتى

غۇلجا تۇڭگان مەسچىتى



غۇلجا تۇڭگان مەسچىتى غەربى شىمال چېگرا شەھىرىدىكى مەشھۇر مەسچىت . ئەسلىي نىڭگۇ مەسچىتى ، شەنشى چوڭ مەسچىتى ، شەنشى - گەنسۇ چوڭ مەسچىتى قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتىلاتتى . ئورنى غۇلجا شەھرىدە . چىڭ سۇلالىسى چىيەنلوڭنىڭ 25 -يىلى ( 1760 - يىلى ) قۇرۇلۇشقا باشلىغان ، شەنشى ، گەنسۇ ، نىڭشىيا ، چىڭخەيلىك خۇيزۇ مۇسۇلمانلىرى مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ چىققان . ئەسلىي ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 6000 كۋادىرات مېتىردىن ئاشاتتى . ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى شىئەن شەھرىنىڭ خۇجۆ كوچىسى مەسچىتىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان بولۇپ ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى قەسىرلىرى شەكلى بىلەن ئەرەبچە بېزەش سەنئىتى بىرلەشتۈرۈلگەن بىناكارلىق ئۇسلۇبىغا تەۋە . مەسچىت دەرۋازىسىنىڭ ئىككى يېنىدا يان ئىشىكلىرى بار بولۇپ ، ھەر قايسى يان ئىشىكلەرنىڭ قوش ئادەم ( خەنزۇچە ) شەكلىدىكى توسما تېمى بار .دەرۋازىنىڭ ئىچىدە تىك سېلىنغان ئۈچ قەۋەتلىك ئەزان ئېيتىش پەشتىقى بار . نامازخاننىڭ يەر مەيدانى 600 كۋادىرات مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ ، سىرتقى نامازخانا ، ئوتتۇرا نامازخانا ۋە كەينى نامازخانلارغا بۆلۈنگەن 42 بۆلمىسى بار ، ھەممىسى بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى ناماز ئوقۇيالايدۇ . ئۈچ ئۆگزە چېتىلما مۇنار قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ . كەينى نامازخانىنىڭ سىرتقى شەكلى تۆت قەۋەتلىك سەككىز بۇرجەكلىك شىپاڭسىمان قۇرۇلۇش بولۇپ ، ئىچى گۈمبەزسىمان قۇرۇلمىلىق ، نامازخانىنىڭ ئالدى تېمىدا ئەرەبچە << مەسچىت >> دېگەن خەت ھەمدە روجەك ۋە ئىشىك قاناتلىرىغا نەقىش ئويۇلغان ، نامازخانىنىڭ ئىككى ئىشىكى ئىچىدىكى تاملارغا ئايەتلەر ئويۇلغان ، ئوڭ ئىشىكىنىڭ سىرتىدىكى تېمىغا << ئاللاھقىلا سەجدە قىلىمىز >> دېگەن سۆز ، سول ئىشىكىنىڭ سىرتىدىكى تېمىغا << ئاللاھنى پاك دەپ مەدھىيلەيمىز >> دېگەن سۆز ئويۇلغان . ئوتتۇرا نامازخانا بىلەن كەينى نامازخانا ، سىرتقى نامازخانلارنىڭ ھەممىسى ئەينەكلىك دېرىزىلەر بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ . نامازخانىنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىدە كىچىك مەدرىسلەر بار ، ھەممىسى پېشايۋانلىق قۇرۇلمدا بولۇپ ، بىر قەدەر مۇكەممەل ھەم ئورۇنلاشتۇرلىشى مۇۋاپىق ئىمارەت توپىنى شەكىللەندۈرىدۇ .