غۇيەشى سۇقۇتى تەڭرىقۇت

غۇيەشى سۇقۇتى تەڭرىقۇت - شىتۇڭشىجۇ قۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 63-يىلىدىن 85-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ، ئۇ مىلادىيە 73-يىلى شەرقي خەن سۇلالىسى بىلەن بىرلىكتە خېشى رايونىغا بېسىپ كىرگەن شىمالىي ھونلارغا قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتكەن ، ئۇرۇشتا شىمالىي ھونلار قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ ، قۇملۇقتىن ئۆتۈپ قېچىپ كەتكەن ، بۇ ۋاقتتا شىمالىي ھونلار خېلىلا ھالسىرىغان بولۇپ ، ئالدى تەرەپتە جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ، ئارقا تەرەپتە تۇرالارنىڭ ، سول تەرەپتە سىيانپىيلارنىڭ ، ئوڭ تەرەپتە غەربي يۇرتنىڭ ھۇقۇمىغا ئۇچراپ ، خەلقى تېرقتەك چېچىلىپ كەتكەن . غۇيەسى سۇيۇتى تەڭرىقۇت مىلادىيە 85-يىلى كېسەپ سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان .