غېنى باتۇر -- خەلق قەھرىمانى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خەلق قەھرىمانى، ھەربىي قوماندان غېنى مۇھەممەت باقىر 1901 - يىلى غۇلجا ناھىيە قاش يېزىسىنىڭ تۇردىيۈزى مەھەللىسىدە كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. غېنى كىچىگىدىنلا ئىشچان، باتۇر، كۈچلۈك، غەيرەتلىك بالا بولۇپ، بالا ۋاقتىدا چېلىشىشتا داڭق چىقىرىدۇ ۋە ئېگىز بوي، گەۋدىلىك، يوغان باش، كەڭ ۋە سوزۇق يۇزى قىپ - قىزىل، قوي كۆز، كەم سۆز ئادەم بولۇپ يېتىلىپ چىقىدۇ .

غېنى 16 ياش ۋاقىتلىرىدا بىر كۈنى تۇققۇزتارادا باتۇرلۇق ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان ئاتلىق بىر قازاق يىگىتكە: «مەن مۇشۇ ئالا ئېتىڭنى ئاشۇ قارا ياغاچ تۈۋىگە ئاپىرىپ ئەكەلسەم نېمە دەيسەن؟» دەپ 150مىتىر ئارلىقنى كۆرسىتىدۇ. قازاق يىگىت: «ئەگەر دېگىنىڭدەك قىلساڭ، ئاتنى ساڭا بەردىم . قىلالمىساڭ ئاۋۇ تورۇق ئېتىڭ مېنىڭ» دەيدۇ، غېنى بارغان پېتى ئاتنى يەلكىسىگە ئېلىپ ماڭىدۇ، قىيقاس كۆتۈرىلىدۇ . غېنى ئاتنى كۆتۈرۈپ قارياغاچتىن 100مېتر نېرى يەرگە ئېلىپ بېرىپ، قايتۇرۇپ ئەكىلىدۇ . خالايىق ھەيران قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن غېنىنىڭ «باتۇر» دېگەن نامى پۈتۈن ئىلى رايۇنىغا تارقىلىدۇ. ھەم زۇلۇمغا، جازانىخورلۇققا قارشى ھەركەت قىلىدىغان نوچىلار غېنىنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىشقا باشلايدۇ. ئۇلار زالىم بەگلەر، جازانىخور بايلار، ئەمەلدارلارنى تىللايدۇ، مەسخىرە قىلىدۇ، ئېپى كەلسە ئۇلارنىڭ مال مۇلكىنى ئوغۇرلاپ، يىتىم - يىسىرلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ . شۇڭا غېنى 1944 يىلىغىچە كۆپ قېتىم تۇرمىلەرگە تاشلىنىدۇ، ھەر قېتىم قامالغاندا كىشەننى ئۇزۇپ تاشلاپ كاچىدۇ .

ئەڭ ئاخىرقى قېتىم غېنى 1944 -يىلى 4 -ئاينىڭ 5 -كۈنى دۈشەنبە ئۈرۈمچى 2 -تۈرمىدىن (ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئورنىدا ) قېچىپ نىلقا ئەتراپىدا يوشۇرنۇپ يۈرىدۇ . شۇ كۈنلەردە نىلقا تاغلىرىدا گومىنداڭغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان فاتىخ باتۇر، ئەكبەر باتۇر، قۇربان بۇرھانىدوف، ئوسمان ئىبرايىمۇف، سىيىت ئاۋان (ئەكبەرنىڭ ئىنىسى)، نۇر ئوبولۇف، ھوشۇر مامۇتۇف، مۇساقان قۇربان، خەمىت مۇسلىمۇف ( فاتىخ باتۇرنىڭ ئىنىسى )، رەفىق بايچۇرىن قاتارلىق پارتىزانلار گۇرۇپپىسى غېنى باتۇرنىڭ ئۈرۈمچى تۈرمىسىدىن قېچىپ كەلگىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىزدەپ تاپىدۇ، شۇنىڭ بىلەن غېنى ئىنقىلابقا قېتىلىدۇ . پارتىزانلىق شىتاپ قۇرۇلغاندا غېنى 2- پارتىزانلار گۇرپپىسىغا مەسئۇل بولىدۇ، بۇ گۇرپپىدا زۇلۇمغا قارشى، ئەركىنلىككە ئىنتىلگۈچى 200 دىن ئارتۇق پارتىزان بار ئىدى .

غېنى شۇندىن باشلاپ ھەرقايسى ئۇرۇش رايۇنلىرىدا باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن غېنى باتۇر دەپ تەرىپلىنىدۇ . غېنى باتۇر ۋە پارتىزانلار گومىنداڭنىڭ غۇلجا تەرەپتىن 10 ماشىنىدا كەلگەن ئەسكىرىنى توسۇپ زەربە بېرىپ، مازار رايونىغا كىرگۈزمەي يوقۇتۇپ ئۇلارنىڭ قورال ياراغلىرىنى غەنىمەت ئالىدۇ . سۇلتان ئوۋەيس مازىرىغا يوشۇرۇن كىرىپ، ساقچى ئىدارىسىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ. ھەر مىللەت خەلقىدىن قامالغان 30 نەچچە كىشىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. غېنى يەنە قارا سۇ، سۇپتاي، مازار رايونىدىكى ئۇرۇشتا ئاتلىق ئىككى قولىدا ئىككى ماۋزۇر بىلەن يامغۇردەك يىغىۋاتقان ئوققا قارىماي دۇشمەن سېپىنى يېرىپ ئۆتىدۇ . دۈشمەن توپىغا ئاتلىق بېسىپ كىرىپ دۈشمەن قولىدىكى قورالنى تارتىپ ئېلىپ چىقىدۇ. غېنىنىڭ بۇنداق باتۇرلىغى خەلق ئىچىدە ھەرخىل ئەپسانىلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ .

غېنى ئارشاڭنى ئېلىش ئۇرۇشىدا ئېغىر يارلىنىپ ئالمۇتۇغا داۋالىنىشقا بارىدۇ ۋە داۋالىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۇنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتى، قوماندانلىق ماھارىتىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا پولكوۋنىكلىق ھەربى ئۇنۋان ۋە «خەلق قەھرىمانى» دېگەن ھۆرمەتلىك نامنى بېرىدۇ. ئۇ ئازاتلىققا قەدەر ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، مىللى ئارمىيە ھەربى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىغى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولىدۇ . ئۇ بۇ جەرياندا «جۇمھۇرىيەت»، «ئازاتلىق»، «ئىستىقلالىيەت»، «باھادىرلىق ئۈچۈن» قاتارلىق كۆپلىگەن ئوردىنلار بىلەن تارتۇقلىنىدۇ.

ج ك پ قىزىل ئارمىيىسى كىرگەندىن كېيىن ئۆلكىلىك سىياسى مەسلەھەت كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ . كېيىن كېيى فاتىخ باتۇر بىلەن لەنجۇدا 1953- يىلىغىچە دەم ئالىدۇ . 1953 - يىلىنىڭ ئاخىرى قايتىپ كېلىپ ئۆلكىلىك سىياسى مەسلەھەت كېڭىشىگە ئەزا بولىدۇ . 1954- يىلىنىڭ ئاخىرى غۇلجىغا كېتىدۇ ۋە 1956 - يىلىنىڭ ئاخىرى ھازىرقى قازاقىستانغا چىقىپ كېتىدۇ. 1997 - يىلى 96 يېشىدا ئالمۇتا شەھىرىدە ۋاپات بولىدۇ .