شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور غەنى غوپۇر 1972-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى توقسۇن ناھىيەسىدە دېھقان ئاىلىسىدە تۇغۇلغان. 1990-يىلى 9-ئايدىن 1995-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئاساس ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇپ باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا، 1995-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا قوللىنىشچان ماتېماتىكا بويىچە ماگىستېر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، تەبىئىي پەنلەر ماگىتېرى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1998-يىلى 9-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ماتېماتىكا-سىستېما پەنلىرى تەتقىقات ئورنىدا قوللىنىشچان ماتېماتىكا ئىلمى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، تەبىئىي پەنلەر دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇ مەزگىلدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باۋجيې مۇنەۋۋەر دوكتور ئاسپىرانتلار ئوقۇش مۇكاپاتىغا ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىيە باشلىقى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2001-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ئىلمى دوكتور ئاشتى كۈچمە تەتقىقات پونكىتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، 2003-يىلى 6-ئايدا بۇ يەردىكى تەتقىقاتىنى تاماملاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈزى تەربىيەلىگەن تۇنجى پوستدوكتور بولۇپ قالغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا-سىستېما پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى (31 يېشىدا پروفېسسور بولغان)، دوكتور ئاسپىرانتپار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، جۇڭخۇئا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى.

غەنى غوپۇر ھەرقايسى جەھەتلەردىكى كۈرۈنەرلىك خىزمەتلىرى بىلەن 2004-يىلى «شىنجاڭدىكى ئون مەشھۇر ياش»نىڭ بىرى بولغان، 2005-يىلى 10-ئايدا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پوستدوكتور مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن، 2006-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ئىلغارى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. 2006-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ جۇڭگو يادرو ئېنېرگىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «تەدبىقىي فۇنكسىيونال ئانالىز» زھۇرنىلى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. 2008-يىلى 1-ئايدا «يېڭى ئەسىردىكى مىليونلىغان ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى»نىڭ دۈلەت دەرىجىلىك نامزاتى بولغان. پروفېسسور غەنى غوپۇر ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردىكى زھۇرناللاردا 49 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى (بۇ مەلۇمات كونىراپ قالدى)، بۇنىڭ ئىچىدىكى 32 پارچىسى نۇقتىلىق زھۇرناللاردا ئېلان قىلىندى، 8 پارچىسى سچى تەرىپىدىن، 28 پارچىسى مر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا ئەنگلىيەدە ئىككى پارچە كىتابى نەشر قىلىندى. دۈلەت تەبىئىي پەنلەر تەتقىقات فوندى تۈرىدىن بىرى، پوستدوكتورلار ئىلىم-پەن فوندى تەتقىقات تۈرىدىن بىرى، مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ نۇقتىلىق پەن تەتقىقات تۈرىدىن بىرى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەتقىقات تۈرىدىن بىرى ھەمدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن تەتقىقات تۈرىدىن بىرى ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە تاماملاندى.

ئۇنىڭ ئۈچرەت نەزەرىيەسى جەھەتتىكى نەتىجىلىرى كۈزگە كۈرۈنەرلىك بولۇپ، 2001-يىلى 8-ئايدا تەكلىپ بويىچە «مەملىكەتلىك 2-نۈۋەتلىك فۇنكسىيونال ئانالىز ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا 45 مىنۇت دوكلاد بەرگەن . ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە تەبىئىي پەنلەر تەتقىقاتى مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالىلىرى» 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا (مۇستەقىل ئىشلىگەن)، «شىنجاڭ ياشلار پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى»غا، «خېنەن ئۈلكىسىنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى مۇكاپاتى»نىڭ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا (ئۈچ كىشى بىرلىكتە ئىشلىگەن بولۇپ، 2-ئاپتور بولغان)، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى»نىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى)


بۇ ماقالە ماتېماتىكا بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  https://web.archive.org/web/20111105003740/http://matimatik.blogbus.com/logs/75079949.html