غەربىي قاراخانىيلار

غەربىي قاراخانىيلار بۈيۈك قاراخانىيلار قاغانلىقىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنىشى بىلەن ماۋەرائۇننەھردە قۇرۇلغان سىياسىي ھاكىمىيەت.

ئۆتمۈشچە

تەھرىرلەش

مۇھەممەد ئىبنى ناسىر (مىلادىنىڭ 1040 - يىلىدىن 1052 - يىلىغىچە خان بولغان) باشتا ئۆزىنى ئىلىكخان دەپ ئاتىدى. مىلادىنىڭ 1040 - يىلىغا كەلگەندە مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ئۆزىنى «تاۋغاچ بوغراخان» دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ قاراخانىيلار دۆلىتى شەرقىي قاراخانىيلار ۋە غەربىي قاراخانىيلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى. سۇلايمان ئارسلانخان شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ خانى بولۇپ قالدى.

سۇلايمان ئارسلانخان غەربىي ئىلىكخانلىرى مۇھەممەد بىلەن ئىبراھىم بۆرە تېكىننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى چەكلەشكە ئىمكانىيەت تاپالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەل شۇ چاغدا ــ مىلادىنىڭ 1041 - يىلى قاراخانىيلارنىڭ شەرقىي شىمالدىكى تېررىتورىيىسى ئىچىگە كىرىدىغان ئېرتىش ۋە بالقاش بويلىرىدا ياشايدىغان ياباقۇلار، باسمىللار، چومۇللار، يەمەكلەر ئىسيان كۆتۈردى.

ئىشەنچلىك تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ياباقۇلارنىڭ خانى بوكى بوزراچ نۇرغۇن قوشۇن توپلاپ (باسمىللار، چومۇللار، يەمەكلەر بىلەن بىرلىشىپ) قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى قەشقەرگە بويسۇنۇشتىن باش تارتقان. سۇلايمان ئارسلانخان بىكەچ ئارسلان تېكىن قوماندانلىقىدىكى 40 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى بوكى بوزراچ باشچىلىقىدىكى 700 مىڭ كىشىلىك ئىسيانچىلارغا (ئېھتىمال 70 مىڭ كىشى بولۇشى كېرەك) قارشى ماڭدۇرغان. ئارسلان تېكىن بوكى بوزراچنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرگەن. ياباقۇلار سۇلايمان ئارسلانغا سادىق بولۇشقا ۋەدە بەرگەن، ئىككى ئوتتۇرىدا بىتىمنامە تۈزۈلگەن. كېيىن بىتىمنامىنى بۇزغان باسمىللار، چۆمۈللەر قايتىدىن ئىتائەتكە كەلتۈرۈلگەن. ئارسلان تېكىننىڭ مىلادىنىڭ 1041 - يىللىرى ياباقۇلار ئۈستىدىن قازانغان بۇ غەلىبىسىدىن كېيىن، بالقاش كۆلى بىلەن ئارال كۆلىنىڭ ئەتراپلىرى بىر مەزگىل قاراخانىيلارغا قارىغان.

مانا شۇ ۋەقە توغرىسىدا مەھمۇد كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ بىرقانچە جايلىرىدا بىزگە ئىشەنچلىك ۋە قىممەتلىك بولغان مەلۇمات قالدۇرغان:

مەسىلەن:

«بوزراچ (بوكى بوزراچنى دېمەكچى) يەنە قۇترىدى،

ئۇ باتۇرلىرىنى تاللىدى،

قوشۇنلىرىنى يەنە قايرىدى،

كەلمەك بولۇپ توپلىنىۋاتىدۇ.»[1]

بوكى بوزراچ ئارسلان تېكىن بىلەن بولغان ئۇرۇشتا باشتا مەغلۇپ بولغان، كېيىن ئۇ يەنە كۈچ توپلاپ كېلىپ ئورۇشقان.

«تاڭ ئاتقاندا ماڭايلى،

بوزراچ قېنىنى ئىستەيلى،

باسمىل بېگىنى ئۆرتەيلى،

ئەمدى يىگىتلەر توپلانسۇن.»[2]

يۇقىرىدىكى بىر كۇپلېت قوشاققا قارىغاندا، ياباقۇلار، ئارسلان تېكىن تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلگەن خانى بوكى بوزراچنىڭ ئۆچىنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان، باشتا ياباقۇلارنىڭ تەرىپىنى ئالغان باسمىللار ئۇرۇشتا ئارسلان تېكىنگە بويسۇنۇپ، ئىتتىپاقچىسى بولغان ياباقۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ياباقۇلار باسمىللاردىن ئۆچ ئالماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ بېگىنى ئوتتا كۆيدۈرۈشكە بەل باغلىغان.

«ئېرتىش بويىدىكى يەمەكلەر،

بىلەكلىرىنى تۈرمەكتە،

يۈرەكلىرىنى قىلىشىپ قاپتەك،

بىزگە قارشى كەلمەكتە.

«يەمەكلەر ــ قىپچاقلارنىڭ بىر ئايمىقى. شېئىردا مۇنداق دېيىلگەن: ئۇلار بىلەكلىرىنى چىڭ تۈرۈپ، قاتتىق غەزەپ بىلەن بىزنىڭ ئۈستىمىزگە بېسىپ كېلىشكە توپلانماقتا.»[3]

بىز باشتا ئېيتقاندەك، ئېرتىش بويىدا ياشايدىغان يەمەكلەر، ياباقۇلار بىلەن بىرلىشىپ، قاراخانىيلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنىدى:

«پۈتۈمنامە تۈزۈشىدۇ،

يەنە قەسەم بېرىشىدۇ،

خاندىن ياردەم تىلىشىدۇ،

ئەمدى باسمىل، چۆمۈللەر

بىزلەر بىلەن تىركىشىدۇ.

ياباقۇ جېڭىدە قاغانقا قارشى چىقماسلىققا، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا قەسەم ئىچىلىپ پۈتۈمنامە تۈزۈلدى. خەلق قاغاندىن ياردەم سورىدى. باسمىل بىلەن چۆمۈللەر بىزگە قارشى توپلىنىۋىدى. قاغان يېتىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۆزلىرىنى ئەسىر قىلدى.»[4]

مەھمۇد كاشغەرى خاتىرىلىگەن بۇ مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ياباقۇلار ئارسلان تېكىن تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغاندا، ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقچىسى باسمىللار بىلەن چۆمۈللەر قاراخانىيلار قاغانى سۇلايمان ئارسلانخانغا سادىق بولۇشقا قەسەم ئىچىشىپ، ئىككى ئوتتۇرىدا بىتىمنامە تۈزۈلگەن. كېيىن باسمىللار بىلەن چۆمۈللەر ۋاپاسىزلىق قىلغاندا، قاغان سۇلايمان ئارسلانخان ئۆزى قوشۇن بىلەن كېلىپ ئۇلارنى تارمار قىلىپ باشقىدىن بويسۇندۇرغان:

«قىزىل بايراق كۆتۈرۈلدى،

قارا چاڭ - توزان ئۆرلىدى،

ئوغراقلار بىزگە كېلىپ قوشۇلدى،

ئۇرۇش بىلەن بولۇپ قېلىپ كېچىكتۇق.»

«مۇسۇلمانلار قوشۇنىدىن قىزىل بايراق كۆتۈرۈلدى، قارا چاڭ - توزان ئۆرلىدى؛ ئوغراقنىڭ ئاتلىقلىرى بىزگە كېلىپ قوشۇلدى. بىز بىرلىكتە ئۇرۇشتۇق، شۇ سەۋەبتىن كېچىكتۇق.»[5]

بىز يۇقىرىدىكى بىر كۇپلىت قوشاقتىن ئىككى مەسىلىنى ئېنىقلىۋىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىمىز. ئۇنىڭ بىرى، بىز باشتا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت بايرىقى ئوتتۇرىغا توققۇز شاخلىق ئالتۇن رەڭ ئارچا چۈشۈرۈلگەن توق قىزىل شايى بايراق ئىدى. قوشاقتىكى «مۇسۇلمانلار قوشۇنىدىن قىزىل بايراق كۆتۈرۈلدى» دېگەن قۇر، قاراخانىيلارنىڭ مۇسۇلمان دىنىغا ئىشىنىدىغان قوشۇنلىرى كۆتۈرگەن قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆرستىدۇ. ياباقۇ، باسمىل قاتارلىق شامان دىنىغا ئىشىنىدىغان ئاھالە بىلەن بولغان بۇ ئۇرۇش مىلادىنىڭ 1041 - يىلى بولۇپ ئۆتكەنىدى. بۇ قۇشاقتىن يەنە مىلادىنىڭ 1041 - يىلى بولغان بۇ ئۇرۇشتا، ئوغراقلارنىڭ قاراخانىيلارغا ياردەم بەرگەنلىكى مەلۇم.

مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن كەلتۈرۈلگەن يۇقىرىدىكى نەقىللەر قاراخانىيلارنىڭ ئۆز تارىخىدا بۇددىست ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت قانلىق ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپلا قالماي، بەلكى شامان دىنىدىكى (ياباقۇ باسمىل، چۆمۈل، يەمەكلەر شامان دىنىدا ئىدى) خەلقلەرنىمۇ ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن قانلىق ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

دېمەك، سۇلايمان ئارسلانخان مىلادىنىڭ 1041 - يىللىرى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ياباقۇلار باشچىلىقىدىكى ئىسياننى باستۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، غەربىي ئىلىكخانلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى ئۈنۈملۈك ھالدا چەكلەشكە ئامال قىلالمىدى.

مۇھەممەد بىلەن ئىبراھىم بۆرە تېكىن ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوڭۇشلۇق بولغان ئەنە شۇنداق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىق يولىغا ماڭدى. ئۇلار مىلادىنىڭ 1040 - يىلىدىن باشلاپ غەربىي قاراخانىيلار سەمەرقەندنى پايتەخت قىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ قاراخانىيلار شەرقىي ۋە غەربىي قاراخانىيلارغا رەسمىي بۆلۈنۈپ كەتتى.[6]

غەربىي قاراخانىيلارنىڭ قاغانلىرى

تەھرىرلەش

1. مۇھەممەد ئىبنى ناسىر، 1040 - 1052

2. ئىبراھىم ئىبنى ناسىر (بۆرە تېكىن)، 1052 - 1068

3. شەمىس ئەل مۇلىك، 1068 - 1080

4. خىزىرخان، 1080 - 1081

5. ئەھمەدخان (I)، 1081 ـ 1095

6. ياقۇپخان، 1089 - ؟

7. مەسئۇدخان (I)، 1095 - 1097

8. سۇلايمانخان، 1097 - ؟

9. مەھمۇدخان (I)، 1097 - 1099

10. جەبرائىلخان، 1099 - 1102

11. مۇھەممەدخان (II) (مۇھەممەد ئارسلانخان)، 1102 - 1132

12. ئىبراھىمخان(II)، 1132 - ؟

13. مەھمۇدخان (II)، 1132 - 1141

14. ئىبراھىمخان (III)، 1141  - 1156

15. ئەلىخان، 1156  - 1160

16. مەسئۇدخان(II)، 1160 - 1178

17. ئىبراھىمخان (IV)، 1178 - 1204

18. ئوسمان بۇغراخان 1204 - 1212

مەنبەلەر

تەھرىرلەش
  1. مەھمۇد كاشغەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» I توم 196 - بەت.
  2. «تۈركىي تىللار دىۋانى » III توم 486 - بەت.
  3. «تۈركىي تىللار دىۋانى» I توم 426 - بەت.
  4. «تۈركىي تىللار دىۋانى» I توم 599 - 600 - بەتلەر.
  5. «تۈركىي تىللار دىۋانى» III توم 254 - بەت.
  6. تۇرغۇن ئالماس، «ئۇيغۇرلار»دىن ئېلىندى