فارادىن بىئو-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

شىنجاڭ«فارادىن»بىئو -تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىت 2015 يىلى مۇخپۇل ئابلىز تەرپىدىن قۇرۇلغان . شىنجاڭ«فارادىن»بىئو -تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان 20 نەچچە پەن-تەتقىقات خادىمى بار بولۇپ، بۇ شىركەت شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزىي تەجرىبىخانىسى، فىرانسىيە پارىژ 7- ئۇنىۋېرسىتېتى دورا -خېمىيە تەجرىبە مەركىزى، فىرانسىيە نانسى 1- ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى دورا تەتقىقات مەركىزى ۋە شىنجاڭ مەرۋايىت دورىگەرلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن تۈرلەرنى ئېچىش ۋە پەن -تەتقىقات جەھەتتە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. قىسقىغىنە ئۈچ يىلدا، «فارادىن» ماركىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى تورى سودا شەھەرچىسىنىڭ «داڭلىق ماركا» شەرىپىگە، شىنجاڭ «فارادىن» شىركىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن«تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە ئىگىلىك تىكلەش ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» دىگەن شەرەپكە نائىل بولدى. مۇخپۇل ئابلىزمۇ ئاپتونوم رايون بويىچە چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايىتقان مۇنەۋۋەر شەخس»دىگەن شەرەپكە ئېرىشتى.